ختاي ھۆكۈمىتى يېڭى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ۋە ختايلارنىڭ كوللېكتىپ ئارىلاش ۋە ختايچە توي قىلىش دولقۇنى قوزغايدىغانلىقىدىن سىگنال بەردى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 17-فېۋرال

ختاي خەلق تورى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىدىن نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشچە، ختاي ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى يىلدا ئۇيغۇرلار بىلەن ختايلارنىڭ كوللېكتىپ ۋە ئارىلاش ھالدا، شۇنداقلا ختايچە ئۇسۇلدا توي قىلىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن توي قىلىدىغان يېڭى چىرايلىق سورۇنلارنى ياراتماقچى ئىكەن.

ختاي خەلق تورى مۇنداق دېگەن: «2024-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز شارائىتى بار جايلارنى توي قىلغۇچىلارنى تىزىملاش ئورگانلىرىنى باغچە قاتارلىق مەنزىرىسى گۈزەل سورۇنلارغا قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، تويلىشىشقا تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش، كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، رومانتىك كەيپىيات يارىتىپ، تويلاشقۇچىلارنى تىزىملاش مۇراسىم تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىكەن.»

ختاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى تېلېۋزىيە قاناللار ئارقىلىق ختايلارنى ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلىشقا ئاشكارا ئىلھاملاندۇرغان.شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ختايلار بىلەن توي قىلىشقا تۈرلۈك ئۇسۇللار جۈملىدىن مەجبۇرلاش ۋە قىزىقتۇرۇش، ئامالسىز قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاسسلماتسيە قىلىش قەدىمىنى تىزلەتمەكچى بولغان.

ختاي خەلق تورى يەنە مۇنداق دىگەن:

«بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تويلىشىش ئادىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاددىي، خاس توي ئادىتى، قائىدە-يوسۇنلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زامانىۋى، مەدەنىي تويلىشىش ئادىتى يېڭى ئىستىلىنى يېتىلدۈرىدۇ؛»

ختاي تەكىتلەۋاتقان «تويلىشىش ئادىتى ئىسلاھاتى» ۋە « زامانىۋى، مەدەنىي تويلىشىش ئادىتى» زادى نېمە؟

ختاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللى كىملىكى ۋە مەدەنىيتىدىن تەلتۆكۈس يىراقلىشىشى ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن بارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكلىرىگە نۇقتىلىق زەربە بەرگەن بولۇپ، توي قىلىش بۇلار ئىچىدىكى مۇھىم ئىجتىمائىي تۈرلەردىن بىرى.

يېقىندا تارقىلىۋاتقان توي قىلىشقا ئائىت ۋىدىئ‍ولاردا كۆرسىتىلىشچە، توي قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر بولغان تەقدىردىمۇ، ختايچە قەدىمقى قېزىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىش، بىر-بىرىگە تەزىم قىلىش،توينى ختاي تىلىدا تەبرىكلەش، ختايچە مۇزىكىغا ئۇسۇل ئويناش، ختايچە يېمەكلىكلەرنى يېيىش قاتارلىق ئادەتلەرنى مەجبۇرى ئومۇملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلغان ئامېرىكىدىن كۆزەتكۈچى ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: «ختاي بۇ يىل قايتىدىن بۇنى كۈچلەندۈرۈشى ختاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى كۈچىنى يوقىتىپ بولغاندىن كىيىن قىلىپ قالغان ئاممىنى مەجبۇرى يوقىتىش -ئاسسلماتسيە قەدىمىنى تىزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرمەك قىيىن ئەمەس، بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك.بۇ مەجبۇرى يوقىتىش ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ شەكىل ئۆزگەرگەن ھالدا داۋام قىلىشىدىن ئىبارەت.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي خۇيزۇلارنىڭ مەسجىدلىرىگە «پارتىيىگە ئەگىشىپ ماڭىمىز»دېگەن لەۋھەلەرنى ئاسقان

يە فېۋرال 18 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 18-فېۋرال ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ختاي يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى توڭخەي ناھىيسى ناجىياڭ مەسچىتى ئالدىغا ختاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات لەۋھەلىرىنى ئاسقان بولۇپ، مەسچىت ئاممىسىغا ختاي كومپارتىيىسىگە ئەگىشىپ مېڭىش تەشۋىق قىلىنغان. مەزكۇر لەۋھەلەردە «پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئ‍ئاڭلايمىز»، «پارتىيىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز»، «پارتىيىگە ئەگىشىپ ماڭىمىز» دېگەن سۆزلەر ختايچە يېزىلغان. ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ […]
ختاي خۇيزۇلارنىڭ مەسجىدلىرىگە «پارتىيىگە ئەگىشىپ ماڭىمىز»دېگەن لەۋھەلەرنى ئاسقان

You May Like