زېلىنىسكى: ئەگەر ئامېرىكا ياردەم بەرمىسە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا يېڭىلىدۇ

تۇرغۇنجان تەييارلىدى، 8-ئاپرىل

ئامېرىكا سملىق تېلىۋىزىيەسىنىڭ 8-ئاپرىلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا پىرەزدىنتى زېلىنىسكى يەكشەنبە كۈنى يەرلىك تېلىۋىزىيە زىيارىتىدە مۇنداق دىگەن: نۆۋەتتە ئۇكرائىنا ناھايتى ھالقىلىق پەيتتە تۇرىۋاتىدۇ، ئەگەر ئامېرىكا ئۇكرائ‍ىناغا بىرىدىغان قورال ۋە ماددى ئەشيا ياردىمىنى تەستىقلىمىسا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا يېڭىلىدۇ، ئەگەر ئۇكرائىنا ئۇرۇشتا يېڭىلسا، باشقا دۆلەتلەر روسيەنىڭ كىيېنكى ھۇجۇم نشانى بولىدۇ.»

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىموكراتلار كۆپ سانلىق ھوقۇققا ئىگە كېڭەش پالاتاسى 2-ئايدا 90 مىليارد دوللار قېممتىدىكى ئۇكرائ‍ىنا ۋە ئ‍سرائىلىيەگە قورال ياردىمى بىرىش قانۇن لايىھسنى ماقۇللىغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىق ھوقۇققا ئىگە ئاۋام پالاتا باشلىقى مايىك جونسون مەزكۇر قانۇن لايىھەسنى ئاۋام پالاتاسدا ئاۋازغا قويۇشقا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. سەۋەبى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ چىگرا ۋە باشقا مالىيە چېقىملىرى سوممىسى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى قاندۇرمىغان.

روسيە ھازىر ئۇكرائىنانىڭ 5دىن بىر ئەتراپىدا زېىمىنىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئىگەللەۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا يېڭى قورال ياردىمى ئەۋەتمىگەندىن بىرى، ئ‍ۇكرائىنا ئۇرۇش مەيدانىدا كۆپلەپ ئەسكەرلىرىدىن ئايرىلماقتا، دونباس ۋە خاركىۋ ئوبلاستىغا يېقىن كىچىك شەھەرلەرنى قولدىن بەرمەكتە.

ئالدىنقى ئايدا زىلنىسكى سى ئەن ئەنگە مۇنداق دىگەن: ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇكرائىنادا مىلىيونلىغان كىشلەر ئۆلۈشى مۇمكىن.»

ياۋروپا ئېتتپاقى دۆلەتلىرى ئامېرىكادىكى ئ‍ىككى سياسى پارتىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بىرىش مەسلىسدىكى بىرلىككە كىلەلمەسلىكى ۋە سوزۇۋىتىشى سەۋەبلىك ئۇكرائىنا دۇچ كەلگەن قېينچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قورال ياردىمى تەستىقلىغان.ئەمما مۇتەخەسسلەرنىڭ دېىيشچە، بۇلار ئامېرىكانىڭ 100 مىليارد دوللار قېممتىدىكى قورال ياردىمى ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس ئىكەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

نيۇيوركتا «ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى» روزى ھىيتتا رەسمى تىجارەت باشلايدۇ

سە ئاپرېل 9 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەخسۇس خەۋىرى: ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى ئەزەلدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە تەم، رەڭ ۋە قۇۋۋەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر بولمىغان خەلقلەرنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇپ ئ‍ستىمال قىلىشى ۋە تەۋسيە قىلىشغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. نيۇيورك شەھىرىنىڭ كېۋىنس ( Queens) رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى ( Uyghur Lagman House) 2024-يىلى روزى ھييتنى ئۆزىنىڭ رەسمى تېجارەت باشلاش […]
ئۇيغۇر لەغمەنخانىسى

You May Like