ختاي ئاتالمىش شىنجاڭدا 2023-يىلى 5600 مەيدان كۆڭۈل ئ‍ېچىش خاراكتېرلىك ئويۇن تەشكىللىگەن

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 3-فېۋرال

ختاي ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىسى بولغان تەڭرىتاغ تورىينىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاتالمىش شىنجاڭ ساياھەت ۋە مەدەنىيەت يېغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاندا 2023-يىلى جەمئى 5600 مەيدان تىجارەت خاراكتېرلىك كۆڭۈل ئ‍ئېچىش خاراكتېرلىك ئويۇن ، ۋاە 120 مەيدان سياسىي خاراكتېرلىك تىياتىر، مۇزىكا ۋە كونسېرت كېچىلىكى بار ئىكەن.بۇ ئويۇنلار ئىچىدە، «چېگرا قوغدىغۇچى»، «بەنچاۋ»،«بەخت ئىلىپ كىلىدىغان ئالتۇن پويىز»، «تەڭرىتاغدىكى قار» قاتارلىق كومېدىيە، تارىخى دراما ۋە سېرىك تىياتىر نومۇرلىرى بار ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئورگان باھاسى:

ختاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ئۆزى ئارزۇ قىلغان دەرىجىدە ئىلىپ بارغاندىن كىيىن، رايوندا بار كۈچى بىلەن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇپ، ئىچى ۋە دۇنيادا، خۇددى ئۇيغۇرلاردا ئويۇن-تاماشا ۋە كۆڭۈل-ئېچىشتىن باشقا ھېچقانداق ھەرىكەت يوقتەك، ساختا خاتىرجەملىك،خوشاللىق كۆرۈنۈشى پەيدا قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدىگە تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.

رەسىم مەنبەسى: ختاي ھۆكۈمەت تور بېكىتى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئادىل ئابلىز: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك(ختاي)مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش تەكلىۋى بەرگەن

شە فېۋرال 3 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-فېۋرال نۆۋەتتە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى ئۈرۈمچىدە، ختاينىڭ ئاتالمىش مەشھۇر ئىككى ئومۇمى يېغىنى -خەلق قۇرۇلتىي ۋە سياسى كېڭەش يېغىنى ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ختاي ھۆكۈمىتى غايەت زور تەشۋىقات كۈچىنى ئ‍شقا سىلىپ، ختاي ئىچى ۋە سرتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر بىرىش، سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. […]

You May Like