مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇرلۇق كۈنى 2022-يىللىق دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇرلۇق كۈنى 2022-يىللىق دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇرلۇق كۈنى 2022-يىللىق دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئاپتورلىرى : تۇرسۇنجان ۋە ئالىمجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6-ماي

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاممىسى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا تەبرىكلىدى.
2022-يىلى 5-ماي كۈنى، تېۋتتىر، ئىنستگرام، فايس بۇك، يوۋتۇب قاتارلىق مېدىيالاردا ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىغا ئالاقىدار  30 مىڭدىن ئارتۇق يوللانمىلار، يېزىق، رەسىم، ۋىدىئو، لايىھە يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان.

5- ماي كۈنى سەھەردە،  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى،  ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى،  ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى،  ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى،  شەرقى تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى ، ئۇيغۇر ياۋروپا ئىنستىتۇتى، بوستون ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق باشلامچى تەشكىلاتلار ۋە  خىزمەتچىلىرى ئورگان نامىدىن كۆپ تىلدا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قۇتلاش تىلەكلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى، كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى ھەرىكىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى، مۇستەقىللىق ئارزۇسى  ئىپادىلەنگەن ۋىدىئو ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە دوپپا بايرىمى سالىمىنى يەتكۈزدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقاتى:

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشۋىقاتى:

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ تەشكىللىشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئەنقەرە ھامامئۆنىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىدە « ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەگە قارشى قورالى – 5 – ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى» غەلىبىلىك ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يەنە دوپپا بايرىمى كۈنى دوپپا بايرىمىنىڭ تەشەببۇسچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەر ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جەۋلان قىلدۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

شەرقى تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى قۇرغۇچىسى:

شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى:


سالىھ خۇدايار:


«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىڭ» تەشكىلاتى:

شەرقى تۈركىستان ۋەخپى:

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى:

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زەرگەر ياقۇپجان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلغان

جۈ ماي 6 , 2022
غۇلجا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زەرگەر ياقۇپجان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلغان

You May Like