ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(13-مارتتىن 19-مارتقىچە)

ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(13-مارتتىن 19-مارتقىچە)

 ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(13-مارتتىن 19-مارتقىچە)

بۇ ھەپتە ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر تۆۋەندىكىچە:

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا NBC خەۋەر تورى 17-مارت ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركىزى گوللاندىيەنىڭ دەن ھاخ (Den Haag) شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (International Criminal court) جۈمە كۈنى (يەنى 2023-يىلى 17-مارت) بايانات ئېلان قىلىپ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۈستىدىن «ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن خەلقئارادا تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.

سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان خەۋەر دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «پۇتىننىڭ ئەسكەرلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزى ئالدىدا پۇقرالار تۇرىدىغان بىنالارغا راكېتا بومبىلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى، بىگۇناھ خەلقنى قىيناپ ئۇلارنى قىرغىن قىلدى، شۇنداقلا سىستېمىلىق ھالدا قىز ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلدى…» ۋاھازاكالار 

دوكلاتتا دېيىلىشىچە،  رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى باشلىنىپ ھازىرغىچە 7000دىن ئارتۇق  بىگۇناھ پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان،كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 مىليوندىن ئارتۇق خەلق ئۆز يۇرتلىرىنى تاشلاپ باشقا جايلارغا سۈرگۈندە بولۇشقا مەجبۇر بولغان. سوتنىڭ دوكلاتىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بارلىق جىنايەتلەرنىڭ بولۇپمۇ نارەسىدە بالىلارنىڭ سەرگەردان بولۇشى قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ باش جاۋابكارلىقىنى پۇتىن ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پرېزىدېنت مەھكىمىسى بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئالاھىدە خادىمى مارىيە ئالېكساندىريېۋاغىمۇ ئوخشاش شىكايەت بىلەن خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.

ئىستانبۇلدىكى كىتاب يىغىۋېلىش ھەرىكىتى قاتتىق قارشىلىققا ئۇچراپ مەغلۇپ بولدى

2023-يىلى 15-مارت كۈنى چۈشتىن  كېيىن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سافا كۆي رايونىغا جايلاشقان «قۇتادغۇ بىلىك كىتابخانىسى» غا ساقچىلار كىرىپ كىتابخانىدىكى پۈتۈن كىتابلارنى، مۇھىمراق ئۇيغۇر تارىخ كىتابلىرىنى «نەشر ھوقۇقى يۇق ئىكەن» دېگەندەك باھانە سەۋەبلەر بىلەن مۇسادىرە قىلىش ئۈچۈن، ماشىنىلارغا بېسىپ ئىلىپ ماڭغان. 

بۇ جەرياندا  كىتابخاننىڭ ئىگىسى بىلەن ئىشلەيدىغان  خىزمەتچى ھەمدە شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولۇپ ، ساقچىلار قوپاللىق بىلەن كىتابخانا ئىگىسىنىڭ بېشىغا، ھەمدە ئىشلەيدىغان بالىنىڭ كۆزىگە مۇشتى بىلەن ئۇرغان. كىتابخانا ئىگىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلەن دوختۇرخانىغا ئىلىپ كېتىلگەن. 
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىلىپ كېتىلگەن.

ئاخىرىدا نەق مەيداندىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتىكىلەرنىڭ يول مېڭىشى بىلەن كىتابلار كىتابخانىغا  قايتۇرۇلۇپ  بېرىلگەن. بۇ ۋەقە تۈركىيەدىلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ قاتتىق غۇلغۇلا ۋە نارازىلىق قوزغىغان. 

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى «ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى» قوللانمىسى بارلىققا كەلدى

 «ئۇيغۇر OSINT گۇرۇپپىسى» تۈزگەن «OSINT ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» ناملىق تور كىتاب يېقىندا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن توردا ھەقسىز تارقىتىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ كىتاب تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىرىلغان «ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى» قوللانمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى يەنى ئىنگلىز تىلىدىكى «OPEN SOURCE INTELLIGENCE» ئاتالغۇسىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىنغان بولۇپ، كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە چۈشەندۈرۈلۈشىچە OSINT نىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ساھەلەرگە يەنى: ھەربىي، ئىقتىساد، تور ئۇرۇشى، ئىلىم-پەن، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەرگە تۇتىشىدىكەن. مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇر خەلقىگە OSINT توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىنى ھاسىل قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇچۇر ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىستىخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

كىتابتا OSINT ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە، قانداق قىلىپ ئۇچۇر، پاكىت توپلاش، ۋە پاكىت توپلاشقا ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق قوراللار، ئىنتېرنېت خەرىتە مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش، سوتسىيال مېدىئالاردا GPS ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش، خەرىتە ئارقىلىق ئوچۇق كامىرالارنى كۆزىتىش، سوتسىيال مېدىئالاردىن ئۇچۇر توپلاش شۇنداقلا خىتاينىڭ مەنبەلىرىدىن ئۇچۇر توپلاشقا دائىر بىلىم ساۋاتلار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەرقانداق ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن OSINT ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىلىم ۋە ئەمەلىي ماھارەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئامېرىكا فىلىپپىن ھەمكارلىقىدا ئەڭ زور كۆلەمدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلمەكچى

فىلىپپىن ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ2023-يىلى 14-مارت بەرگەن باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ ھەمكارلىقىدا «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» نامىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان.

مەزكۇر مانېۋىرغا 12 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى، 5مىڭ فىلىپپىن ئەسكىرى ۋە 111 ئاۋسترالىيە ئەسكىرى قاتنىشىش پىلانلانغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مانېۋىر نۆۋەتتىكى جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىدىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى ئىزچىل زومىگەرلىك بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ تۇرۇۋاتقان فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل فېۋرالدا خىتاينىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان فىلىپپىن دېڭىز قوغداش ئەترىتىنىڭ كېمىلىرىگە قارىتا لازېر نۇرى يېقىپ ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇرغان. ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق باياناتلىرىنى ئېلان قىلغان، ئەمما خىتاي تەرەپ بۇ قىلمىشىدىن تېنىۋالغان. 

پىلانلىغۇچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان
تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋەرلەر بۆلۈمىدىن: ئۇيغۇر تۆرە
كىلەر ھەپتە كۆرۈشكۈچە ئامان بولۇڭلار!

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(6-مارتتىن 13-مارتقىچە)

يە مارت 26 , 2023
ئۇيغۇر رادىئوسى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» پروگراممىسى(6-مارتتىن 13-مارتقىچە)

You May Like