تاشقى سىياسەت تور ژورنىلى 2019-7-28 ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھاۋاگۈل تىرامپ ھۆكۈمىتى كامپتىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇسۇلمان رەھبەرلىرىگە قارىغاندا بەكرەك ھەركەت قىلدى. بوش قالغان كوچىلار, چۆللەرنىڭ ئەتراپىغا يېيىلغان كامپلار ,كىشىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىپ سۆزلەشمەلىرى,زامانىۋى دەۋىردىكى دۆلەت تېررورلۇقى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان دۆلەت مۇشۇنداق بولسا كېرەك . خىتتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركسىتان-ت) رايونىدىكى بىر […]
يىل:: 2019-يىلى
تۈركىيەدە ئىقامەت قىلىۋاتقان زىننەتگۈل تۇرۇسۇن ۋە ئىككى قىزى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى چەتئەللىكلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇش مەركىزىدىن ئىستانبولغا، ئىستانبولدىن تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغانلىقى ۋە تاجىكىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى «شەرقى تۈركىستان»غا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بىرى «شەرقى تۈركىستان» خەلقىگە توختاۋسىز زۇلۇم قىلىپ كەلدى.
7-ئاينىڭ 24-كۈنى چارشەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل گراند ماكەل (Grand Makel) مېھمانخانىسىدا «ئۇيغۇرنىڭ ئورنى نەدە؟» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدىكى «ئاسمان» مىھمانخانىسىنىڭ كاتتا بىزەلگەن زالىدا «ئاۋستىرالىيە ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلى» نىڭ قۇرۇلۇش ۋە لىنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
شى جىنپىڭ ھىچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ. ئۇ تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن چوقۇم بىرلىشىشى كېرەك ۋە بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇدېدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلغاندىكى تەلەپپۇزى تەخىرسىز بولۇپ، بىرلىشىش مەسىلىسىنى يەنە بىر ئەۋلاتقا قالدۇرغۇدەك ھالدا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېدى.
ختتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقى تۇركستانغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، تارىخى پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ، يالغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن دۇنيانى ئالداش كۈرشىنى جىددى قانات يايدۇرماقتا.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنى ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى» غا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئەسىرلىك داغ» دەپ ئەيىپلىدى، ھەمدە بېجىڭنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرغان دىنى ئەركىنلىك يىغىنىغا قاتناشماسلىقى ئۈچۈن تەھدىت سالغانلىقىنى شىكايەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى : «بىزنىڭ بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى خىتايدا يۈز بېرىۋاتىدۇ.»
ھۆرمەتلىك مايىك پومپىيو ئەپەندىم:
يېقىندا بىز سىزنىڭ جۇڭگۇغا قارىتا ئىلان قىلغان بىر قىسىم باياناتلىرىڭىزغا دىققەت قىلدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى (ش ت) دىننى ئىتقاد ۋە كىشىلىك ھۇقۇق توغرىسىدا يالغان مەزمۇنلار بار بولۇپ، بىز شىنجاڭ (ش ت) زىيالىلىرى ۋە دىننى زاتلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىز، ناتوغرا گەپ -سۆزلىرىڭىزگە قاتتىق غەزىپمىزنى بىلدۈرىمىز.
ئامېرىكا دۆلەت ئشلىرى مەھكىمىسى باش كاتىۋى مايىك پومپىيو بىر يىلدىن بىرى ختتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىلارغا قاراتقان دىنى ،مىللى سياستىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولۇپ،.16 ۋە 17-ئىيۇل ۋاشنگىتوندا ئۆتكۇزۇلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا منستىر دەرىجىلىك دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى يېغىنىدا مايىك پومپىيو:ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستى بۇ ئەسردىكى داغ-،ختتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيتىنى يوق قىلماقتا،دىنى ئىتىقادىنى ۋەيران قىلماقتا-دەپ سۆزلىگەنىدى.
شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى تەتقىقاتى:ئاز بولغاندا 3 مىلىيون 650مىڭ كىشى لاگىردا ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ،ۋاشنگىتون. تەييارلىغۇچى:ئۆلۇمتۈك 2019-يىلى 15-ئىيۇل ۋاشنگىتون ئەركىنلىك مەشئىلى تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،نسبەتەن يېڭى بولغان شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى شەرقى تۈركستاندىكى بىر قسم لاگىر ئورۇنلىرىنى جەزىملەشتۈرگەن.
خىتتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تىجارەت ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن، خىتتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل ئىككىنجى پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى 6.2 پىرسەنت بولغان ۋە 27 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇتەخخەسىسلەرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ چېكىنىش يەنە داۋام قىلىدىكەن ۋە ئەڭ تۆۋەن چەككە يېتىدىكەن.
ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) سىياسىتىنى ئەيىپلىگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە قاتارلىق 37 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللاپ مەكتۇپ يازغان.
مىنىڭ ئىسمىم مەت، مەن ئامرىكىنىڭ فىلادىلفىيا شەھرى ئەتراپىدىكى فورج مەھەللىسىدە تۇرىمەن. مەن نۆۋەتتە 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىش ھەرىكىتى قوزغاش ئۈچۈن ياردەمدە بولىۋاتىمەن.
رويتېرس ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، روسىيە ۋە باشقا 35 دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا غەربنىڭ تەنقىدلىشىنىڭ ئەكسىنچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى قوللاپ خەت يازغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقۇق كونسۇلىغا ھەق-ھوقۇقلىرى ختتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالەت ۋە ئنسانپەرۋەرلىك نۇقتسدىن ھەق سۆز قىلغان
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 20 نەچچە ئەزا دۆلەت خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەن ئىدى.
-2019يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە ۋەتەن ئىلىپ بارغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بىرى بولغان 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقۇق يېغىنىدا ،22 دۆلەت تارىخىتا كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە بىرلىكتە چاقىرىق قىلىپ ختتاينى لاگىرلارنى تاقاشقا،شەرقى تۈركستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارغا مۇئامىلىسنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى. مەزكۇر بىرلەشمە چاقېرىقتا يەنە دۆلەتلەر ختتاينى بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئنسانى ھوقۇق كومېتىتى بىلەن ھەمكارلىشپ،رايونغا كىرىشكە يولغا قويۇشقا دەۋەت قىلدى.
كورىيەلىك ۋۇ مىڭيۈ خانىم دىنغا قارشى، خىتاي كومپارتىيىسىنى سۆيىدىغان ئايال ئىكەنلىكى كۆزەتكۈچىلەرگە ئاشكارا ئىش. ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن خىتايدىن قېچىپ چىققان خىرىسىتىيان مەزھىپى مۇرىتلىرىنىڭ ئىسىم ۋە رەسىملىرىنى قانۇنسىز ئاشكارىلاش، خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يالغان نامايىش قوزغاپ، مەزكۇر ئىلتىجاچىلارنى پاراكەندە قىلىش، كورىيەدە فالۇن گۇمپىسى مۇرىتلىرىغا قارشى سەلبىي تەشۋىقات قىلىش قاتارلىقلار بار