10-قېتىملىق خانىم -قىزلار ئىلىم چېيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى
ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 20-فېۋرال
21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى. ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن ئۇزاق يەرلەردە، خىلمۇ -خىل تىللار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ كۈن تولىمۇ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بىر كۈن.
ئازغىنە كەم ئىككى يىلغا ۋاقىتتىن بېرى، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىستانبۇلغا يىغىلىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان «خانىم-قىزلار ئىلىم چېيى گۇرۇپپىسى» بۇ يىلقى ئانا تىل كۈنى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مەنپەئەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردى.
پائالىيەت دوكتور ئەسئەت سۇلايمان، دوكتور مەمتىمىن ئەلا، تەتقىقاتچى زۇلھايات ئۆتكۈر ۋە جەنۇبى ئاۋسترالىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ تىرىشچان باغۋىنى يۇلتۇز تىيىپچان قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ تەبرىك سۆزلىرى بىلەن باشلىنىپ ھەر قايسى كەسىپتىكى زىيالىي خانىملارنىڭ ئۆز كەسپىي ساھەسىدە ئانا تىلىدا تەييارلىغان ماقالىلەرنى ئوقۇش، ئانا تىل ھەققىدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە زېھىن سىناش سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش قاتارلىق كۈنتەرتىپلەردە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى.
( دوختۇر رازىيە قەشقەرىي خانىم «كۆپ ئۇچرايدىغان راك كېسەللىكلىرى ۋە ئۇنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىلىرى » دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇماقتا)
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتورى راھىلە قەشقەرىي خانىم ، دوكتور ماھىنۇر خانىم قاتارلىقلار ئانا تىل ۋە ئاياللارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشتا بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ رولى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا ماقالە ئوقۇغان خانىملارغا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىلدى.