خۇئەنگاڭ، خۇلىيەنخې: دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش، مىللەتلەر سېڭىشىپ بىرلىشىش دۆلەت ئەبەدىي ئامانلىقىنى قوغداشتىكى نېگىزلىك تەدبىردۇر!

 

ئەسلى ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: تۇنيۇقۇق

ئۇيغۇر ئاگېنتىلىقى

 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

خۇئەنگاڭ(胡鞍钢):  خىتاي سولچىل زىيالىيسى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى، خىتاي مىللىي سىياسىتىدىكى غوللۇق مەسلىھەتچىلەرنىڭ بىرى.  خۇلىيەنخې(胡联合): خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ مىنىستىرلىكى 9- ئىدارىسى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى. خۇلىيەنخې مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە مەسئۇل بولۇپ، بۇ يىل ئاۋغۇسىتتىكى ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش دوكىلات يىغىنىدا قەيسەر ئابدۇكېرىم بىلەن خىتايغا ۋەكىل بولۇپ لاگىر مەسىلىسىنى ئىنكار قىلغان.

  (تەرجىماندىن ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالە 2010- يىلى يىزىلغان بولسىمۇ، مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى مۆلچەرلەش، خىتاي سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشتە قىممەتلىك ماتىرىيال بولالايدۇ.  بىزگىمۇ مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى كۆرۈشتە رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئابدۇرىشىت قارلۇق مۇئەللىمنىڭ ۋىدىيولۇق سۆھبەتلىرىنىڭ تىگىگە تېخىمۇ چوڭقۇر يىتەلەيسىز).

         مۇھىم نۇقتىلار:

         مىللىي مەسىلە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يادرولۇق مۇھىم مەسىلە. دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، تۈزۈم جەھەتتىن  مىللەتلەر سىڭىشىپ بويسۇنۇشقا بويسۇنۇش ۋە قوللاش كىرەك. » پەرقلەرنى تۈگىتىش » ۋە » سىياسىيلاشتۇرماسلىق«  ئىتنىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي يۆلىنىش بولۇشى، تۈزۈم جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ھالدا پۇقرالارنىڭ ئىتنىك ئىڭىنى سۇسلاشتۇرۇش، ئىتنىك ئاڭ ۋە يەرلىك ئاڭنىڭ گىرەلىشىپ كۈچىيىپ كىتىشىنى توسۇش، ھەرقانداق شەكىلدىكى يەرلىك مىللەتچىلىكنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش كىرەك. دەۋىرگە ماس كەلمەيدىغان ئىتنىك ئاڭ ، ئىتنىك سالاھىيەت ۋە ئىدىيەئۇقۇملارنى كۈچەيتىشلەرنى ئىسلاھ قىلىش، تەڭشەش ۋە ئىنتىزاملىق لاھىيەلەش كىرەك. بۇ ئارقىلىق پۇقرالار ئەڭ ئاۋال ئۆزلىكىدىن ئۆزىنى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ( جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى) دەپ تونۇش، زور كۈچ بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى كىملكىنى ئىتراپ قىلدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر گەۋدەلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك.

        ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مىللەتلەر مەسىلىسى، مىللەتلەر قوشۇلۇش؛  مىللەت، دۆلەت ئىتراپ تۇيغۇسى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئەبەدىي ئامانلىق.

       مىللىي مەسىلە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يادرولۇق مۇھىم مەسىلە. يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈز بەرگەن ئېتنىك ئامىللارغا چېتىشلىق بەزى مەسىلىلەر، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىك، تىرورىزىمغا قارشى مۇرەككەپ ۋەزىيەتلەر، دۆلەت بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىنى قوغداش مەسىلىسىنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئالدىغا قويدى. بىز شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كىرەككى، دۆلەتنىڭ بىرلىك، بىخەتەرلىكى ۋە ئەبەدىي ئامانلىقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەتى، كومپارتىيە ھاكىمىيەت ئورنىنىڭ تۈپ بۇرچى، پەنتېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىناق جەمىيەتتىكى ئاساسىي تەلەپنىڭ نىگىزىدۇر. بۇ ئومومىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى قوغلىشىشتىنمۇ بەكرەك يادرولۇق، بەكرەك مۇھىم، بەكرەك جىددىي ۋە مۈشكۈلدۇر!

  سىياسەتشۇناسلىق نەزىرىيەسىدىن قارىغاندا، ئىتراپ قىلىش ۋە مەجبۇرلاش دۆلەت ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ ئىككى چاقى ھىسابلىنىدۇ. دۆلەتنى  ئانچە ئىتراپ قىلمىسا، مەجبۇرلاشنىڭ چېقىمى زور بولۇپلا قالماي، ئۇزاق داۋاملىشالمايدۇ. ئەل رايى ۋە تۈزۈم كاپالىتىنىڭ تۈپ مەنىسىدىن ئىيىتقاندا، ئىتراپ قىلىش مەجبۇرلاشتىنمۇ مۇھىم. ئىتراپ قىلىش تۈزۈلمە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر قوشۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلەت ئۇزاق مەزگىللىك ئامانلىقىنىڭ تۈپ ئاساسىدۇر. گەرچە ئىتراپ قىلىش ( مەجبۇرلاشمۇ بار) مەلۇم دەرىجىدە ماددىي ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىشى كىرەك بولسىمۇ، بىراق ئىتراپ قىلىش يەنىلا ماددىي ئاساستىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئىنكارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىلا ( بولۇپمۇ تۈزۈم جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈلگەندە) دۆلەت ئاندىن ئەبەدىي ئامانلىققا ئىرىشىدۇ. ئەمما ئەگەر ئىنكارچىلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەكسىنچە دۆلەت پارچىلىنىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ئىسپانىيەنىڭ پايىس باسكو رايونى، كانادانىڭ كۇبىك رايونى گەرچە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ باشقا رايونلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۆلگۈنچىلىك يەنىلا ئېغىر. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بالتىق رايونى  دۆلەتلىرى باشقا رايونلاردىن باي ئىدى، ئەمما ئۇلار ھەممىدىن بۇرۇن مۇستەقىل بولدى. چىخسىلوۋىنسكا گەرچە نەچچە ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق رايونلار ئارا ئىقتىسادىي پەرقنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. 1969- يىلى، چىخسىلوۋىنىسكادىكى سىلوۋىنىسكا( مىللەت)نىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى چىخلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن 50 يىل كىيىن قالغان ئىدى. كىيىن دۆلەت سىلوۋىنىسكا رايونىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سالغان، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياردەم قىلىپ ئىككى مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى 1990- يىلىدا ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ سەۋىيەگە يەتكەن، ئەمما 1993-  يىلى دۆلەت يەنىلا پارچىلاندى. بۇ ئاساسلىقى مىللىي ئىتراپ قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلمىغانلىقتىن، بولۇپمۇ دۆلەتنى ئىتراپ قىلىشنىڭ تۈزۈلمە كاپالىتى كەمچىل بولغانلىقتىن، مىللىي ئايرىمىچىلىق ئاساسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشقان.  چىخلار سىلوۋىنىسكالارنى ياراتماي، فىدراتسىيە دۆلەت خەزىنىسىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى سىلوۋىنىسكالار خەجلەپ تۈگىتىپ، چىخلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارىغان. سىلوۋىنىسكالار گەرچە ئىككى رايون ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنىڭ تەڭلەشكەنلىكىدىن ھۆكۈمەتكە مىننەتدار بولسىمۇ، دائىما چىخلار ئۇلارنى بوزەك ئېتىۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ مىللىي تۇيغۇسىنى ھۆرمەت قىلمايدىغاندەك ھىس قىلغان. بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، مىللىي مەسىلىسنىڭ سىياسىيلىشىشى توختىماي كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بولۇپمۇ ئىككى مىللەتنىڭ  سىياسىي سەردارلىرىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى يىتەكچى ئورۇندا تۇرغاچ، ئىككى مىللەت سىياسىي سەردارلىرى ئىختىلاپلىشسا، ھەر ئىككى تەرەپ دۆلەتنىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدىكى مىللىي ھوقۇق تۈزۈمىگە نارازى بولغان.  ئۆز مىللىتىنىڭ ھوقۇقمەنپەئەتى تولۇق ئىپادىلەنمىگەن، ھۆرمەتلەنمىگەن دەپ قاراپ، ئۆز مىللىتىنىڭ سىياسەتتە مۇستەقىللىقى ۋە دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى قوغلاشقان. نەتىجىدە 1993- يىلى 1- ئايدا تىنىچلىق بىلەن فىدراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارچىلانغانلىقىنى جاكارلاپ، چىخ ۋە سىلوۋىنىسكا مۇستەقىل دۆلەتكە ئايرىلغان.

       ئەمەلىيەتتە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇش كىرەككى، دۆلەت باشقۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقى تۈزۈلمە جەھەتتىن بىر ئورتاق مىللەت( nation)  بەرپا قىلىش، دۆلەتچىلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، مىللىي تۇيغۇسىنى سۇسلاشتۇرۇش، تۈزۈلمە ئارقىلىق مىللىي مەسىلىنى سىياسىيلەشتۈرمەسلىك، ھەرقانداق ئادەمنىڭ «يەرلىك مىللەت مەنپەئەتى» ۋەكىلى ياكى رەھبىرى بولۇپ ئاتىلىشىغا پۇرسەت بەرمەسلىك كىرەك. ئەڭ مۇھىمى تۈزۈلمە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەت بىرلىك، بىخەتەرلىكىنى ھىمايە قىلىشتا ئاكتىپ يىتەكچى كۈچ بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كىرەك. خەلقئارالىق تەجىربەساۋاقلاردىن قارىغاندا، بىر دۆلەت تىرورىزىمغا قارشى كۆرەشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاۋام خەلقنىڭ جاندىن تويغان تىرورچىلارغا ئايلىنىپ كىتىشىنى توسۇشتۇر.  بىر دۆلەت بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا تۈزۈلمە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق ئاتالمىش » يەرلىك مىللەت سەردارلىرى«نىڭ يەرلىك مىللەت مەنپەئەتى ۋەكىللىرى ياكى رەھبەرلىرى بولۇۋىلىشىغا يول قويماسلىق كىرەك. سىياسىي ئاتموسفىرا قانداقلا ئۆزگەرمىسۇن، ئۇلار ھەرگىزمۇ دۆلەتنى پارچىلايدىغان «سەردارلار» بولۇپ قالماسلىقى، تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنى بۆلگۈنچىلىك، تىرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ » پىچكىلىرى» بولۇپ قالماسلىقى كىرەك.

2

          تارىخ ئەڭ ياخشى ئەينەكتۇر. بىز تارىختىن ئىبرەت ئىلىشىمىز، بولۇپمۇ سوۋىتنىڭ پارچىلىنىپ كىتىشىدىن ساۋاق ئىلىشىمىز كىرەك. ئۇزۇندىن بۇيان، يولداش سىتالىن يولداش لىنىننىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى تۈزۈلمىسى ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدىكى ئۆتكۈنچى ئىدىيە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن ئىنقىلابىي پارتىيەدىن، ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن ھاكىم پارتىيەگە ئايلىنىش يىتەكچى ئىدىيىسىنى ۋە دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيدىغان ئىسلاھات، يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. ئەكسىنچە،  ئۇ مىللىي بىرلىك ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر، ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتلەر، ئاپتونوم ئوبلاسىت ۋە رايونلاردىن شەكىللەنگەن ئىتتىپاقداشلىق شەكلىنى مۇقىملاشتۇردى. خەلقنى مىللەت جەھەتتىن پەرقلەندۈردى، بولۇپمۇ «مىللەت  بولسا ئورتاق جۇغراپىيە، ئورتاق تىل، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەت ئاساسىدا ئىپادىلەنگەن پىسخىك ئاڭنىڭ ئورتاق گەۋدىسى«  دىگەنلەرنى تەكىتلەپ، ھەر بىر پۇقراغا دۆلەت (nation)تىن تۆۋەن تۇرىدىغان » مىللەت» ماركىسىنى چاپلاپ، مىللىي مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرىۋەتتى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ۋە ئاپتونۇم رايونلارنى » يەرلىك مىللەت زىمىنى«، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ۋە ئاپتونۇم رايوندىكى بايلىقلارنى » يەرلىك مىللەتنىڭ بايلىقى«، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ۋە ئاپتونۇم رايونلاردا » يەرلىك مىللەتنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى يىتەكچى ئورۇندا تۇرۇشى، ئۆز مىللىتىنىڭ كادىرلىرى رەھبەرلىك قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى كىرەك» دەپ قارىدى. نەتىجىدە، مىللىي ئاڭ ۋە مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىدىغان تۈزۈلمە يولغا قويۇلۇپ، ھەر قايسى جايلاردىكى مىللىي رەھبەرلەر يەرلىك مىللەت مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ ئالىي ۋەكىلى، سوۋىت ئىتتىپاقى رامكىسىدا يەرلىك مىللەت مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان ۋاكالەتچىلەرنى پەيدا قىلدى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، گورباچىۋ ھاكىمىيەت تۇتقانغا قەدەر، پۈتۈن سوۋىت ئىتتىپاقىدا كومپارتىيە تەشكىلىي قۇرۇلۇشى ۋە كادىر باشقۇرۇش، روس تىلىنى ئوموملاشتۇرۇش، ئىنتىرناتسىيونالىزىم ۋە كومونىزىم ئاڭ قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىش، ئارمىيەگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار  ئاۋام پۇقرالارنىڭ دۆلەتچىلىك تۇيغۇسى ( گەرچە ئانچە مۇستەھكەم ئەمەس، يەنە كىلىپ يەرلىك مىللەتچىلىك خاھىشى ئىنتايىن ئاشكارا ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ) پەيدىنپەي قۇرۇپ چىقىلدى.

         مىللىي سەردارلارنىڭ مىللىي ئىڭى ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيىسى بۇرمىلانغان، باستۇرۇلغان ۋە يوشۇرۇلغان بولغاچ، دۆلەت يەنىلا سىرتقى كۆرۈنۈشتە تىنىچخاتىرجەم ۋە بىرلىكنى ساقلىغان. گورباچىۋ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كىيىن،  زور كۈچ بىلەن » دىموكراتىك، ئىنسانپەرۋەر سوتسىيالىزىم» ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ 1990- يىلى ئاساسىي قانۇن سوۋىت كومپارتىيىسىگە بەرگەن رەھبەرلىك ئورنىنى ئاشكارا ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم يۈرگۈزۈپ، سوۋىتنىڭ سوتلىيالىستىك سىياسىي تۈزۈلمىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ھەر قايسى جايلاردىكى مىللىي ئاڭ ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى كۈنسايىن يۇقىرىلىدى.  شۇنداقتىمۇ بالتىق دىڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەت مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، 1991- يىلى 3- ئاينىڭ 17- كۈنى دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قىتىم ئومومىي سايلام ئۆتكۈزدى. گەرچە ئالتە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قارشى تۇردى. پۈتۈن سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى %80  بىلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە پۇقرالار سايلامغا قاتنىشىپ، كۆپ قىسىم (%76.4) كىشىلەر ( روسىيەدە %73.14، بىروسىيەدە %93.7، قىرغىزىستان %94.5، تاجىكىستان %96، تۈركمەنىستان %98) ئىتتىپاقنى ساقلاپ قىلىشنى قوللىدى. بىراق تۈزۈلمە كاپالىتى كەمچىل بولغاچ، مىللىي سەردارلار بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئاۋانگارتلىرى ۋە رەھبەرلىرىگە ئايلاندى، ئەل رايى مىللىي سىياسىي سەردارلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىنى توسۇپ قالالمىدى. ھەرقايسى جايلاردىكى كومپارتىيە باشلىقلىرى تۇشمۇتۇشتىن يىڭى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ رەئىسىگە ئايلاندى، نەتىجىدە سوۋىت ئىتتىپاقى شۇ يىلى 12- ئايدىن باشلاپ قايتا مەۋجۇت بولمىدى،  قۇدرەتلىك سوۋىت ئىتتىپاقى 15 دۆلەتكە پارچىلاندى. سوۋىتنىڭ پارچىلىنىشى كىشىلەرگە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەل رايىنى ئۇتۇش قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما ئورتاق دۆلەت مىللىتى قۇرۇپ چىقىدىغان تۈزۈلمە باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى. مىللىي پەرق ئاساسىدا مەمۇرىي باشقۇرۇش رايونلىرى  ئايرىلماسلىقى، سىياسىي ۋەزىيەت قانداقلا ئۆزگەرسۇن ھەرقايسى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار باشتىنئاياغ دۆلەت مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، يەرلىك مىللەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىلى بولۇپ قالماسلىقى، ئاتالمىش مىللىي سەردارلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلايدىغان سەركىلىرگە ئايلىنىپ قىلىشىغا  ھەرگىزمۇ يول قويۇلماسلىقىدىن دىرەك بەردى.

  

          چوڭقۇر تونۇشقا تىگىشلىكى، دۇنيا تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا يىقىندا قۇرۇلغان مىللىي دۆلەتلەر  دەسلەپتە پۇقرالارنىڭ ئورتاق دۆلەت ۋە ئورتاق مىللىيىتىنى كۈچەيىتتى. ئاساسلىقى ئەسلى ئوخشىمىغان رايون، مىللەتلەرگە تەۋە كىشىلەرگە ئورتاق دۆلەت مىللىتى سالاھىيىتىنى ئاتا قىلىپ، تار مەنىدىكى جۇغراپىيەلىك ۋە ئىرقىي ئورتاقلىقنى يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتلەردە » مىللەت» ئۇقۇمى ئەڭ كەڭ مەنىگە ئىگە بولۇپ، شەخىس تۇغۇلغان جاي ياكى ئىتنىك مەنبەسى قانداقلا بولمىسۇن، » مىللەت» شۇ شەخىس تەۋە دۆلەتنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى، دۆلەت مىللىتىنى بىلدۈردى. بۇ خىل ئەھۋال ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە ئوموميۈزلۈك ھادىسە، ئامرىكىدا تېخىمۇ شۇنداق. مەسىلەن، ئامرىكىدا گەرچە چوڭكىچىك بولۇپ 1500دىن ئارتۇق مىللىي توپلام بار بولسىمۇ، ھۆكۈمەت مىللىي گەۋدىنى رەسمىي ئىتراپ قىلمىغان. ئىرقىي، مىللىي گۇرۇھلار قانۇندا ئىتراپ قىلىنمىغان، ھەرقانداق مىللىي توپلامنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخى زىمىنى بولۇشىغىمۇ يول قويمىغان. ئامرىكىدىكى ھەرقانداق مىللەت ئەزالىرى ( ئىندىئانلاردىن باشقا) پەقەتلا ئاددىي پۇقرا، ئىتنىك سالاھىيەتنى باھانە قىلىپ سىياسەتتە ھوقۇق تۇتىشى، سايلىنىشى، مائارىپ، خىزمەت پۇرسىتى قاتارلىق تەرەپلەردە ھەرقانداق ئالاھىدە ئىمتىياز ياكى كەمسىتىشكە ئۇچرىشى، مىللىي ئاپتونومىيەگە ئىرىشىشى چەكلەنگەن. ئامرىكا پۇقرالىرىنىڭ كىملىكىدە » مىللىتى» دەيدىغان مەزمۇن يوق، كىشىلەر ئەسلى قايسى دۆلەت، قايسى مىللەتكە تەۋە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئامرىكا گىراژدانلىقىغا ئىلىنغان ھامان ئامرىكىلىق ۋە ئامرىكان مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ.

           ئەمما، ھازىر ۋە بۇندىن بۇرۇن ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللەردە شەرقىي ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا » مىللەت» يەنىلا ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت خاراكتىرىگە ئىگە مىللىي توپلامنى كۆرسىتىدىغان كونا ئاتالغۇ، مىللەتنىڭ ئېنىقلىمىسى بولسا يەنىلا ماكان، تىل، دىن، مەدەنىيەت قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بەلگىلەنمەكتە.مەسىلەن، پولشادا، ھېچبىر يەھۇدى پولشا گىراژدانلىقىغا ئىرىشكەنلىكى سەۋەبلىك پولشالىققا ئايلىنىپ قالمايدۇ. روسىيەدە، ھىچبىر ئۇكرائىنالىق، گىروزىيەلىك، تاتار ياكى ئارىيانلار روسىيەلىك بولۇپ قالمايدۇ. ئوسمانلى ئىمپىرىيەسى دەۋرىدە، ھەرقايسى مىللەتلەر يەرلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولاتتى، خەلق ئىشلىرىدا غايەت زور ئەدلىيە ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. بۇ خىل ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تۇتىدىغان «دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتلەر«  نىھايەتتە مۇستەقىل مىللەتچىلىككە ئورۇن ھازىرلاپ، ئىمپىرىيەنى پارچىلاپ، ئۆز ئالدىغا يىڭى دۆلەتلەرنى قۇرۇپ چىقتى. زامانىمىزدا مىللىي دۆلەت گەرچە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىشىلەر يەنىلا  قەبىلە، دىن ۋە يەرلىك سۇيۇرغال ھۆكۈمەتلەرگە تەۋە. ئۇلارنىڭ مىللەتكە، دىنغا، يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى ھەرۋاقىت دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشكەن بولۇپ،  ئورتاق دۆلەت مىللىتى ۋە ساداقەت تۇيغۇسىنى كۈچەيىتمەك تەسكە توختايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، دۆلەت ئىقتىسادى تالاشتارتىش، قالايمىقانلىشىش ھەتتا ئىچكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالىدۇ. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى، يۇگۇسلاۋىيە ۋە چىخسىلوۋىنكالارنىڭ پارچىلىنىش سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولسىمۇ، بىر ئاساسىي سەۋەبى ئۇلار پۇقرالار ئارىسىدا ئوموميۈزلۈك ھالدا بىرلىككە كەلگەن ئورتاق دۆلەت ۋە دۆلەت مىللىتى ئىڭىنى پەيدا قىلالمىغان. ھەرقايسى جايلار ( جۇمھۇرىيەت، ئاپتونۇم ئوبلاستلار)دىكى خەلقلەر بولۇپمۇ ئەمەلدارلاردا يەرلىك مىللەت ئىڭى كۈچلۈك بولۇپ، » مىللىي بۆلگۈنچىلىك«نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. زامانىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئىرقىي توقۇنۇشلارمۇ  ئورتاق دۆلەت تۇيغۇسىنىڭ يوقۇلۇشى، ئىچكى مايىللىقنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلىقى، جەمىيەت مۇقىمسىزلىقى ۋە دۆلەت قالايمىقانچىلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈردى. شۇنىڭدەك، ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىگىشلىكى، غەرب ئەللىرى مىللىي سىياسەتتە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىدۇ. بىر تەرەپتىن ئىزچىل ھالدا كۈچەپ ھەتتا مەجبۇرلاپ ئۆز دۆلىتىنىڭ مىللىي ئاسسىمىلاتسىيە ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. » غەرب ئەللىرى ئىلگىرى ھەرخىل سىياسەتلەرنى قوللۇنۇپ، تىل ۋە تۈزۈم:  گىراژدانلىق، تەۋەلىك، مائارىپ، تىل، مەمۇرى خادىم ياللاش، ئەسكەرلىكىككە ئالاقىدار قانۇنتۈزۈملەر، دۆلەت تاراتقۇلىرى سىياسىتى قاتارلىقلاردا بىرىكىشنى قولغا كەلتۈردى، بەزىسى ھەتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قىرغىن قىلدى.  ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار مىللىي مەسىلىدىن پايدىلىنىپ سوتلىيالىستىك دۆلەتلەرنى پارچىلاپ، سوتلىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ مىللەتلەر ئارىلىشىش، قوشۇلۇشلىرىغا ئاتالمىش » كىشىلىك ھوقۇق«، » مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» قاتارلىق باھانىلەر بىلەن قول تېقتى.  سوتلىيالىستىك دۆلەتلەردىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يوسۇندا قوللىدى. غەرب ئەللىرىنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى سابىق سوۋىت، شەرقىي ياۋروپادىلا ئەمەس، دۆلىتىمىزدىمۇ كۆرۈلدى.  ئۇلار ھەتتا  روسىيەدەك ئاللىقاچان سوتلىيالىستىك دۆلەت ھىسابلانمايدىغان، ئەمما غەرب ئەللىرى لاگىرىغا تەۋە بولمىغان دۆلەتلەرگىمۇ شۇنداق قىلماقتا. بۇ خەلقئارادا مىللىي زىددىيەت تۈگىمەسلىكى، مىللىي توقۇنۇش ئاياغلاشماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبتۇر.

         خىتاي تارىخى تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى ئىنتايىن كەڭ قورساق مىللەت. جۇڭخۇا مىللىتى ئىچىدىكى نوپوسى ئەڭ كۆپ خىتايلارمۇ ئىنتايىن كەڭ قورساق مىللەت، ئۇلار ئىتنىك تەركىبى خىتايغا تەۋە بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن. جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىچىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە  خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى سۈمۈرگەن، سىڭدۈرگەن. جۇڭخۇا مىللىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۆزئارا بايلىق، ئۇچۇر ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ توي قىلىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىڭىشىپ بىرلىشىشىنى تىزلەشتۈرىدۇ، دۆلەت بىرلىكىنى ساقلاش، باشقۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس ۋە رامكا تەمىنلەيدۇ. مەيلى تارىختا بولسۇن ياكى ھازىرقى ۋەزىيەتتە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ دۆلەت مىللىتى ئىڭىنى يىتىشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش، دۆلەتنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بەلگىسى دەپ تونۇش كىرەك.  خەلق ئۆز سالاھىيىتىنى تونۇشتا ئەڭ ئاۋال ئۆزىنى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ( بىر ئەزاسى) دەپ ئىتراپ قىلسا، پۇقرالار ئۆزلىكىدىن دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە قۇدرەتلىك پىسخىك ئاساس ۋە ئاممىۋى ئاساس قۇرۇپ چېقىدۇ.

      خىتاي كومپارتىيىسى مىللەتلەر نەزىرىيىسى ۋە مىللىي سىياسىتىدە ئوبىكتىپ جەھەتتىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر نەزىرىيىسى ۋە مىللىي سىياسىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پارتىيىمىز مىللەتلەر نەزىرىيىسى ۋە مىللىي سىياسەتتە تارىختىن بۇيان دۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ كەلدى. ئىنقىلاپنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، پارتىيىمىز ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى،  فىدراتسىيە تۈزۈمى قۇرۇشنى تەكىتلىدى. 1931- يىلى، جۇڭخۇا سوۋىت تۇنجى قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان » جۇڭخۇا سوۋىت جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن نىزامنامىسى» 14- ماددىدا ئېنىق قىلىپخىتاي تىرىتورىيىسى ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىتراپ قىلىمىز، ھەر قايسى ئاجىز، ئۇششاق مىللەتلەرنىڭمۇ خىتايدىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ ئىتراپ قىلىمىز» دىگەن. ئازاتلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيىمىز دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە فىدراستىسيە تۈزۈمىدە دۆلەت قۇرۇشنى ياقىلىمىدى، بەلكى مىللەتلەر باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئاپتونومىيەسىنى تەكىتلەپ، سوۋىت فىدراتسىيەسىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. ھاكىمىيەتنى قولغا ئىلىش ئالدىدا،  ئوبىكتىپ ۋەزىيەتنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا، بىز يەنىلا سوۋىتنىڭ ئىچكى موڭغۇلدا ئىتتىپاقداش ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ياكى ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش لاھىيەسىنى ئۈلگە قىلماي، 1947- يىلى ئىچكى موڭغۇل يەرلىك ئاپتونۇم ھۆكۈمىتى قۇردۇق.

        ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كىيىن، يىڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان يولداش ماۋزىدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە بىرىنجى ئەۋلاد مەركىزىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۈزلۈكسىز ھالدا دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، ئەمەلىيەتنى چېقىش قىلىش ئىدىيىسىنى يىتەكچى قىلدى، ئىنقىلابىي پارتىيەدىن ھاكىم پارتىيەگە ئايلاندى. شۇ ۋەجىدىن گەرچە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر نەزىرىيىسى ۋە مىللىي سىياسىتىنىڭ ئوبىكتىپ تەسىرىگە ئۇچراپ، 1950- يىللىرىدىن باشلاپ مىللەتلەرنى پەرقىنى ئايرىغان بولساقمۇ، دەسلىپىدىلا شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)دەك بۇ خىل مۇرەككەپ رايوندا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ياكى مىللىي ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش خاتا تەشۋىقاتىنى قەتئىي رەت قىلدۇق، شۇنداقلا شارائىت پىشىپ يىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئالدىراپ مىللىي ئاپتونومىيەلىك رايون قۇرمىدۇق. 1949- يىلى 9- ئايدا، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) تىنىچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن تاكى 1955- يىلى 9- ئايغىچە ئىزچىل شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ئۆلكىسى مەمۇرىي تۈزۈمىنى ساقلاپ كەلدى. سوۋىت مىللەتلەر نەزىرىيىسى ۋە مىللىي سىياسىتىنىڭ تەسىرى ھەمدە ئەينى دەۋىر تارىخى شارائىتىگە ماسلىشىپ، پارتىيىمىز دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، مىللەتلەر پەرقى ئاساسىدا مىللىي ئاپتونومىيەلىك رايون تەسىس قىلدى. دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىگەن بۇ يىڭىچە تۈزۈم مىللەتلەر باراۋەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە ئۈنۈملۈك سېناق، خىتايدا ئاتالمىش ئىتتىپاقداش مىللەتلەر جۇمھۇرىيىتى ياكى مىللىي ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتەك تارىخى داشقال قۇرۇشقا ئاشكارا قارشىلىق بىلۈردى.

يولداش دىڭشىياۋپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە ئىككىنجى ئەۋلاد مەركىزىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، پارتىيىمىز تارىخى شارائىتنى چېقىش قىلىپ يەرلىك مىللەتچىلىك ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىگە قايتىدىن قارشى تۇرۇپ، كىم مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلسا شۇنى جازالاشنى تەكىتلەپ، كەسكىن ھالدا شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)دا ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مۇرەككەپ خەلقىئارا، ئىچكى ۋەزىيەت مۇھىتىدا شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)، تىبەت قاتارلىق مىللىي رايونلارنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئامانلىقىنى قوغدىدى. يولداش جىياڭ زىمىن يادرولۇقىدىكى ئۈچىنجى ئەۋلاد مەركىزىي رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، پارتىيىمىز دۇنيادىكى مىللەتلەر مەسىلىسى تەرەققىياتىنىڭ يىڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، » ئۈچ خىل كۈچ«كە قەتئىي  زەربەبەردى. ماركىس، لىنىن، سىتالىن قاتارلىق  پىشقەدەم يازغۇچىلارنىڭ مىللىي تىل نەزىرىيىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، 2000- يىلى 10- ئايدا تۈزۈلگەن » دۆلەت ئورتاق تىليىزىق قانۇنى«نى كەسكىنلىك بىلەن ماقۇللاپ، خىتاي تىلى ۋە ئورتاق شېۋىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئورتاق قوللىنىدىغان بىردىنبىر تىليىزىق دەپ ئېنىق بىكىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىڭىشىپ بىرلىشىشى ئۈچۈن كۈچلۈك قانۇنىي كاپالەت ھاسىل قىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، مەملىكەتلىك قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنى سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئېنىق بەلگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەنىنىڭ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)نىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس ياراتتى.

            16- قۇرۇلتايدىن بىرى، يولداش خۇ جىنتاۋ  باش كاتىپلىقىدىكى مەركىزىي رەھبەرلىك يىتەكچىلىكىدە، پارتىيىمىز ئىلمىي تەرەققىيات نۇقتىنەزىرى، سوتلىيالىزىم قۇرۇلۇشى ۋە ئېنىق جەمىيەت نەزىرىيىسىنى باشلامچى قىلدى. بولۇپمۇ 2010- يىلى 1- ئايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ 5- قىتىملىق تىبەت خىزمىتى سۆھبەت يېغىنى ئاممىۋى دوكىلاتىدا » مىللەتلەر ئارىلىشىش، قوشۇلۇش، سېڭىشىش دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە جەمىيەت مۇقىملىقىغا پايدىلىق» ئىكەنلىكى مىللىي خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىندى.  2010- يىلى 5- ئايدا مەركەزنىڭ شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) خىزمىتى ئاممىۋى دوككىلاتىدا » ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئىتراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئىتراپ قىلىش، خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم يولىنى ئىتراپ قىلىش» قاتارلىقلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىڭىشىپ بىرلىشىشى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان نەزىرىيىۋى قۇرال بولغۇسى.

           ئومۇمەن، يىڭى خىتاي قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، كادىرلارنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى، خەلق دىموكراتىك ھاكىمىيىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن دۆلەتچىلىك قىممەت قارىشىنى جەمىيەتكە تەشۋىق قىلىشى نەتىجىسىدە،  دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، پۇقرالارنىڭ دۆلەت ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى ئىتراپ قىلىشى، مىللەتلەر بىرلىشىش ئەھۋالى ئوموميۈزلۈك بىر قەدەر ياخشى. ئەمما سەگەكلىك بىلەن ئوبىكتىپ قارىساق، كۆپ خىل سۇبىكتىپ ئامىللار ۋە تارىخى شارائىتلارنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە يەنىلا ئاز بولمىغان خەۋىپلەر مەۋجۇت،بۆلگۈنچىلىككە قارشى ۋەزىپىمىز يەنىلا بەسى مۈشكۈل! ئاساسلىقى بەزى ئازەملەر سىتالىن مىللەت نەزىرىيەسىدىكى تۆت ئاساسلىق ئامىلنىڭ تەسىرىدە، خاتا ھالدا مىللىيلار يەرلىكنى ئىدارە قىلىشنى، مىللىيلار ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنى ئاساسى، يەرلىك مەنبەسى قىلىۋاپ، ئاتالمىش » يۈكسەك ئاپتونومىيە» ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنى يوشۇرۇن تارقىتىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى توختاۋسىز داۋاملاشماقتا. يەنە بۇرغۇن يەرلىك مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىش، سېڭىشىش ئىنتايىن يىتەرسىز، مىللەتلەر  پىسخىك توسالغۇسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلانغان. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئىڭى ۋە دۆلەت ئىڭى كەمچىل، ئۆز مىللىتىگە خاھىشى ئېغىر، جۇغراپىيەلىك چىگرا ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەت دائىرىسىنى ئۆلچەپ، يەر بايلىقلىرىنى مىللەتنىڭ بايلىقى دەپ تونۇيدۇ. بەزى كىشىلەر تار مىللەتچىلىك ئىدىيىس بىلەن دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەتتا ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆزلەيدۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ھەتتا مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ خىل ئەھۋال شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت چىگرا رايونلىرىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك، ئاساسلىقى چەتئەل دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ بولۇپمۇ » شەرقىي تۈركىستان«، تىبەت مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن بولغان. بەزى كىشىلەرنىڭ تار مىللەتچىلىك ئىڭى قوزغىلىپ، ئوخشىمىغان مىللەت ئەزالىرى بىلەن پىسخىك توسالغۇ ھاسىل قىلغان. نۇرغۇن ئادەملەر تېخى دۆلەت ئورتاق تىلىنى ( خىتايچە ئورتاق تىلنى) بىلمەيدۇ، دۆلەت ئورتاق تىليىزىقىدىكى گىزىت ۋە تىلۋىزىيە فىلىملىرىنى،  كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدۇ،رادىئو قاناللىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئوبىكتىپ جەھەتتە ئۇنىڭ دۆلەتنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى ئىتراپ قىلىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)، تىبەتتىكى مۇرەككەپ مىللىي، دىنىي، چىگرا ئامىللىرىدىن پايدىلىنىپ،  مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھىسسىياتىنى قۇترۇتۇپ، ئاتالمىش » مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» نەزىرىيىسىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىپ،  مىللىي ئاپتونومىيەنى  ئاتالمىش مىللەتلەر «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان مۇستەقىل دۆلەت«كە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان) ۋە تىبەتنى ۋەتىنىمىزدىن بۆلۈۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ.

           بىز بۇنىڭغا قارىتا ئىنتايىن جىددىي قارىشىمىز، كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت ئورنى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدىغان ئىستىرادىگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، نەزىرىيە ۋە تۈزۈم جەھەتتىن يىڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ مۇناسىۋەتلىك قانۇنسىياسەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سېڭىشىپ بىرلىشىش قەدىمىنى تىزلىتىپ، خىتايلار بىلەن ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىكىپ ئۇيۇشۇش كۈچى كۈنسىرى كۈچىيىدىغان جۇڭخۇا مىللىتى بىرلىكىنى ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.

          بۇ دۆلەت تۈزۈلمىسىدە يىڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە باشقۇرۇشى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ھاسىل قىلىش ۋە مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلىدۇ. مىللىي پەرقلەرنى تۈگىتىش، سىياسىيلاشتۇرماسلىق مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئاساسىي يۆلىنىش بولۇشى، خەلقئارا ئورتاق قائىدىسى بويىچە » مىللەت» ئاتالغۇسىنى ئامال بار ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىپ، پەقەتلا جۇڭخۇا مىللىتى دىگەندەك دۆلەت مىللىتىنى ئاتىغاندا ئاندىن «مىللەت» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش، خەن ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلى نامىنى چاقىرغاندا » پالان  قەۋىم» ياكى » پۇستان ئىتنىك گۇرۇپ» دىگەنلەرنى ئىشلىتىش، ئەمما » پالان مىللەت» دىگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلەتمەسلىك كىرەك (ئەمەلىيەتتە دۆلەت ئىچىدىكى زور كۆپچىلىك يولداشلار تېخى دىققەت قىلمىغان بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئىشلار كومىتىتىدىكى » مىللەت» ئاتالغۇسىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدا ئىلگىرىكى » مىللەت» ئاتالغۇسىدىن » ئىتنىك» دىگەنگە ئالماشتۇرۇلدى).  قانۇن ئالدىدا ھەممە باراۋەرلىك پىرىنسىپى بىلەن  ئىتنىك ( مىللىي) مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىپ، ئىتنىك مەسىلىلەرنى ئىجتىمائىي مەسىلە قاتارىدا قانۇن بويىچە ھەل قىلىش، ئىتنىك مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ ئالاھىدە بىرتەرەپ قىلىشتىن توسۇش كىرەك. بۇنداق قىلىش ھەر بىر پۇقرانىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئىڭى ۋە قانۇن ئىڭىنى كۈچەيتىش، يەرلىك مىللەتچلىكنىڭ بىخلىنىشىغا ھىچقانداق پۇرسەت قويماي، جۇڭخۇا مىللىتى ئىڭىنى كۈچەيتىپ، خىتايلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ( قەۋىملەر) سالاھىيىتى، مىللىي ئىڭىنى سۇسلاشتۇرۇشقا پايدىلىق. پۈتۈن پۇقرالار  قايسى قەۋىم ( مىللەت)نىڭ ئەزاسى بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىردەك باراۋەر بولۇشى، باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئەركىن يۈرۈش، كۆچۈش، ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كىرەك. ھەر بىر قەۋىم ( مىللەت) تەركىبىگە قوشۇمچە قىلىنغان سىياسىي ھوقۇقلار ئاجىزلاشتۇرۇلۇشى، ھەرقانداق قەۋىم ( مىللەت) مەلۇم ئالاھىدە رايوننى  قەۋمىنىڭ ( مىللىتىنىڭ) مەنپەئەتى، بايلىق ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ۋەكىلى قىلىۋالماسلىقى، ھەرقايسى قەۋىم ( مىللەت) تەركىبى ئارقىلىق دۆلەتتىن مۇئەييەن رايوندا ئالاھىدە ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى كىرەك. ھەرقايسى ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرى رايونلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى قانۇن ئالدىدا بىردەك پاراۋەر بولۇشى، ئىتنىك ( مىللەت) ئامىللارغا ئالاھىدە ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بىرىلمەسلىكى، شۇنداقلا بارلىق ئىقتىسادى چىكىنگەن رايون ۋە پۇقرالارغا ياردەم بىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىسلاھات تەرەققىياتىدىن تېخىمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى كىرەك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۆلەت تۈزۈمىدە يىڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئىڭىنى كۈچەيتىش، خىتاي ياكى ئاز سانلىق مىللەت سالاھىيىتى ئارقىلىق ئالاھىدە  ھوقۇق ياكى كەمسىتىشكە ئۇچرىماسلىق كىرەك.  ھەممە كىشى باراۋەر پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى، ئىتنىك تەركىبنى ئالاھىدە ئىمتىياز، ئالاھىدە يۆلەش ئوبىكتى قىلىش سىياسىتىنى نامرات، ئاجىز ئەھۋالدىكى پۇقرالارنى ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن ئالاھىدە يۆلەش ئوبىكتى قىلىش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش،  ئىتنىك ئاڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، پۇقرالىق ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئىڭىنى كۈچەيتىش كىرەك.

           ئۇندىن باشقا، ھازىرقى باسقۇچتا ھەر خىل ئەسلىھەلەر ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا ئالاقە، چۈشەنچە، ئىشەنچ، ئىتراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىڭىشىش بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك. 1- » دۆلەت ئورتاق تىليىزىق قانۇنى«غا ئاساسەن، دۆلەت ئورتاق تىليىزىقىنى زور كۈچ بىلەن كەڭ قانات يايدۇرۇش. خىتاي تىلى ئورتاق شىۋىسى خىتايلارنىڭلا تىليىزىقى ئەمەس، بەلكى » دۆلەت ئورتاق تىليىزىق قانۇنى» بەلگىلەنگەن، دۆلىتىمىزنىڭ بىردىنبىر ئورتاق تىليىزىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئالتە چوڭ خىزمەت تىلىنىڭ بىرى. خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشئاز سانلىقلار ( مىللەت، قەۋىم) ۋە ئاز سانلىقلار رايون تەرەققىياتىغا، ئاز سانلىق ئاممىنىڭ پەنمەدەنىيەت سەۋىيەسى، رىقابەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي پايدىلىق زور ئىش، ئۇنىڭ خىجىل بولغۇدەك ھىچقانداق يىرى يوق.

       2 – قوش تىللىق مائارىپنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يەسلى، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى جىمى باسقۇچلىرىدا » قوش تىل مائارىپى» قوبۇل قىلىشى، مائارىپ ئارقىلىق دۆلەت ئورتاق تىليىزىقىنى پىششىق ئىشلىتەلىشى، ئانا تىلىنىمۇ قوللىنالىشى كىرەك. 3- ئارىلاش ئوقۇشقا قاتتىق كۈچەش. شارائىتى بارلا بولسا ئوتتۇراباشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى مىللىي كىملىك ئايرىماي ئارىلاش ئوقۇتۇش، ھەر مىللەت ( قەۋىم، ئىتنىك) ئوقۇغۇچىلىرى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزئارا ئۆگۈنىدىغان، ئارىلىشىغان مۇھىت بەرپا قىلىش، ئىمكانقەدەر ئارىلاش ئوقۇتۇش مائارىپىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشىمىغان مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىۋاستە بىربىرىدىن ئۆگىنىش، ئالاقە باغلاش كىرەك. 4- مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش. سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەجىرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا، چوڭ شەھەرلەرنى پىلانلاش، تۇرالغۇ ئۆيلەرنى لاھىيەلەش، سېتىشتا مۇناسىۋەتلىك ئاماللارنى تەتقىق قىلىپ، ئىمكانقەدەر ھەر خىل مىللەت ئاھالىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇش. ئولتۇراق رايونلارنىڭ كۆرۈنەرلىك پاسىل پەيدا قىلىشىنى توسۇش كىرەك. 5-  مىللەتلەر ئارا ئەركىن توي قىلىشنى قوغداش ۋە تەكىتلەش. ھازىر بەزى جايلاردا ھەر خىل مىللەتلەر  ئارىلىشىپ توي قىلىشقا پايدىسىز ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە سىياسىي تەدبىرلەر بار. بەزى مىللەتلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن، بەزى مىللەتلەرنىڭ ئارىلاش توي قىلىش نىسبىتى ھەتتا بىر پىرسەنتىن تۆۋەن، خەلقئارادا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ياخشىلىقىنىڭ ئۆلچىمى ئىككى مىللەت ئارىسىدا تويلىشىش نىسبىتى %10 بولۇپ، پەرق ناھايىتى زور. 6- پىلانلىق تۇغۇتنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش،  ھەرقايسى مىللەت نوپوس ساپاسىنىڭ ئۆستۈرۈش، قىيىنچىلىقتا قالغان پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، نوپوس، بايلىق، مۇھىت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كىرەك. 7. پۇقرالارنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئەركىن يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدە ھەرقايس جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئارىلىشىش، سىڭىشىشىنى تىزلىتىش كىرەك. 8- جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت بىرىكىشى ۋە تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن تىزلىتىش كىرەك. دۆلەتچىلىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يىتەكچىلىكىدە، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلغان ۋە ساقلاش بىلەن بىرگە، بارلىق مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللى مەدەنىيىتى بىلەن بىرىكىشى، ئورتاق مەدەنىيەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش كىرەك. بارلىق يەرلىك مىللەتچىلىك خاھىشىغا قارشى تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئىڭى، دۆلەت ئىڭى ۋە پۇقرالىق ئىڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش كىرەك.

           يىغىپ ئىيتىقاندا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقى، پارتىيەنىڭ ئوموميۈزلۈك تەرەققىيات،  ئوموميۈزلۈك ئىستىرادىگىيەسىگە يۈكسەك نەزەردە قاراپ، » جاھان ئۆزگەرسىمۇ ئەنسىرىمەسلىك، كونىلىققا ئىسىلىۋالماسلىق، خەقنىڭ مالامىتىدىن ئەنسىرىمەسلىك، يىڭىلىق يارىتىشتا دادىل بولۇش، جاھىل بولماسلىق، بىر ئىزىدا توختاپ قالماسلىق كىرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە  چەكچىگرىسىز،  ئىزدىنىش ۋە يىڭىلىق يارىتىشتا چەك چىگرىسىز ئىتىقاد بىلەن توختىماستىن تىرىشىپ، ئىدىيەنى ئازات قىلىش، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ مىللەتلەر نەزىرىيىسى، سىياسەتقانۇنلىرى ۋە مەمۇرى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىدە ئىسلاھات قىلىش، تۈزۈمدە مىللەتلەر بىردەك باراۋەرلىك ئاساسىي قانۇنىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئاساسىي قانۇندىن  ئۈستۈن قانۇنىي ئىمتىيازلىرىغا يول قويماسلىق كىرەك.  تۈزۈلمىدە بولۇپمۇ قانۇندا ھەر بىر پۇقرانىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئىڭى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاستا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ، مىللەتلەر سىڭىشىپ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك. شۇندىلا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۇلى چىڭدىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىنى قوغدايدىغان پولات قورغان مۇستەھكەملەنگەن بولىدۇ.

مەنبە: http://www.aisixiang.com/data/related-36593.html

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ئامېرىكا خىتايغا پايدا يارىتىدىغان 144 يىللىق پوچتا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقماقچى

چا ئۆكتەبىر 17 , 2018
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇقادىر ئابلىز ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى   [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك […]

You May Like