خىتايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى «داش قازان» ۋە «تەمىنلەش كوپىراتىپ»لىرى قايتا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى3-نويابىر
تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 3-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «ئەرزان باھالىق تاللا بازىرى» نامىدىكى ھەرخىل تەمىنلەش پونكىتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تاللا بازارلىرىنىڭ خاراكتېرى مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىللىرىدىكى «تەمىنلەش كوپىراتىپى»نىڭ فۇنكىسىيەلىرى بىلەن قېلىشمايدىكەن.
بېيجىڭ شەھىرىدىكى نوپۇس بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان «ئىتتىپاق كۆلى» رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق «تاللا بازارلىرى»دىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى سىرتتىكى نورمال تاللا بازارلىرىدىن خېلى كۆپ ئەرزان بولۇپ، خېرىدارلىرىمۇ كۆپ ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ يەنە باشقا رايونلىرىدا «دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاشخانا» لارمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مەھەللە ئولتۇراق رايون كومىتېتلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ھەر قايسى جايلاردىكى تەمىنات زاپاس مىقدارىنىڭ خەلق ئېھتىياجىدىن چىقالماسلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جەمئىيەتنىڭ قالايمىقانلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «تەمىنلەش كوپىراتىپى»، «ھۆكۈمەت ئاشخانىلىرى»نى ئېچىش ئارقىلىق تەمىناتنى كونترول قىلىپ خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە تايىنىش ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى مۇمكىن ئىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بېيجىڭلىق بىر زىيالىي مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دەيدۇ: «تەمىنلەش كوپىراتىپى ۋە داش قازان دېگەندەكلەر تىنچ ۋاقىتلاردا خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرسىمۇ، ئەمما تەمىنات كەمچىللىك يۈز بەرسە ياكى ئۇرۇش پارتلىسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ بايلىقنى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ دەسمايىسىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنى پەقەت تىنچ ۋاقىتلاردىكى ۋەزىيەتكە باغلاپ ئانالىز قىلساق خاتالىشىمىز.»
ئارمان تەييارلىدى.