2020-09-20تۈركىيە ئىقتىساد ھەپتىسى 1-سان

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 7.50 لىرالىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تۇيغۇ

 

2020-09-20

 

 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 7.50 لىرالىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى.

 

ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئالدىنقى جۈمە كۈنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 7.50 لىرالىق سىزىقتىن ھالقىپ كەتتى، ئەمما 7.50 لىرا لىنىيىسى ئاساسەن مۇقىم بولىدۇ.

 

ئىقتىسادتىكى يەنە بىر چوڭ خەۋەر شۇكى، (Moody»s Corporation  ئامېرىكىدىكى ئۈچ داڭلىق ئىناۋەت باھالاش ئورگىنىنىڭ بىرى) تۈركىيەنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم چۈشۈردى، شۇڭا تۈركىيە ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرماقتا.

 

ئەردوغان مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئىقتىسادى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، (Moody»s Corporation) نىڭ باھاسى قۇرۇق، ئەرزىمەستۇر.

 

بۇ (مۇدىنىڭ Moody»s Corporation) يېقىنقى 30 يىلدىكى تۈركىيەگە بەرگەن باھاسى.

 

ئەردوغان ھۆكۈمىتى 2002- يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان.

 

كۆرگىنىڭىزدەك، 2002- يىلدىكى باھا B1، ھازىرقى دەرىجىسى B2.

 

تۈركىيە ئقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەشتىكى ئۈچ سەۋەبى:

 

1. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىن ئۈمىد كۈنسېرى ناچارلاشماقتا.

 

2. ھۆكۈمەت قوللانغان تەدبىرلەر كۈچلۈك بولمىغاچقا، كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا قەرز قايتۇرۇش كرىزىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن.

 

3. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى جۇغراپىيىلىك سىياسىي كرىزىس ھەر ۋاقىت ئۇرۇش ئوتىغا سۆرەپ ئەكىرىشى مۇمكىن.

 

 ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىششى تۈركىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

 

(مۇدىى Moody»s Corporation) خەلقئارالىق كاپىتال ئېقىمىغا يېتەكچى. مەبلەغ سالغۇچىلار بۇلارنىڭ سىتاتىستىكىسغا قارىتا مەبلەغ سېلىش-سالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ. بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر خاتىرە ناچار بولسا، قەرز ئېلىش ۋە شېرىكلىشىش تەبىئىيلا تەسكە توختايدۇ. ئەگەر بەك ناچار بولسا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بېلىتى سېتىۋېلىشمۇ مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.

 

تۈركىيە بانكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى (BDDK) ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئومۇمىي قەرز سوممىسى 500 مىليوندىن ئاشىدىغان شىركەتلەرنىڭ چوقۇم ئىناۋەت دەرىجىسىگە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا قەرز پۇلغا ئەمدى يول قويمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مۆھلەت كېلەر يىلى 30- ئىيۇن. شەخسىي ئىستېمال قەرزى ئۈچۈن، قايتۇرۇش مۇددىتى 60 ئايدىن 36 ئايغا قىسقارتىلىدۇ.

 

يەنە بىر مۇھىم مالىيە خەۋىرى شۇكى، كېلەر يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ، چەتئەل بانكىلار (گېرمانىيە قاتارلىق بىرقانچە دۆلەتلەر) تۈركىيە بانكىلىرى بىلەن كاپىتال ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مەسىلەن، گېرمانىيەدە ياشايدىغان ۋە ئىشلەيدىغان بىر تۈرك ئۈچۈن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تۈركىيىدىكى ھازىرقى ھېساباتىنى بىلمەيدۇ. كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ كىشىنىڭ تۈركىيەدىكى ھېساباتىدا قانچىلىك پۇل بارلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

 

بۇ ئىشنىڭ قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ 

 

تۈركيە ھېساباتىدىكى پۇلمۇ ئورتاق مۈلۈك ئ‍ىچىگە كىرگەچكە چوقۇم  باج تۆلىنىدۇ، بولۇپمۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە يېتەرلىك كىرىم يوق، دەپ ھۆكۈمەت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان كىشىلەر خەۋپگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

 

چەتئەلدىكى تۈركلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ گېرمانىيەدە بولۇپ، تەخمىنەن 3 مىليون ئەتراپىدا، ئۇنىڭدىن قالسا ئاۋىستىرىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە ۋە شىۋىتسارىيە. 

 

بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭسىزلىك ئەڭ كۆرنەرلىك جاي ئىستانبۇل.

 

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى (TUIK) يېقىندا ئېلان قىلغان رەسمىي ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ %20 ئەڭ باي نوپۇسى دۆلەتنىڭ بايلىقىنىڭ %46.3 نى كونترول قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتنىڭ %20 ئەڭ نامرات نوپۇسى دۆلەتنىڭ بايلىقىنىڭ پەقەت %6.2 نىلا ئىگىلەيدىكەن.

 

 بۇنىڭدىن باشقا، كىرىم سەۋىيىسىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىگە بىۋاسىتە ماس كېلىدىغانلىقىمۇ ناھايىتى ئېنىق. ئالىي مەكتەپ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن كىشىلەر يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 52 مىڭ لىرا (6888دوللار)، تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى ياكى ئۇنىڭغا باراۋەر بولغانلار يىلىغا ئاران 34 مىڭ لىرا (4500دوللار) كىرىم قىلىدىكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەنلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 27 مىڭ لىرا (3570دوللار)، ھېچقانداق مەكتەپ سەۋىيىسى كۆرمىگەن كىشىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 18 مىڭ لىرا (2384دوللار)، ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارى بولمىغان كىشىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران14مىڭ لىرا (1854دوللار).

 

 سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇلازىمەت كەسپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 37 مىڭ لىراغا يېتىدىكەن (4900دوللار)، دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كىرىمى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ 22 مىڭ لىرا (2900دوللار) ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرك خوجايىنلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 95 مىڭ لىرا (12580دوللار)، خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 34 مىڭ لىرا (4500دوللار).

 

 

UT-Uyghur Reporter 6

Next Post

ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشى

يە سېنتەبىر 20 , 2020
دوكتور ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئابدۇرەھىم ئەيسا ۋە ئۇيغۇرىستان چۈشى» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ «20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئېيتىلمىغان ھېكايىلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنىڭ 1-تومىدۇر.

You May Like