خىتاي- تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر سودا توختامى ئەمەلدىن قالدى

خىتاي- تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر سودا توختامى ئەمەلدىن قالدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى2021-يىلى 30-ئاۋغۇست

خىتاي تاراتقۇسى ۋاڭيى تورىنىڭ 26- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە تەرەپنىڭ توختامنى بىكار قىلىش سەۋەبىدىن خىتاينىڭ «ئىستانبۇل بوغۇزى» نى كېسىپ ئۆتىدىغان كۆۋرۈكتىكى پاي ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە2019-يىلى خىتاي تەرەپ بىلەن تۈركىيە IC پاي كونترول شىركىتى توختام ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم بويىچە «ئىستانبۇل بوغۇزى» نى كېسىپ ئۆتىدىغان كۆۋرۈك ۋە ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ 51 پىرسەنتلىك پاي ھوقۇقى ۋە پايچەك قەرزىنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىر قانچە شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى پىلانلىغان. بۇ كۆۋرۈك «ئىستانبۇل بوغۇزى» نىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان 3-چوڭ كۆۋرۈك بولۇپ ياۋرو -ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسلىق مال يۆتكەش ئېغىزى ئىكەن.(ئىستانبۇل بوغۇزىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكلەر ئىچىدە پەقەت مۇشۇ كۆۋرۈكتىن يۈك ماشىنىلىرى قاتنىيالايدۇ شۇنداقلا بىۋاسىتە ئىستانبۇل خەلقئارا ئايروپورتىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ستراتىگىيەلىك رولى ئىنتايىن مۇھىم) ۋاڭيى تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە تۈركىيە تەرەپنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ توختامنى بىكار قىلغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى خىتاي مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ سەۋەبى بەلكىم خەلقئارادىكى سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

Uyghur Reporter

Next Post

خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىشىدىن ھەم ئەندىشە قىلىدۇ، ئۈمىت قىلىدۇ

دۈ ئاۋغۇست 30 , 2021
خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئايرىلىشىدىن ھەم ئەندىشە قىلىدۇ، ئۈمىت قىلىدۇ

You May Like