خىتاينىڭ قەرز ئويۇنى

بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىككى خىتاي بانكىسى 2008- يىلدىن 2019- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرقانچە دۆلەتنى 462 مىليارد دوللار قەرز بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قەرىز بېرىشىنىڭ غەلىتە مىساللىرى بار.

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 31- يانۋار

 

بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىككى خىتاي بانكىسى 2008- يىلدىن 2019- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرقانچە دۆلەتنى 462 مىليارد دوللار قەرز بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قەرىز بېرىشىنىڭ غەلىتە مىساللىرى بار.

 

2007- يىلدىن 2013- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاي تەرەققىيات بانكىسى ۋېنېسۇئېلاغا تەخمىنەن 40 مىليارد دوللارقەرز بەرگەن، 2013- يىلدىن 2017- يىلغىچە 20 مىليارد دوللار قەرز بەگەن. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ قەرزنى قايتۇرۇش ۋېنېسۇئېلا ئۈچۈن ئېغىر بىر مەسىلە ۋە ھازىرقى خىتاي ۋېنېسۇئىلا مۇناسىۋىتىنىڭ گۈللىنىشىنىڭ، ھەتتا مۇناسىۋىتى ھەربىي ئىستىراتېگىيىلىك مەسىلىلەرگىچە كېڭىيىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىردىن بىرى.

 

خىتاي ۋىرۇسى ئافرىقا ۋە باشقا ئىقتىسادى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكتىن، قەرز سودىسى شىددەت بىلەن ئاشتى. رودىيۇم گۇرۇھىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020- يىلى 12 دۆلەت 28 مىليارد دوللار قەرز بېرىشنى ۋەدە قىلغان خىتاي بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىشنى باشلىغان.

 

خىتاي ئاسيادىكى %80 دۆلەتنى، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئەمدىلىكتە بولسا ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەرنى يۇقۇرى مىقتاردا قەرز بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆز نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى ئورنىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا: خوڭكوڭلۇق پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىمىز، خىتاي ۋىرۇس تەكشۈرۈشىدە ساختىلىق قىلماقتا.

سە فېۋرال 2 , 2021
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىن خوڭكوڭدىن قاچقان سياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە خۇددى ئەنگىلىيەگە ئوخشاش، سياسىي پاناھلىق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like