2022- يىللىق خىتاي ئىقتىسادىغا نەزەر: «5 لىك دەۋر» نىڭ تۇنجى يىلىدىكى پۇرسەت ۋە خەتەر

بىر مەيدان خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيانىڭ نىشانىنى قايتىدىن تۈزىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى — 2020- يىللى ئىقتىساد مۇسبەت ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسىلا «مۆجىزە»، چېكىنىشى ئانچە چوڭ بولمىسىلا غەلىبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ 2021- يىلى كۆپ خىل ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قايتىدىن جانلىنىپ، ئېشىش نىسبىتى رېكورد ياراتتى؛ ھالبۇكى 2022- يىلى، يەنى خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىپ ئۈچىنچى يىلى بولغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاستا – ئاستا نورمال ھالەتكە قايتىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ ئىقتىسادى زادى قانداق بولىدۇ؟

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 25- دېكابىر

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان

 

بىر مەيدان خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيانىڭ نىشانىنى قايتىدىن تۈزىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى — 2020- يىللى ئىقتىساد مۇسبەت ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسىلا «مۆجىزە»، چېكىنىشى ئانچە چوڭ بولمىسىلا غەلىبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ 2021- يىلى كۆپ خىل ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قايتىدىن جانلىنىپ، ئېشىش نىسبىتى رېكورد ياراتتى؛ ھالبۇكى 2022- يىلى، يەنى خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىپ ئۈچىنچى يىلى بولغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاستا – ئاستا نورمال ھالەتكە قايتىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ ئىقتىسادى زادى قانداق بولىدۇ؟

 

خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقۇمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، بىر قەدەر تۆۋەن ئېشىش سۈرئىتىدىكى ھالەت مۆلچەردىن بالدۇرراق يېتىپ كەلدى. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، كېلەر يىلى خىتاي «5 لىك (%5) دەۋر» نى باشلايدۇ. «5 لىك دەۋر» نىڭ داۋاملىشىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ ئاستىلاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، يەنە يادرولۇق سىياسىي مەسىلىدۇر.

 

«5 لىك دەۋر» نىڭ تۇنجى يېلى

 

«ئومۇمىي مىقداردىن قارىغاندا، 2022- يىلى بولسا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ <5 لىك دەۋر> ىنىڭ تۇنجى يىلىدۇر.» يۆكەي ئاكسىيە شىركىتىنىڭ باش ماكرو ئانالىزچىسى لو جېخىڭنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كېلەر يىلى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەخمىنەن %5.2 بولىدىكەن.

بۇ مۆلچەر نۇرغۇن ئورگانلارنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھۆكۈمەت ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئېلان قىلغان «ئىقتىسادىي كۆك تاشلىق كىتاب: 2022- يىللىق خىتاي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە ئانالىز ۋە مۆلچەر» ىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2022- يىللىق ئېشىش نىسبىتى %5.3 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

خىتاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ مۆلچەرى تېخىمۇ ئۈمىدۋار.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ 2022- يىللىق خىتاي GDP سىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىگە بولغان مۆلچەرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %5.6 ۋە %5.4 بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئېشىش سۈرئىتىگە بولغان مۆلچەرىدىن %0.7 ۋە %1 يۇقىرى.

خىتايدىكى مورگان ستەنلېي بانكىسى (مورگان ستەنلېي بانكىسى بولسا خىتايغا ئەڭ دەسلەپ كىرگەن مەبلەغ سېلىش بانكىلىرىنىڭ بىرى، ت.) نىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى شىڭ زىچياڭنىڭ قارىشىچە، كېلەر يىلى ئۆي – مۈلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى بوشىتىش، باجنى كېمەيتىش، يېشىل ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساس قىلغان تەدبىرلەر بىلەن پۇل تارقىتىش، كرېدىتنى ئۆرلىتىش قاتارلىق تەتۈر دەۋرىيلىك بوشاشتۇرۇش سىياسەتلىرى باشلامچى بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %5.5 كە يېتىپ بارىدىكەن.

تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، خىتاينىڭ 1978- يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش سىياسىتىدىن كېيىنكى 30 يىلدا، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %10 ئەتراپىدىكى يۇقىرى ئورۇندا بولۇپ كەلدى. 2012- يىلى %7،8 كە چۈشۈپ، بۇ «7 لىك دەۋر» تۆت يىل داۋاملاشتى. 2016- يىلى تېخىمۇ ئاستىلاپ، «6 لىك دەۋر» گە كىردى.

ئانالىزچىلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2020 ۋە 2021- يىللىرىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى «5 لىك دەۋر» گە چۈشۈپ قالغان، ئەمما 2022- يىلى %5.3 ئەتراپىدىكى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشىدىكەن.

بىراق لو جېخىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئۈمىدۋارلىقنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، 2022- يىلى بولسا ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ «5 لىك دەۋرى»، كونىنى يوقىتىپ، يېڭىنى تىكلەشنىڭ «5 لىك دەۋرى»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «5 لىك دەۋرى» نىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئىقتىساد قايتىدىن ئوتتۇرا سۈرئەت بىلەن ئۆرلەيدىكەن.

جېشىن مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىشانىنى %5 تىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتىشى مۇمكىنكەن، چۈنكى خىتاي 2035- يىلى خىتاي ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارى بىلەن كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنى بىر قاتلاشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولدى. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، ھازىردىن باشلاپ 2035- يىلىغىچە GDP يىللىق ئېشىش سۈرئىتى %4.8 تىن يۇقىرى بولغاندا، ئاندىن بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 

نېمە ئۈچۈن «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش» قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؟

 

ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشتىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش» قايتا – قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەتتا ئوقۇشلۇق كىتابلارغىچە كىرگۈزۈلدى.

ھالبۇكى، 2016- يىلىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى «6 لىك دەۋر» گە كىرگەندىن بۇيان، ئۆتكەنكى 5 يىللىق مەركىزىي ئىقتىسادىي يىغىندا، پەقەت 2018- يىلىلا «ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، باشقا يىللىرى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.

«ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش» تېخى يېقىندا ئاياغلاشقان بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا «چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلغان پارتىيە ئاساسىي يولىنىڭ تەلىپىدە چىڭ تۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە 2022- يىلى مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئاخبارات ئېلان قىلىش تولۇق تېكىستىنىڭ 25 يېرىدە «مۇقىملىق» تىلغا ئېلىنغان.

تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە، «مۇقىملىق» نى تەكىتلەشنىڭ سەۋەبى، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد «تۇراقسىز»، ھالبۇكى كېلەر يىللىق ۋەزىيەت «مۇقىملىق» قا بەك ئېھتىياجلىق.

كېلەر يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 20- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا 2023- يىلىنىڭ بېشىدا ھۆكۈمەت ئالمىشىدۇ؛ تاشقى دۇنيا شى جىنپىڭنىڭ كېلەر يىلى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە ئېرىشىش مۇمكىنلىكىنى ئومۇمىيۈزلۈك مۆلچەرلىمەكتە. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋت ئالمىشىش يىلىدا، «مۇقىملىق» ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، يەنە سىياسىي مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

شىڭ زىچياڭنىڭ مۆلچەرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىللىق ئېشىش سۈرئىتى نىشانى %6، 5 بولىدىكەن ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەت نۆۋەت ئالمىشىش يىلىدا بېكىتىلگەن نىشاندىن تىرىشىپ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنكەن.

 

خىتاي كەڭ كۆلەمدە «پۇل تارقىتامدۇ» ۋە «پۇل باسامدۇ»؟

 

بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بازار ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا خىتاينىڭ چوقۇم تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ ئادەتتە «پۇل تارقىتىش» ۋە «پۇل بېسىش» دېيىلىدۇ.

ھۆكۈمەت تەرەپمۇ مۇشۇنداق سىگنال بەرمەكتە. يېقىندىلا ئاياغلاشقان مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا «2022- يىلى پۇختا ۋە ئىشەنچلىك پۇل سىياسىتى جانلىق ۋە مۇۋاپىق يولغا قويۇلىشى، ھەرىكەتچانلىق ۋە يېتەرلىكلىكنى ساقلىشى كېرەك.» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۆتكەن يىللارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، 2015-، 2019- يىللاردىمۇ «جانلىق، مۇۋاپىق» ئىپادىلىرى ئوتتۇرىغا چىققان، كېلەر يىلىمۇ ماس ھالدا تېخىمۇ كەڭ بولغان پۇل سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، مەركىزى مالىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھەر قايسى تەرەپلەر ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان سىياسەتلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك، دەپ ئىپادە بىلدۈردى، ھەمدە قىسقارتىش ئۈنۈمى بولغان سىياسەتلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوللىنىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تېخىمۇ روشەن سىگنال شۇكى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي خەلق بانكىسى پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئامانەت زاپىسى نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى. بۇ ھەرىكەت تەخمىنەن 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن تارقىتىدىغاندىن دېرەك بېرىدۇ. پۇلنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىشنىڭ سىگىنالى كۈچلۈك.

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى پۇل مۇئامىلە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى لى داكۈي يېقىنقى بىر پارچە ماقالىسىدە مۇنداق دېدى:

خىتاينىڭ پۇل ۋە مالىيە سىياسىتىنىڭ بوشلۇقى نىسبەتەن چوڭ، ئاكتىپ بولغان تەتۈر دەۋرىيلىك ماسلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىشىشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.

پۇل سىياسىتى جەھەتتە، «خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەت پەرقى يەنىلا تارىختىن بۇيانقى يۇقىرى ھالەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. دېمەك، 2022- يىلى ئامېرىكا ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش مۇساپىسىنى باشلىسىمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل سىياسىتىدە يەنىلا تاقابىل تۇرۇش بوشلۇقى بار.»

مالىيە سىياسىتى جەھەتتە، «مۆلچەرلىنىشىچە 2022- يىلى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە ۋە پۇل سىياسىتى تېخىمۇ ئاكتىپلىشىدۇ، يىللىق ئادەتتىكى مالىيە قىزىل رەقىمى %3 ئەتراپىدا بولىدۇ، ئالاھىدە زايوم (قەرز) نىڭ تارقىتىلىشىمۇ تېخىمۇ جانلىنىدۇ.»

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادشۇناس ۋە تەھلىلچىلەرنىڭ ئاساسلىق كۆزقارىشى ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بەرگەن سېگنالىغا قارىغاندا، 2022- يىلى خىتاي «پۇل تارقىتىش» ۋە «پۇل بېسىپ چىقىرىش» ئارقىلىق ئىقتىسادنى قوزغىتىدۇ.

 

2022- يىلىدىكى ئەڭ ناچار ئەھۋال نېمە بولۇشى مۇمكىن؟

 

يۇقۇمنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە ئىقتىساد نورمال ھالەتكە قايتىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى تېخى ئاياغلاشقىنى يوق.

بۇ ھەپتە، خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە يۇقۇم تارقىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئون نەچچە مىليۇن ئاھالە ئۆيلىرىگە قامال قىلىندى. قاتتىق قامال قىلش تەدبىرلىرى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى، بولۇپمۇ ساياھەت، يېمەك – ئىچمەك، قاتناش قاتارلىق مۇلازىمەت خاراكتېرلىق ئىستېمال تەلەپلىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.

ئۆتكەنكى ئىككى يىلدىن قارىغاندا، يۇقۇم ئەھۋالىمۇ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىستېمال ئادەتلىرىنى بەكلا ئۆزگەرتىۋەتتى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قاتارلىقلار زور دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىپ، ئېشىشقا باشلىدى، ئەمما ئىستېمالنىڭ ئۆسۈشى يەنىلا بەك ئاستا. ئەگەر 2022- يىلى يۇقۇم داۋاملىق تارقالسا، بۇ ھەرگىزمۇ خىتاي ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن خۇش خەۋەر ئەمەس.

ئەمما خۇاچۇاڭ ئاكسىيە شىركىتىنىڭ باش ماكرو تەھلىلچىسى جاڭ يۈنىڭ قارىشىچە، چوڭ تىپتىكى بۇيۇملار ئىستېمالىنى تېخىمۇ ياخشى سىياسەت قىلىش، يېڭى ئېنېرگىيە ماشىنىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلىكلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوشاشتۇرۇش، ئائىلە ئېلىكتېر سايمانلىرىنىڭ توك تېجەش تولۇقلىمىسى قاتارلىقلاردىن ئۈمىد بار ئىكەن.

2008- يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كرىزىسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» سىياسىتىنى قوللىنىپ، كەڭ كۆلەمدە تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق ئىستېمالنى قوزغاتقان ئىدى.

ئىستېمال بېسىمغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىكى زور كۆلەملىك ئېكسپورت خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، ۋاكسىنىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ھىندىستان، ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق يېڭى گۈللىنىۋاتقان بازارلىق دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن، زاكاس تالونلىرى مۇشۇ دۆلەتلەرگە قاراپ ئېقىشى مۇمكىن.

ئەگەر بۇنداق خەتەرلەر تەكرار يۈز بەرسە، ليەن پىڭنىڭ قارىشىچە، 2022- يىلىدىكى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئەڭ ئۈمىدسىز ئەھۋالدىمۇ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشى %6.5، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشى %6، ئېكسپورتنىڭ ئېشىشى %8، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى تەخمىنەن %4.9 بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا خىتاي ئىقتىسادى مۇددەتتىن بۇرۇن «4 لۈك دەۋر» گە كىرىدۇ.

 

2022- يىلى ئۆي – مۈلۈك كەسپى «پارتىلامدۇ»؟

 

ئىستېمال ۋە ئېكسپورتتىن باشقا، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغىنى ئۆي – مۈلۈك كەسپىدىن كېلىدىغان خەتەردۇر. 2020- يىلى، خىتاي كۈچلۈك بولغان نازارەت ئارقىلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، بۇ كەسىپنىڭ ھەددىدىن زىيادە پىشاڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولدى. (پىشاڭ نىسبىتى شىركەتنىڭ قەرز خەۋىپىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، شىركەتنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، ت.) كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى كارخانىلار نازارەت ئارقىلىق باشقۇرۇش تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ قەرزگە ئېرىشەلمەي، مەبلەغ زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدەك خەۋپكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادى ۋەيران بولغان ھامانلا، زەنجىرسىمان رېئاكسىيە پەيدا بولۇپ، پۈتكۈل ئىقتىسادقا تەسىرىنى كۆرسەتتى. كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خىڭدا گۇرۇھىنى مىسالغا ئالساق، خىڭدانىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىيۇننىڭ ئاخىرىغىچە ئومۇمىي قەرزى 1.97 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ بارغان. بۇ سان ۋيېتنام ۋە فىلىپپىندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ GDP سى بىلەن تەخمىنەن تەڭ كېلىدۇ. خىتايدەك دۇنيادىكى ئىككىنچى ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان دۆلەت GDP سىنىڭ %2 گە توغرا كېلىدۇ.

داۋاملىشىۋاتقان سىياسەت بېسىملىرى ئۆي – مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ كىرىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قەرز بېسىمىنى ئۈزلۈكسىز چوڭايتىۋەتتى، بۇ 2022- يىلىمۇ داۋاملاشسا، ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن، «ئۆي – مۈلۈكتە ھايانكەشلىك قىلماسلىق» قاتتىق سىياسىتىدىن كېيىن، خىتايدا بازارغا بولغان بېسىمنى بوشاشتۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن، ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى بەرگەن سىگنال بولسا كاپالەتلىك ئۆي – مۈلۈك قۇرۇلىشىنى تەرققىي قىلدۇرۇش، تاۋار بازارلىرىنىڭ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈشىنى قوللاش، ئۆي – مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ۋە ياخشى سۈپەتلىك دەۋرىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇلتۇر پەقەت «ياخشى سۈپەتلىك دەۋرىيلىك» دېگەن ئىپادىلا بارتتى.

بۇنىڭغا قارىتا، يىجۈ تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئەقىل ئامبىرى مەركىزىنىڭ تەتقىقات دېرىكتورى يەن يۆ تاراتقۇلارغا بۇ جۈملە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۆي – مۈلۈك كارخانىلىرىغا ئېنىق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بەردى، دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ئۆي – مۈلۈك بازىرىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك دەۋرىيلىكىنى چۈشەندۈرۈش بەك مۇھىم، ناچار بازار ئۆي – مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ پارتىلاش خاراكتېرلىق خەۋپنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خەۋپ – خەتەر سېتىۋالغۇچىلارغىمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم تىلغا ئېلىنغان «ياخشى سۈپەتلىك دەۋرىيلىك» بولسا ئۆي – مۈلۈك ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدىكى بىر مۇھىم ئىپادە بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىگنال مەنىسى بار.

KPMG (KPMG، Klynveld Peat Marwick Geordele، بوغالتىرلىق كەسپىنى مەركەز قىلغان چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق كەسپىي مۇلازىمەت تورى، ئۇ خەلقئارالىق تۆت چوڭ بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسلىقى ئىقتىسادىي تەپتىش، باج، باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى ۋە قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ت.) ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ قارىشىچە، گەرچە يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئۆي – مۈلۈك سىياسىتىدە بەزىبىر مىكرۇ تەڭشەشلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما كېلەر يىلى ئۆي – مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ تەڭشىلىشىدە يەنىلا بىر قەدەر كەسكىن ۋەزىيەت داۋاملىشىپ، زور كۆلەمدە بوشاشتۇرۇشنىڭ ئېھتىماللىقى يەنىلا تۆۋەن بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە كېلەر يىللىق ئۆي – مۈلۈكنىڭ يېڭى باشلىنىشى ۋە سېتىلىشى داۋاملىق ئاجىزلىشىدۇ، ئەمما قۇرۇلۇش ۋە تاماملىنىشنىڭ مۇقىملىقنى ساقلىشىدىن ئۈمىد بار، ئۆي – مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ھالدا تۆۋەنلەيدۇ.

بىراق KPMG يەنە مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈردى: «شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ماكرو كونترول قىلىشنىڭ يادرولۇق مەقسىتى ئۆي – مۈلۈك بازىرىنى باستۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆي – مۈلۈك مىخانىزىمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆي – مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.»

مەنبە: ب ب س خەۋەر تورى

UT-Uyghur Reporter 2

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مۇدىرىيەت تۈزۈمى توغىرسدا چۈشەنچە

يە دېكابىر 26 , 2021
مۇدىريەت ئەزالىرى كىملەردىن تەشكىل تاپىدۇ؟

You May Like