2023-يىلى ختايغا ئائىت  ئون چوڭ خەۋەر

1. 14-نۆۋەتلىك  ختاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا ساختا سايلام ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ختاي دۆلەت رەھبەرلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى، دىكتاتۇر شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ختاي دۆلەت رەئىسلىكىگە، ختاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

2. پۈتۈن ختاي كومپارتىيەسىدە شى جىن پىڭنى مەركەز قىلغان دىكتاتۇرلىشش قەدىمى تىزلەشتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر «ختايچە» سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى.

3. ختاي «Bتۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىB تۈر بويىچە باشقۇرۇش»نىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ھىچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسل قىلالماي، ئاخىرى ئېقتسادى بېسم ۋە خەلقنىڭ نارازىلىىقىغا چىدىماي، ۋېرۇس كونتىرۇلىنى بوشاتتى ئەمما ۋېرۇسنى تىزگىنلىدۇق دەپ تەشۋىق قىلدۇق.

4.«بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى مۇناسۋىتى بىلەن3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ختايدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىتالىيە مەزكۇر پىلاندىن چېكىنىپ چىقتى.

5- 51 دۆلەت ب د ت دا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، بايانات ئىلان قىلدى.72 دۆلەت ختاينى قوللاپ بايانات بەردى.

6. ختاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتى «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

7. 2023-يىلى ختاينىڭ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 1 تىرىليون 390 مىليارد 800 مىليون جىڭغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

8. ختاي 31-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە خاڭجۇ 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى

9. شىمالىي ختاي، شەرقىي شىمالدىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەلكۈن ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەردى، مەركەز 1 تىرىليون يۈەنلىك زايوم تارقاتتى.

10.ختاي ئامېرىكا مۇناسۋىتى داۋاملىق جىددىيلەشتى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

2023-يىلى ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئۇيغۇرستاندا قانداق خەلقئارالىق دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئىلىپ باردى؟

جۈ يانۋار 5 , 2024
ئەركىن ئۇيغۇر،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 5-يانۋار، 2024-يىلى 2023-يىلى ختاي كومپارتىيسى ۋەتىنىمىزدە ئۆز مەنپەئ‍ىتى ۋە ئوبرازى ئۈچۈن غايەت زور دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغان بىر يىل بولدى. ختاي ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسيا، ئوتتۇرا شەرق، مۇسۇلمان ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 30 قېتىمدىن  ئارتۇق چوڭ دىپلوماتىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان. ئۇنداقتا ختاي 2023-يىلى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا […]
دۇنيا مۇسۇلمانلار جەمئىيتى

You May Like