ۋېنگېر: ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن

رەھمەت ئېيتىمەن[/caption] 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت 20:30دا ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2108-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 35-ئايلانمىسىدا ئارسېنال ساھىبخان مەيداندا 1:4 نەتىجە بىلەن غەربىي ھامنى مەغلۇپ قىلدى.

ۋېنگېر: ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن
ۋېنگېر: ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتىمەن
4-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت 20:30دا ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2108-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 35-ئايلانمىسىدا ئارسېنال ساھىبخان مەيداندا 1:4 نەتىجە بىلەن غەربىي ھامنى مەغلۇپ قىلدى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئارسېنال ترېنېرى ۋېنگېر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ۋېنگېر مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ھازىرقى دىققىتىم يەنىلا مۇسابىقىدە قانداق غەلىبە قىلىش جەھەتتە، گەرچە ھازىر بەزى ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولسىمۇ، لېكىن بىز يەنىلا كەسپچان تەرىپىمىزنى نامايەن قىلىمىز، خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. كوماندىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى قالتىس بولدى، بۇ ھەپتە ئارىلىقىدىكى مۇسابىقىگە قارىتىلغان تەييارلىق ھېسابلىنىدۇ.» «بۇ مۇسابىقىدە ئىپادىمىز كۆرىنەرلىك بولدى، كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزمىدۇق. ھەرقانداق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم يېرىم ھەل قىلغۇچتا غەلىبە قىلىش كېرەك. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن ياخشى مانىۋېر ھېسابلىنىدۇ، بىز كۈچلۈك غەربىي ھامغا تۆت توپ كىرگۈزدۇق، ئۇلارنىڭ يېقىنقى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس ئىدى.» ئۇ مەستانىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئارسېنالدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىنكى ئىنكاسى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مەن ھەممەيلەنگە رەھمەت ئېيتماقچى، ئۇلار ماڭا ئىنتايىن يۇقىرى باھالارنى بەردى، مەن بارلىق كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم كەچۈرمىش، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار.»

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

32-نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى باشلاندى

پە ئاپرېل 26 , 2018
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسىدە كىتاب كۆرمەكتە. شىۋېيتسارىيەنىڭ 32-نۆۋەتلىك جەنۋە خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلاندى. جەنۋە خەلقئارا كىتاب كۆرگەزمىسى شىۋېيتسارىيەدىكى ئەڭ مۇھىم كىتاب كۆرگەزمە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1987-يىلىدىن باشلاپ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.

You May Like