ۋاشىنگىتوندىكى تۈرك فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

ۋاشىنگىتون، 28-سىنتەبىر

ئۇيغۇر ئ‍ىنسانى ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ۋاشىنگىتوندىكى ۋەتەنپەرۋەر ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا، 29-سېنتەبىر پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك فېستىۋالىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئورۇن بىرىلدى.

تۈرك فېستىۋالى پايتەخت ۋاشىنگىتون ۋە ئامېرىكىدىكى تۈركلەر ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ فېستىۋال بولۇپ، ئامېرىكىلىقلارغا تۈرك مەدەنىيتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئامېرىكىدىكى تۈركلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. پۈتۈن كۈن داۋام قىلىدىغان فېستىۋالدا، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى تۈرك مەدەنىيىتى، سەنئىتى، كىتاپلار، مەھسۇلاتلار، يېمەكئىچمەك، كارخانا ۋە مائارىپ ئۇچۇرلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

پائالىيەت ئۇيغۇر ئ‍ىنسانى ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى ۋەتەنپەرۋەر پىداكار ياشلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن لازىملىق مەدەنىيەت بويۇملار تەييارلانغان.

ئۇيۇشتۇرغۇچى ياشلار ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى، كىلىپ پىدائى بولۇشىنى، تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىشىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ.

باشلىنىش ۋاقتى 29-سېنتەبىر، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن چۈشتىن كىيىن سائەت بەشكىچە بولۇپ، 1400 Peensylvania Ave,NW

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تۈركىيەدە خىتاي دۆلەت بايرىمىغا قارشى قىلىنغان نامايىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

يە سېنتەبىر 29 , 2019
خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ۋە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 70_ يىلى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبولدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ بۈگۈن يەنى 27_ سىنتەبىر، كەچ سائەت 7دە ئىستانبۇل بېشىكتاشتىكى چىرايان سارىيى كامپىنىسكى مىھمانخانسىدا مىڭ كىشىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى ئاشكارە بولدى.

You May Like