تۇرغۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 28-فېۋرال
ختاي ئىمپورت -ئېكسپورت بانكىسى مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋىنسەي باش مەركىزى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگىتونغا جايلاشقان دۇنيا بانكىسى گۇرۇھىنىڭ باشقۇرغۇچى دېرىكتورى ۋە باش ئىدارە ھەيئىتى بولۇپ تەيىنلەندى.
بۇ دۇنيا بانكىسنىڭ جاڭ شېڭمەن ۋە ياڭ شاۋلىن قاتارلىق ختاي ئەمەلدالىرىدىن كىين ئۇدا ئۈچ قېتىم، ختاي ئەمەلدارىنى يۇقىرى ئورۇنغا تەيىنلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىلگىرى ئامېرىكا ئەمەلدالىرى دۇنيا بانكىسنىڭ ختايغا پايدىلىق سياسەت ۋە قەرز پۇل تەسس قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
دۇنيا بانكىسى يەنە ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىگە شىرىك بولۇش بىلەنمۇ ئەيىپلەنگەن.
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ تەكشۈرىشچە، تېخى كىشلىك ھوقۇق ساھەسىدە دۇنيا بانكىسنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى سستىملىق تۇتقا قىلىپ ھەرىكەت ئىلىپ بىرىۋاتقان تەشكىلات يوق.