مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە گېرمانىيە ئىقتىسادى نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدە خىتايغا بېقىنىپ قالغان

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە گېرمانىيە ئىقتىسادى نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدە خىتايغا بېقىنىپ قالغان

 مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە گېرمانىيە ئىقتىسادى نۆۋەتتە ئېغىر دەرىجىدە خىتايغا بېقىنىپ قالغان

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 10-فېۋرال

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ 10-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان تاۋار مىقدارى يىلدىن يىلغا زور دەرىجىدە ئاشماقتا، بۇنىڭ ئەكسىچە گېرمانىيەنىڭ خىتايغا تاۋار ئېكسپورت قىلىش مىقدارى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلىمەكتە ئىكەن. گېرمانىيە ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى(IW) نىڭ قارىشىچە بۇ بىر خىل خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ، ئەگەر تەيۋەن بوغۇزىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قاقتى سوقتى قىلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

گېرمانىيە ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى مۇتەخەسسىسى Jürgen Matthes نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى سان سىفىرلارغا ئاساسلانغاندا گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا مۇئامىلىسى يۇقىرى سۈرئەتتە خاتا يۆلىنىشكە قاراپ كېتىۋاتقان بولۇپ، ئىمپورت جەھەتتىكى يۇقىرى دەرىجىدە خىتايغا تايىنىپ قېلىشى گېرمانىيەگە سىياسىي جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدىكى يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تېزدىن ئۆزىنى قۇتقۇزىدىغان بىر يول تېپىشى زۆرۈر ئىكەن.

ئۇنىڭدىن سىرت گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى ئىقتىساد مىنىستىرى Christian Lindner جۈمە كۈنى (10-فېۋرال) تۋىتتېردا نۆۋەتتىكى خىتاي گېرمانىيە ئوتتۇرىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقنى «خەتەرلىك تەرەققىيات» دەپ تەرىپلىگەن. ئۇ گېرمانىيەنىڭ رۇسىيەدىن ساۋاق ئېلىپ خىتايغا بولغان سودىدىكى تايىنىشنى ئازايتىشى كېرەكلىكىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىدىيەنى ئۆزگەرتىپ ئوخشاش قىممەت قارىشىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ياردەم بېرىشتە مۇستەقىل دۆلەتلەردىن قېلىشمىدى

جۈ فېۋرال 10 , 2023
ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە ياردەم بېرىشتە مۇستەقىل دۆلەتلەردىن قېلىشمىدى

You May Like