ختاي قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنى ئاتالمىش شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى نازىرى قىلىپ تەيىنلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 6-ئاپرىل

مەمتىمىن مۇسا ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ تەيىنلەندى. مەمتىمىن مۇسا 1969-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر. ئۇ دەسلەپتە ئاتالمىش «شىنجاڭ »مالىيە-ئىقتىساد ئىنستىتۇتىدا خىزمەت قىلغان. مەمتىمىن مۇسا كېيىن ئاتالمىش «شىنجاڭ » ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2023-يىلى 3-ئايدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. كەلپىن ناھىيەسىدە مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ئاتالمىش شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى-ختاينىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئىدىئولوگىيەلىك كۆرىشىنىڭ ئاساسى قاتلام سېپى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ختاي مەزكۇر نازارەتنىڭ داڭلىق ئۇيغۇر نازىرى ساتتار ساۋۇتنى بۆلگۈنچىلىككە ئائىت كىتاپلارنى نەشر قىلغانلىق بىلەن ئەيىپلەپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. مەزكۇر نازارەتنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلغان زۇلھايات ئىسمايىل ختاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئايال كادىر بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆك تاشلىق كىتاۋى» ناملىق دوكلات كىتاۋىنىڭ ئاپتورى، ئۇ يەنە كومپارتىيەنىڭ ئورگان گېزىتى خەلق گېزىتى تەرىپىدىن «ياراملىق ئاز سانلىق مىللەت كادىر» دەپ تەرىپلىنىپ، ختاينىڭ ئۆستۈرۈش ئوبيېكتى بولغان

زۇلھايات ئىسمايىل-جىياڭسۇ ئۆلكىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولۇپ يۆتكەلگەن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تاشقى مۇناسىۋەت ژۇرنىلىدا «سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن تېمىدا تەپسىلىي ماقالە ئېلان قىلىندى.

يە ئاپرېل 6 , 2025
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 6-ئاپرىل ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان نوپۇزلۇق خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى ئاخبارات ۋاسىتىسى تاشقى مۇناسىۋەت ژۇرنىلىدا، تۈنۈگۈن تۈركىيەلىك مۇتەخەسسىس ئۆمەر فاروق ئىمزاسىدا «سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى، ماقالىدا سۈرىيەدىكى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيسىنىڭ ئەزالىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن […]
تۈركستان ئ‍سلام پارتىيسى

You May Like