ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر زىيارەت ئۆمىكى تەيۋەنگە قاراپ يولغا چىقتى

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر زىيارەت ئۆمىكى تەيۋەنگە قاراپ يولغا چىقتى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 2-نويابىر

تەييارلىغۇچى: ئارمان

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 3- نويابىر چارشەنبە كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ « ياۋروپا دېموكراتىك تەرتىپلىرىگە چەتئەلدىن ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە كومىتېتى» (INGE) نامىدىكى بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەندە زىيارەتتە بولماقچى ئىكەن. مەزكۇر كومىتېت 7 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىسى رافائېل گلۇكىسمەن بۇ كومىتېتنىڭ باشلىقى ئىكەن.

ياۋروپا پارلامېنتى باياناتچىسىنىڭ تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا دېگەن سۆزى بويىچە ئېيتقاندا بۇ ياۋروپا پارلامېنتى تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ ئورگان تەرىپىدىن تەيۋەنگە ئەۋەتىلگەن رەسمىي يوسۇندىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ، تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

« ياۋروپا دېموكراتىك تەرتىپلىرىگە چەتئەلدىن ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە كومىتېتى»، ياۋروپا پارلامېنتى باشقۇرۇشىدىكى ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە كومىتېت بولۇپ، 2020-يىلى 9- ئايدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشكەن. 33 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رافائېل گلۇكىسمەن ئىكەن. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى چىقارغان قارارلارغا تەسىر كۆرسىتىش، پارلامېنت سايلاملىرىغا توسالغۇلۇق قىلىشتەك قىلمىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەن. مەزكۇر كومىتېت بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيە تەرەپتىن كەلگەن يالغان خەۋەرلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا ئاكتىپ خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئوۋ جىياڭئەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بۇ ھەقتە كۆپ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىگەن، ئەمما ياۋروپادىن كەلگەن ۋەكىللەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەيۋەن ئىجرائىيە رەئىسى سۇ جېنچاڭنىڭ چىقىدىغانلىقىنى، باشقا تەپسىلىي مەلۇماتلارنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا جاكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ياۋروپا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارغانچە قويۇقلىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا پارلامېنتتا يۇقىرى ئاۋازلىق بېلەت بىلەن «ياۋروپا -تەيۋەن سىياسىي مۇناسىۋىتى ۋە  ھەمكارلىقى» نامىدا دوكلاتنى ماقۇللىغان، ئالدىنقى ھەپتە فىرانسىيە پارلامېنتىدىن بىر ئۆمەك تەيۋەننى زىيارەت قىلغان. بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، ئەتىدىكى زىيارەتكە قارىتا خىتاينىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تىۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق يازغان: « ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسىمى ئورگىنى، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى كومىتېتنىڭ تەيۋەنگە زىيارەت ئۆمىكى ئەۋەتىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتى ۋەدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق، بۇ خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا خىتاي- ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر زىيانلارنى سالىدۇ. بىز ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنكاس قايتۇرىمىز.»

ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى رافائېل گلۇكىسمەن ئەپەندىم بۈگۈن تەيۋەنگە يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ فەيسبۇك بېتىگە مۇنداق دەپ يازغان: « ھەرقانداق تەھدىت، جازالار مېنى بويسۇندۇرالمايدۇ، مەن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلار بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە، شۇڭا مەن بۇ يەردىمەن. مەن تەيۋەنگە بارماقچى، مەن ياۋروپا پارلامېنتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى بولۇپ ئارالنى زىيارەت قىلىدىغان ياۋروپا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە باش بولۇپ ئۇ يەرگە بارماقچىمەن، بىزنىڭ ING كومىتېتىمىز بىر قانچە ھەپتىلەردىن بۇيان نۇرغۇن تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىپ كەلدۇق، بۇ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا  تەشكىللىك ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي بېسىم، سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك ۋە ساختا خەۋەر تارقىتىش قىلمىشلىرىغا قارشى تەيۋەن دېموكراتىيەسىنى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كۈچلۈك سىگنالى. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا 100 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان تەيۋەندىكى 23مىليون خەلق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توختىماي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە ھەربىي تەھدىتى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ، 2021-يىلىدىلا 500دىن ئارتۇق خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى  تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا بېسىپ كىردى، بۇ بىر تارىخى رېكورت. شى جىنپىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق جىددىيلىشىدۇ؟ چۈنكى تەيۋەن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا مۇتلەق قارشى ئەڭ ياخشى ئۆرنەك، خىتاي ئىمپېرىيە پىلانىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى مىسال….. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تەيۋەن بىر قانچە قېتىملىق تۈزۈلمە ئىنقىلابىنى ئېلىپ باردى، 90- يىللاردىن كېيىن بولسا ئاسىيادىكى دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سايلام ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەركىنلىكلىرى بار، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە. بۇ دەل خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قارشى نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈردى. شۇ سەۋەبتىن بېيجىڭ تەيۋەننى بالدۇرراق ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى خالايدۇ، ياۋروپالىقلارمۇ قولىدىن كېلىشىچە بۇ خىلدىكى دېموكراتىيەنىڭ داۋاملىق تۈردە ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەك. مەن دائىرىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىمەن، بولۇپمۇ تېلېفونۇم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بەلكىم مەن سىلەر بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلالماسلىقىم مۇمكىن، ئەمما مەن ۋە گۇرۇپپىمىز چوقۇم ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىز توغرىسىدا سىلەرنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەت بېرىمىز. خەير -خوش.»

رەسىم رافائېل گلۇكىسمەن ئەپەندىنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى 3-قېتىملىق پائالىيىتىنى باشلىدى

سە نويابىر 2 , 2021
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە» سەپىرى 3-قېتىملىق پائالىيىتىنى باشلىدى

You May Like