ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرۈش دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ


  كورېيە «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بەش سائەتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرۈش دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %44 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئەنگلىيە جانلىقلار ئەۋرىشكە ئامبىرى تۈرىدىكى 37 ياشتىن 73 ياشقىچە بولغان 407 مىڭ ئادەمنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ چىقىرىلغان. تەتقىقات باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ھېچقانداق مېڭە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلمىغان. 13 يىل ئىچىدە 5227 ئادەم دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، 6822 ئادەم سەكتە بولۇپ قالغان، 2308 ئادەمگە پاركىنسون كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان. تەتقىقاتچىلار ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئادەتتە ئۈچ سائەتتىن بەش سائەتكىچە تېلېۋىزور كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ھەر كۈنى بىر سائەتمۇ تېلېۋىزور كۆرمەيدىغانلارغا قارىغاندا %15 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش سائەتتىن ئارتۇق تېلېۋىزور كۆرۈش چوڭ مېڭىدىكى كۈلرەڭ ماددىنىڭ ئازىيىشى ۋە «ئەستە ساقلاش مەركىزى»نىڭ كىچىكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ ئىككىلىسى مېڭە كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يەنە بىر خىل نەزەرىيەنىڭ قارىشىچە، ئۇزاق ئولتۇرۇپ مىدىرلىماسلىق مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدىكەن.

مەنبەسى: ختاي رادىئو تورى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ياش تۇرۇپلا بەل ئاغرىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟

چا ئاۋغۇست 21 , 2024
بەزىلەر ئەمدىلا 20 ياشلارغا كىرگەن بولسىمۇ، بېلى 70 ياشتىن ئاشقان بوۋايلارنىڭكىدەك بولۇپ قالدى، ياش تۇرۇپلا بەل ئاغرىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بېلى ئاغرىيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيگەچكە، نۇرغۇن كىشىلەر ئازراق چىدىۋەتسەملا ئۆتۈپ كېتىدىغۇ دەپ قاراپ بەل ئاغرىقىغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت دەم ئالماي خىزمەت قىلغاندا بەل ئاغرىيدۇ، ئازراق بەل ئاغرىسا، بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمىسەكمۇ […]
بەل ئاغرىش

You May Like