خىتاي خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى»يولغا قويماقچى

خىتاي خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» يولغا قويماقچى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم»دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتۈنلەي يوققا چىقتى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئافراسياپ

 

2020.يىلى 22.ماي، ۋاشىنگتون

 

خىتاي خوڭكوڭدا «دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى» يولغا قويماقچى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم»دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتۈنلەي يوققا چىقتى.

 

پۈتۈن دۇنيا خىتاي ۋىرۇسى كىرزىسى  بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان پەيتتە، خىتاي  ھاكىمىيتى چىگراسى ئىچىدە ئىنتايىن رادىكال ھەرىكەتلەرنى جىددى قوللانماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شەرقى تۈركىستان-ئۇيغۇرستاندا، يۈز مىڭلىغان ياش ئۇيغۇرلارنى خەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا يۆتكىمەكتە. خوڭكوڭدا بولسا، ھەر قانداق ئۆكتىچى، دېموكراتىك پائالىيەتچىنى خالىغان چاغدا تۇتقۇن قىلالايدىغان «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ماقۇللىماقچى.

 

خىتايدا  بۇ ھەپتە خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سياسىي كېڭەش ئىككى ئومۇمىي يىغىنى باشلانغان بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ۋىرۇسنى بىر تەرەپ قىلىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمى بولماسلىقى سەۋەبىدىن خىتايغا ئاشۇرۋاتقان بېسمى، خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇن لايىھىسى،  كېينكى يېرىم يىللىق ئىقتسادىي خىزمەت، خىتاينىڭ دۆلەت ئوبرازى تەشۋىقاتى، خىتاي -ئامېرىكا مۇناسۋەتلىرى مۇھىم تېمىلاردىن ھىسابلىنىدۇ. بۇ يىل چەتئەل مۇخبىرلىرى بۇرۇنقىدەك كۆپ قارشى ئېلىنماسلىقى دىققەت تارتماقتا. خىتاي بۇ يىل فېۋرالدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋاشنگىتون پوچتىسى، ۋال سچرىت ژۇرنىلى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىپ قوغلاپ چىقارغانىدى. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىنىڭ كۈندىلىك خەۋەر پود كەستىگە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسلسىسدە خىتاينى كۆپ پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن نشانلانغان ئىكەن.

 

 

كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي كۆزى ئالدىدا ئۆزى ۋەدە قىلغان، ئەنگىلىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشمدە بېكىتىلگەن « بىر دۆلەتتە ئىككى  خىل تۈزۈم»نى بىكار قىلغان بولۇپ،بۇ خەلقئارا كېلىشمگە ،خوڭكوڭ ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ! خىتاي كېلىشمدە،2047-يىلىغىچە، خوڭكوڭنىڭ ھازىرقى سياسىي تۈزۈمى ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

 

ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى ۋە مۇناسۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشى بايانات بەردى. ياۋروپا ئىتتپاقى تاشقى ئىشلار كومېتىتى خىتاينى خوڭكوڭدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ بايانات بەردى.

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

بۈيۈك ئەلچى سەردار كېلېچ :"تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر پۈتۈنلەي توقۇلما"

شە ماي 23 , 2020
تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون بۈيۈك ئەلچىسى سەردار كېلېچ ئامېرىكىلىق سەناتورلارغا «ئۇيغۇر تۈركلىرى» ھەققىدە مەكتۇپ ئەۋەتتى

You May Like