2018-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان غەرپلىكلەر

2018-يىلى ئۇيغۇر خەلى دۇچ كەلگەن قىرغىنچىلىق پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى غەزەپلەندۇردى،تۈرلۈك شەخسلەر ئۆز خىزمەت دائىرسدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ھەرىكەت قىلىشقا تىرشچانلىق قىلدى،بىز بۇ ساھەدە خىزمىتى كۆرىنەرلىك بولغان چەتئەللىكلەرنى كۆپچىلىككە بىلدۇرۇش ئۇچۇن بۇ تېزىملىكنى تۇرغۇزۇپ چىقتۇق،تېزىملىكىمىز مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن،ئەمما سزگە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى بىرەلەيدۇ.ئۇلار بىزگە ھەقىقەتنىڭ،ئ‍نسانپەۋرەلىكنىڭ دىن ،مىللەت،ئىرق ،دۆلەت چىگىرسى بولمايدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ،شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى چۇشەنگەن بىر قسىم چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ تەسرى ۋە كۆلىمى ئالل

2018-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان غەرپلىكلەر

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

تەكشۇرۇپ بېكىتكۇچىلەر:ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى

2018-يىلى ئۇيغۇر خەلى دۇچ كەلگەن قىرغىنچىلىق پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى غەزەپلەندۇردى،تۈرلۈك شەخسلەر ئۆز خىزمەت دائىرسدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ھەرىكەت قىلىشقا تىرشچانلىق قىلدى،بىز بۇ ساھەدە خىزمىتى كۆرىنەرلىك بولغان چەتئەللىكلەرنى كۆپچىلىككە بىلدۇرۇش ئۇچۇن بۇ تېزىملىكنى تۇرغۇزۇپ چىقتۇق،تېزىملىكىمىز مۇكەممەل بولۇشى ناتايىن،ئەمما سزگە پايدىلىق ئۇچۇرلارنى بىرەلەيدۇ.ئۇلار بىزگە ھەقىقەتنىڭ،ئ‍نسانپەۋرەلىكنىڭ دىن ،مىللەت،ئىرق ،دۆلەت چىگىرسى بولمايدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ،شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى چۇشەنگەن بىر قسىم چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ تەسرى ۋە كۆلىمى ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئۇچۇن قىلىۋاتقان  تىرىشچانلىقى ۋە خىزمەتلىرىنىڭ قەتئى يىتەرسزلىكىنى ئ‍ىپادە قىلىپ تۇرىدۇ.

تاللاش ئۆلچىمى:1-شەخسلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەمەلى ھەرىكەت ئىلىپ بارغان بولۇشى كىرەك،2-،شەخسلەرنىڭ قىلغان خىزمىتىنىڭ تەسر دائىرسى-كۈچى تاراتقۇ،مۇھاكىمە يېغىنى،تەتقىقات ئەسەرلىرىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك بولۇشى كىرەك 3-خىزمىتى ئىزچىللىققا ئىگە بولۇشى،بىر ئىككى قېتىملا ئەمەس يىلبويى داۋاملاشقان بولۇشى كىرەك.

ئەسكەرتىش:1-بۇ تېزىملىك رەت نۇمۇرى دەرىجىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

2-بۇ تېزىملىك ھىچقانداق چەكلەش ياكى چەتكە قېقىش كۈچىگە ئىگە ئەمەس.

3-چەتئەل تاراتقۇلىرى ئايرىم تېزىملىكتە چېقىرىلدى.

1- ماركۇ رۇبىئۇ

كەسپى :سياسئون

خىزمەت ئورنى :ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسنىڭ فىلورىدا شتاتىدىن كەلگەن ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتسىدىن،دۆلەت مەجلىسى ختتاي ئشلىرى كومېتىتى رەئىسى

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمىتى:

1-لاگىرلار ھەققىدە پاكىتلىق دوكلات تەييارلاتقۇزدى.

2-ئۇچ قېتم ئۇيغۇرلارنىڭ ئنسانى ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بىرىش يېغىنى ئاچتى.

3-ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قېتم چوڭ ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئاچتى.

4-«ئۇيغۇرئنسانى ھوقۇق قانۇن لايىھىسى «تەييارلىدى ۋە سۇندى.

2-ماگېنتسكى قانۇنى ئارقىلىق چىن چۋەنگو قاتارلىقلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغۇچى.

2-كىرستوف سمىس:سياسئون

خىزمەت ئورنى:ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى،يېڭى جىرسى شتاتىدىن،جۇمھۇرىيەتچى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ختتاي ئشلىرى كومېتىتى مۇئاۋىن رەئىسى 

ئۇيغۇرلار ئۇچۇن خىزمەتلىرى:

يۇقىرىدىكى ماركۇ رۇبىئونىڭ خىزمەتدىشى بولۇپ،خىزمەتلىرى ئوخشايدۇ.

3-كاترىنا لانتوس سېۋەت

داڭلىق پارلامىنىت ئەزاسى ،يەھۇدى قەتلىئامىدىن قۇتۇلۇپ قالغان مەرھۇم سياسئون توم لەنتوسنىڭ قېزى ،پىراففىسور.

خىزمەت ئورنى: توم لەنتوس ئنسانى ھوقۇق فوندىنىڭ رەئىسى

خىزمەتلىرى:ئىككى قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن دۆلەت مەجلىسى ۋە ختتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ھۇججەتلىك فىلىم ئشلىدى،

ئۇيغۇرلار ھەققىدە پاد كەست تارقاتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ لوبىيچىلىق ئشلىرىدا مەسلىھەتچىلىك ۋە مۇناسۋەت ئشلىرىدا كۆپ كۇچ چىقاردى.

تور بېتى:

www.lantosfoundation.org

4-سوفىيە رىچاردسۇن ۋە مايا ۋاڭ

دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئنسانى ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان «ئنسانى ھوقۇقنى كۆزىتىش »تەشكىلاتىنىڭ ختتاي بۆلۇم مەسئۇلى ۋە تەتقىقاتچىسى.بۇلار تولۇق بىر يىل ۋاقىت ،مەخسۇس مەبلەغ ۋە ئادەم ئاجرتىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىر ھەققىدە ئاخبارات ۋە تەتقىقات دوكلاتى ئىلان قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇپ،زور تەسر قوزغىدى.

سوفىيە رىچاردسون خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە س ئەن ئەن ،ئەلجەزىرە ،ئەن ب سى قاتارلىق مېدىيا ۋاستىلىرىدا 20 قېتىمدىن ئارتۇق سۆھبەت بىرىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ئامېرىكىدا ئوندىن ئارتۇق ئاقىللار ئامبىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلىدى.

تور بېكىتى:www.hrw.org

5-خاننا زۇبەيرە -بىرما خىزمەت گۇرۇپپىسى

مۇسۇلمان جەمئىيتىدىن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۇل بۆلۇۋاتقانلارمۇ ناھايتى كۆپ،خاننا زۇبەيرە خانىم ،روھنگا قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خەلقئارالىق ھەرىكەت قوزغاپ ئۇنۇم ياراتقان بىرماخىزمەت گۇرۇپپىسدىن  .ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كىين،<ئۇممەت ئۇيغۇر ئېتتپاقى>قوزغاپ،ۋاشنگىتوندا ئىككى قېتىملىق مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى يېغىلىشى ئۆتكۇزگەن.ئۇ داۋاملىق ئسلام دۇنياسغا بۇ ھەقتە چاقىرىق ۋە نامايىش قىلماقتا.

6-گىرمانىيەتلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زىنىز

گىرمانىيەلىك دوكتۇر ۋە تەتقىقاتچى ئادرىيان زىنىز 2018-يىلى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار ئىچىدە  تۇنجى بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشى ھەققىدە مۇكەممەل ئىلمى دوكلات يازغان كىشى بولۇپ،ئۇ جامىس تاۋن فوندى جەمئىيتىدە ئىلان قىلغان ماقالىسى بىلەن كۆپچىلىككە تونۇلغان ئىدى،ئۇنىڭ تەتقىقاتى لاگىرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خەلقئارا نوپۇزلۇق سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنىشغا تۈرتكە بولغان مۇھىم ئىلمى ئەمگەكلەردىن بىرى ،كىين ئۇ ئامېرىكا،ياۋروپا ۋە كانادا پارلامنىتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلارغا قامىلىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

ھازىرغىچە نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچ پارچە ماقالە ئىلان قىلدى.

7-گەنە بۇنىن :

گەنە بۇنىن رۇس پۇشتىدىن بولغان ياش تەتقىقاتچى بولۇپ،ئۇيغۇرلار بىلەن مەدەنىىيەت،تىل ئالاقىلىرىدا بولغان ۋە ئۇيغۇرلارنى چۇشەنگەن ئاكتىپ تەتقىقاتچىلاردىن بىرى،

ئۇ ۋەتەندىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھازىرغىچە بەش پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلدى.

2000 پارچىدىن ئارتۇق كىشنىڭ گۇۋاھلىقىنى توپلىدى،تەتقىقاتچىلاردىن داررىن بايلىرى ۋە تاھىر ئىمىننى تەشكللەپ شاھىت بىز تور بېكىتنى قۇرۇپ،ئۇيغۇر،قازاق،ختتاي،رۇس ،قىرغىز قاتارلىق قامالغۇچىلار ۋە يوقالغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىپ دوكلات چىقىرىش ۋە ئسپات تەمىنلەشكە خىزمەت قىلدى.

ئۇنىڭ مۇنداق سۆزى مەشھۇر:قىرغىنچىلىقنى توختىشقا جىنىمنى ئاتاپ قويدۇم.

تور بېكىتى:

www.shahitz.biz

8-ئامېرىكىلىق تارىخچى ،پىراففىسور رىئان سام:

رىئان سام ئۇرۇمچىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان،ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگەن.

ئۇ 2018-يىلى نيۇيورك ۋاقىت گىزىتىگە ۋەتەندىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ماقالە يازغان دەسلەپكى ئاكادىمىكلاردىن بىرى.كىين ئۇ تەتقىقاتچى دوستى راھىلە داۋۇت خانىم ھەققىدە خەلقئارا مىدىياغا ،نيۇيورك ۋاقيت گېزىتىگە مەزكۇر ماقالە ئاپتورى بىلەن  سۆھبەت بەردى. خەلقئارا جەمىيەتكە راھىلە داۋۇت ۋە باشقا زىيالىيلارنى قويۇپ بىرىش ھەققىدە جىددى  مۇراجىئەتنامە چىقاردى.

ئۇ يەنە يوقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دىرىكىنى قىلىشتا زور خىزمەت كۆرسەتتى.

ئۇ 2018-يىلىنىڭ كۆپ قسم ۋاقىتلىرىنى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن  ئىزدىنىشكە ئاجراتتى.

ئۇنىڭ :ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇقەددەس يوللار-ناملىق ئەسرى خارۋارد نەشرىياتى تەرىپىدىن ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،

(James Milward)9-ئامېرىكىلىق تارىخچى ،پىراففىسور جامىس مىلۋارد:

پىراففىسور جامىس مىلۋارد ختتاي ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملاردىن بىرى.ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىشنى بەك بۇرۇن باشلىغان،يېقىندىن ۋەزىيەتنى تولۇق بىلىپ كەلگەن تەتقىقاتچىلاردىن بىرى.

ئۇ 2018-يىلى نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە:21-ئەسردىكى جازا لاگىرى مۇشۇنداق بولىدۇ دىگەن ماقالىسى بىلەن زور زىلزىلە قوزغىدى.ئۇ يەنە جورج تاۋىن ئۇنۋېرستىتىدا لاگىرلار ھەققىدە ئىككى قېتىم ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى ئۇيۇشتۇردى.شۇنىڭدەك :ختتاينىڭ ئسلامغا ئاچقان ئۇرۇشى -دىگەن تېمىدا چوڭ لېكسيە بەردى.

10-كانادالىق ختتاي ئوقۇغۇچى شاۋىن جاڭ: (Shawn Zhang)

ھازىرغا قەدەر پۇتۇن دۇنيادا ئۇيغۇرلار قامالغان لاگىرلارنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاشقا ئەڭ زور تۆھپە قوشۇپ،خەلقئارا جەمىيەتكە ئەڭ كۇچلۇك تۆھپە كۆرسەتكەن تەتقىقاتچى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.ئۇ لاگىرلارنىڭ ئورنىنى گۇگىل خەرىتىسى ئارقىلىق ئېنىقلاپ،تېۋىتتىر،فايس بۇك قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سياسئونلار،مىديا ۋە ئاكادىمىك ساھەگە سۇنغان.

11-ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناس داررىن بايلىر:

دوكتۇر بايلىر ئامېرىكىلىق ئانتىرولوگىيە تەتقىقاتچىسى،ئۇ ئۇيغۇر فولكلورى ،جەمئىيتىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر ياشلىرى،شائىرلىرى،مۇزىكانتلىرى بىلەن كۆپ ئالاقىدا بولغان.

ھازىرغا قەدەر سى ئەن ئەن قاتارلىق خەلقئارالىق مىدىيالاردا 20 دىن ئارتۇق ماقالە ئىلان قىلغان.بەش قىتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆتكۇزۇلگەن مۇھاكىمە مۇنبەرلىرىدە ماقالە ئوقۇغان.

ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ھەققىدە ھازىرغىچە ئەڭ تەپسلى ۋە ئىلمى بولغان مەخسۇس تور بېكەتنى قۇرغان.

www.livingotherwise.com

12-ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى ،پىراففىسور شون روبېرت:

پىراففىسور شون روبېرت ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر جەمئىيتى ۋە تەرەققىياتنى تەتقىق قىلىپ كىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلاردىن بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ ۋەتەنگە بىرىشى چەكلەنگەن.ئۇ 2018-يىلى ئۇچ قېتىم جورجى ۋاشنگىتون ئۇنېۋرستىتىدا ئۇچ قېتىم مۇھاكىمە يېغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ياكى سورۇن ھازىرلاپ،ئۇيغۇر مەسلىسنى ئاكادىمىك يۇقىرى پەللىسگە كۆتۇرۇشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

ئۇ ھەمكارلىشپ تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۇل بۆلگۇچى ئالىملار گۇرۇپپىسى دۇنيا مىقياسدىكى بارلىق ئاكادىمىكلارنى ختتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلغان بولۇپ،ئۇلار چىقارغان مۇراجىئەتنامە ئالىملارنىڭ ئاۋاز قوششىغا ئىرىشكەن ۋە كۇچلۇك تەسر قوزغىغان.

13-ئامېرىلىق تەتقىقاتچى تىم گىروس:

تىرم گىروس ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدىكىلەر بىلەن تونۇشقان،ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ۋەزىيتى ئندىئاننا ئۇنېۋرسىتىتى، ھەققىدە ئۇچ قېتىم لېكسيە بەرگەن.تىېۋتىتردا مەخسۇس ھسابات ئېچىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۇندە دىگۇدەك ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

14- تاشقى ئشلار منستىرى مايىك پومپىيو،دىنى ئشلار ئەلچىسى بىراۋىنبەك

تاشقى ئشلار منستىرى مايىك پومپىيو ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان تاشقى ئشلار منستىرى بولۇپ ،ئۇ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردە جەمئى ئالتە قېتىم ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

15-مۇئاۋىن پىرەزىدىنت مايىك پەنس:

ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلسنى   ئۇچ قېتىم تىلغا ئالغان بولۇپ،ھادسۇن ئىنۇستىتۇتى يېغىنى،دىنى ئەركىنلىك يىېغىندىكى مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قامىلىشى  ھەققىدە قىلغان سۆزى ئەڭ كۇچلۇك تەسر قوزغىغان.ئۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ھسابلىنىدۇ.

16-ئېلىس ئاندىرسون:

ئۇيغۇرچە ئسمى نازاكەت،نازاكەت ئۇرۇمچىدە ئۇيغۇر مىللى مۇزىكسنى تەتقىق قىلغان،ئۇيغۇر تىلى ۋە سەنئىتىگە پششق،ئۇيغۇرلار بىلەن قويۇق ئارىلاشقان ،ئۇ ئىندىئاننا ئۇنېۋېرستىتى،جورجى ۋاشنگىتون ئۇنېۋرستىتى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن يېغىنلاردا ئۆزى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دۇچ كىلىۋاتقان مەسللەرنى توغرا ۋە تەسرلىك قىلىپ تەسۋىرلەپ ،بىۋاستە تەسراتىنى جامائەتكە تەقدىم قىلغان.ئۇيغۇر سەنئىتى،مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇپ ،مۇشۇنداق مەدەنىيەت ئىگىلىرىنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان تەقدىرىنى بىلدۇرۇگەن.كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىئانە يېغىشقا تەشكىللىگەن..

17-ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچى راچىل ھارىسس

راچىل خانىم ئەنگىلىيە لوندون ئۇنېۋرستىتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ،ئۇ ئۆتكەن يىگىرمە يىلدىن بىرى ئۇيغۇر مەدەنىيتى،جەمئىيتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن.

ئ‍ۇ 2018-يىلى ئىككى قېتىم ئەنگىلىيە پارلامنتىدا،ياۋروپا پارلامنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى ۋە گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.

خەلقئارا مىدىيالارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلدى،<ختتاينىڭ تىرورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى>>دىگەن تېمىسدا نوپۇزلۇق ژۇرنالدا ماقالە ئىلان قىلدى.

18-ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى گاردنىر بوۋىڭدۇن

ئۇيغۇرچە ئ‍سمى باۋۇدۇن،ئىدىنئانا ئۇنېۋرستىتى مەركىزى ياۋرو-ئاسيا ئىنۇستىتىدا تەتقىقاتچى،ختتاينىڭ ئۇيغۇر سياسىتى ھەققىدە كۆپ ئىزلەنگەن.ئامېرىكىدىكى پشقەدەم ئۇيغۇرشۇناسلاردىن بىرى بولۇپ،«ھازىرقى شنجاڭدىكى  سياسەت»دىگەن دەرسنى ئاچقان،ئۇنېۋرستىتتا ئۇچ قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس لېكسيە سۆزلىگەن.

2018-يىلى ئۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسللەر ھەققىدە كۆپ قايغۇرغان ۋە كۆڭۇل بۆلگەن،ئۇ 2018-يىلى ئۆكتەبىردە ،ئىندنئانا ئۇنېۋرستىتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى ھەققىدە ئىزدەنگەن ئون نەپەر مۇتەخەسسلەرنى تەكلىپ قىلىپ،مەخسۇس مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۇزگەن ۋە جەمىيەتتە تەسر قوزغىغان.

 

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

2018-يىلىدىكى تەسرى زور ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر

چا دېكابىر 26 , 2018
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان 1-«كەسپى سياسى تەشكىلاتچىلار» ياكى كەسپى ئىلمى ئەمگەك ئارقىلىق ھەرىكەت قىلغۇچى «زىيالىيلار» مەزكۇر پائالىيەتچىلەر قاتارىغا كىرگۇزۇلمىدى. تاللىنىشتا: 2018-يىلى «ئالاھىدە ئاكتىپ بولغان بولۇشى كىرەك.

You May Like