ختتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى داۋاملىق ئالدىيالماسلىقى كىرەك!

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرى قاتلام، ئىجتىمائى سىنىپلار، ئائىلىلەرگىچە قەدەر تەكشى قانات يايغان بۇ ئەنئەنىسى، يۇقىرىدىن – تۆۋەنگە مەلۇمات ساختىلىقى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتقا دائىر ساختا مەلۇماتلار، خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى كۆپتۈرمە ۋە ئويدۇرمىلار، نوپۇس ستاتېستىكىسى ساختىلىقى، ۋەقە-ھادىسىلەردە ئۆلگەنلەر ۋە كېلىپ چىققان زىيانلارنىڭ ساختا مەلۇماتىغا قەدەر ئشەنچىسىز بولۇپ، بۇ ئشەنچىسىزلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا سىڭىپ كەتكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى

(تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان)

2019-01-08

 

       خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلى خەلقئارا جەمىيەت خىتاينىڭ لاگىرلارنى بايقىغان چاغدا ئۇنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئەمما لاگىردىن  چىققان گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يوقاپ كەتكەنلەر، سۈنئى ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر، خىتايدىن كەلگەن مەخپى ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئاشكارىلانغان پولاتتەك پاكىت ۋە تاغدەك ئسپاتلار ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلماي ئامالسىز قالدى ۋە ئۇنى «لاگىر ئەمەس، تەربىيىلەش مەركىزى» دىدى.  خەلقئارا جەمئىيەت «ئۇنداق بولسا بىز نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرەيلى» دىگەندە، «بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشمىز، ھېچكىمنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق »دەپ رايونغا كىرگىلىمۇ قويمىدى. لاگىر خەلقئاراغا پاش بولۇپ، ئارىدىن ساق بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا بېسىم ئالدىدا، يېڭى بىر ئويۇننى ئوينىماقتا. بۇ ئويۇن «سىنارىيەسى تولۇق يېزىلغان، ئارتىسلىرى تولۇق رەپتىس قىلغان، نەق مەيدان چىرايلىق راسلانغان»، خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئالداش ئەنئەنىسىنى مەنبە قىلغان «ساختا زىيارەت ئويۇنى»دىن ئىبارەت.

      خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرى قاتلام، ئىجتىمائى سىنىپلار، ئائىلىلەرگىچە قەدەر تەكشى قانات يايغان بۇ  ئەنئەنىسى، يۇقىرىدىن – تۆۋەنگە مەلۇمات ساختىلىقى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتقا دائىر ساختا مەلۇماتلار، خىزمەت دوكلاتى ھەققىدىكى كۆپتۈرمە ۋە ئويدۇرمىلار،  نوپۇس ستاتېستىكىسى ساختىلىقى، ۋەقە-ھادىسىلەردە ئۆلگەنلەر ۋە كېلىپ چىققان زىيانلارنىڭ ساختا مەلۇماتىغا قەدەر ئشەنچىسىز بولۇپ، بۇ ئشەنچىسىزلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمىغا سىڭىپ كەتكەن.

     دۆلەتتە ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىل بولماسلىقى، ھۆكۈمەتنى بىتەرەپ نازارەت قىلىدىغان ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ بولماسلىقى، ئاخباراتنىڭ ئەركىن بولماسلىقى – بۇ ساختا ۋە يالغانچىلىقنىڭ مەنبەلىرىدىن فۇنكىسىيىلىك سەۋەبلىرىدىن بىرى بولسا، خىتاي مىللىي مەدەنىيىتىدىكى «ئابروي ئۈچۈن ماھىيەتنى يوشۇرۇش» كوللېكتىپ ھادىسىسى ۋە «ئۆزى ئۈچۈن باشقا ھەممىنى قۇربان قىلىۋىتىش» ئورتاق تونۇشى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى پەسكەش ساختىپەزلىكىنىڭ تارىخى ۋە رىئال سەۋەپلىرىنى پەردازلايدۇ.

      ئالدىمىزدىكى خەتەر شۇكى، خىتاي ئەگەر بۇ قېتىم ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى مەسلىسدە خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىيالىسا، رەزىللىكىنى ئاشۇرۇپ داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئەڭ ئەجەللىك تىراگىدىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

      نۆۋەتتە ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىدە بارلىق ھەربى، ساقچى، مەمۇرى، قانۇنى ، ئىجتىمائى مەنبەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر ۋەتىنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل تاراتقۇ، نازارەت ئورگىنى، بىتەرەپ تەكشۇرۇش ئاپاراتى يوق. بۇ خىل ئەھۋالدا، خىتاي بارلىق ئۇسۇل-تاكتىكا، ئادەم كۈچىدىن پايدىلىنىپ، مىسلىسز ۋەھشىي ۋە مەخپى قىرغىنچىلىقنى گۈزەل بىر تەربىيىلەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرستى دەپ ئالدامچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ.

       شۇڭا بىز شۇنى تەكىتلەيمىز: ئۇيغۇرلار مەسلىسدە تەكرار يالغان ئېيىتقانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان كرىدېت ۋە ئشەنچنى يوقاتتى! خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسلىسدە سۆزلەش سالاھىيتى يوق!

      خەلقئارا تەشكىلاتلار، مۇتەخەسسلەر، تاراتقۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرسىتىدىغان ھەر بىر ئويۇننىڭ پەردە ئارقىسىغا دىققەت قىلىشى كىرەك. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى قورسىقىدا جىن بولمىسا  تەكشۈرگۈچىلەرگە خالىغان ئورگاننى كۆرسىتەلىشى كىرەك. لاگىرلاردىكى ئالدىغا چىققان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە قوشۇلۇشى كىرەك. لاگىرلاردىن باشقا يۈزلىگەن قاماقخانا ۋە تۈرمىلەرنى تەكشۈرۈشكە قوشۇلۇشى كىرەك. پۇتۇن مەھبۇسلارنىڭ ئارخىۋىنى تەمىنلىيەلىشى كېرەك.

       مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر خىتاي كومپارتىيىسىنڭ سىياسەتلىرى، خىتاي مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن ساختا خاراكتېرىنى رىئال تۇرمۇشتا باشتىن ئۆتكۈزگەن  كىشىلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇلار ھەققىدە تاراتقۇلارغا سۆزلەشنى، گۇۋاھلىق بېرىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

      خىتاينى خەلقئارادا يېتىم قالدۇرۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق ھەرىكەتلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم !

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مەززىلىك بىر قازان شورپىغا چۈشۈپ كەتكەن بىر قانچە تامچە ئەۋرەز سۈيى

سە يانۋار 8 , 2019
تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا بىر ساۋاقدشىم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى ۋە بىز بەك كۈلگەن ئىدۇق. ئولار بىر كۈنى پاقلان ئۆلتۈرۈپ شورپا قىلپتۇ. شورپا بەك ئوخشاپتىكەنمىش . ئانسى تۈزىنى تېتىپ ئېلىپ يەيلى دەپ ئويلاپ قازاننىڭ تۇۋقىنى ئېچپتۇ . ئەمدى تۈز سېلىپ تۇرسا قازانغا ئۈستۈنكى قەۋەتتكى قوشنسىنىڭ ھاجەتخانسىنىڭ تۇربسىدىن بىر قانچە تامچە ئەۋرەز سۈيى چۈشۈپ كىتپتۇ. ئەسلىدە ئولارنىڭ ئاشخانسىنىڭ ئۈستىدە قوشنسىنىڭ ھاجەتخانسى بار ئىكەن ۋە شۇ كۈنى تۇربسىدىن مەسلە چىقىپ ئولارنىڭ بىر قازان شورپسىنى بۇلغىغانمىش. ئانسى بۇنى كۆرۈپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن شورپىنىڭ ھەممىنى تۆكۈۋىتىپ ،گۆشلەر

You May Like