ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا قورال تەمىنلەپ بېرىشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا قورال تەمىنلەپ بېرىشنى قارار قىلدى

 ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا قورال تەمىنلەپ بېرىشنى قارار قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 28-فېۋرال

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى 28-فېۋرال بىريۇسسېل خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ بۈگۈندىن باشلاپ پۈتكۈل ياۋروپا مىقياسىدا رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بارلىق ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىنى چەكلىدى، ياۋروپادىكى كرىمېلنىڭ زۇۋانى بولغان بىر قانچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ ئاڭلىتىشىنى توختاتتى.  شۇنداقلا ئۇكرائىناغا قورال ۋە ئىقتىسادى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيىن خانىم بۈگۈنكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: « بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىر دۆلەتكە قورال ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىقتىسادى ياردەم قىلىشىدۇر. بىز يەنە رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە ياۋروپا ئاسمىنىنى پۈتۈنلەي تاقايمىز، بارلىق رۇسىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى رۇسىيەدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان بارلىق ئايروپىلانلارنىڭ ياۋروپا زېمىن تەۋەلىكىدە ئۇچۇپ قونۇشى  ياكى ياۋروپا ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشى چەكلىنىدۇ. رۇسىيەنىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى بولغان «بۈگۈنكى رۇسىيە» (Russia Today, RT) ۋە «رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى» (Sputnik) قاتارلىقلارنىڭ ياۋروپا زېمىنىدا ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ نامىدىن ئۇرۇش ھەققىدە ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى چەكلىنىدۇ، شۇنداقلا ياۋروپا زېمىنىدا بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىشىنى چەكلەيدۇ. »

ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشىنكوفقا قارىتا بىر تۈركۈم جازالارنى يۈرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىغان.

ئۇيغۇر تېكىن تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شىۋېتسارىيە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگو سىياسەتلىرىنى قوللاشنى قارار قىلدى

دۈ فېۋرال 28 , 2022
شىۋېتسارىيە ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگو سىياسەتلىرىنى قوللاشنى قارار قىلدى

You May Like