ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە سياسەتچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىىيتى ئىلىپ باردى.

ئۇيغۇرلار -سياسى تارىخىدا بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە سۈپەتلىك دىپلوماتىك پائالىيەت ئىلىپ باردى.

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى- ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇشتا كۈچ چىقارغان ئەمەلدارلار، سياسەتچىلەر، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرىنى ئالاھىدە كۇتۇۋالدى ۋە تەقدىرلىدى.

 ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە سىياسەتچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئىلىپ باردى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 31-مارت

ئۇيغۇرلار سىياسىي تارىخىدا بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە سۈپەتلىك دىپلوماتىك پائالىيەت ئىلىپ باردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە  ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتا كۈچ چىقارغان ئەمەلدارلار، سىياسەتچىلەر، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرىنى ئالاھىدە كۈتۈۋالدى ۋە تەقدىرلىدى.

 

 

 مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دىپلوماتىيە،  ھېمايىچىلىق،  قانۇن چىقىرىش، تەتقىقات ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەت قىلغان ۋەكىللەر تولۇق تەكلىپ قىلىنغان.

 

 ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇش ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن ئىككى تەشكىلات تۆت ئايدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن ۋاقىت، زېھىن، ئىقتىساد چىقىرىپ ياردەم قىلغان ئورگان ۋە شەخسلەرگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەشەككۈر بىلدۈرۈشى ئىكەن.شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى  داۋاملىق ئۇيغۇر خەلقىنى قوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغانىكەن.

 

 

 كۈتۈۋېلىش يېغىنىغا قاتناشقان تەشەككۈر ئېيتىلماقچى بولغان مېھمانلار 100دىن ئارتۇق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت بارلىق ئورگان ۋەكىللىرى قاتناشقان. جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى گىرگورى مىكىس، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى جىم ماككاۋىرىن،  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىىرستوف سىمىس،  ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى يۇڭ كىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ھارسلار قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنچى قول ياردەمچىلىرى،دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىدىن سكات بازبى قاتارلىقلار

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقى ئاسىيا بۆلۈمى مەسئۇللىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنسان ھەقلىرى بۆلۈمى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇھاجىرلار ئىشلىرى بۆلۈمى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇرۇش جىنايەتچى بۆلۈمى  قاتارلىقلار.

ئامېرىكىنىڭ «ب د ت» دىكى سابىق ئەلچىسى كەررى كەللى،

 

 ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىدىن لۇ خانىم ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى،  تىرامپ ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى مات پوتتىنگىر، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپويونىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مايىكىل يۈ…

 

 ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى ۋە ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ،

 

 

 ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى، 

 

 

 ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەزاسى بۇتى كوفەر ،

ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى  نۇسرەت غانى ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرى،

 

 

 ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاكادېمىك ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەن ئەڭ قىممەتلىك تەتقىقاتچى ئادىريان زىنر، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى قاتلامدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان سابىق ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى خادىمى، ھازىر دۆلەت مەجلىسى بىخەتەرلىك كومىتېتى خادىمى ئەلنىگار ئابلىكىم ئىلتەبىر ، 

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت ئىلىپ بېرىۋاتقان تۈرلۈك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، باشقا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار،كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى.

 

 

 ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن : « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» رەئىسى دولقۇن ئەيسا، « ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» دىن قۇززات ئالتاي، ئەلفىدار ئابلىكىم،مۇرات ئاتامان،  ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن روشەن ئابباس،  ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام، دولان رېستورانى خوجايىنى خەمىت دولان، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى قاتناشتى.

 

 

 پائالىيەتتە تەقدىرلىنىدىغان مېھمانلار ئالاھىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىندى، مېھمانلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: « ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنسانلىق مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردەك ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياردەم بېرىش ھەممەيلەننىڭ ئورتاق بۇرچى.»

 

 

 مېھمانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلى بىلدۈرۈلدى. شون روبىرتىسنىڭ «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش » ناملىق كىتابى سوۋغات سۈپىتىدە تەقدىم قىلىندى،دولان ئۇيغۇر رېستورانىدىن كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر تائاملىرى سۇنۇلدى،ئۇيغۇر مۇزىكانتلار ئورۇنلىغان پىئانىنو مۇزىكىلىرى تەقدىم قىلىندى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى:

« مەزكۇر پائالىيەت خىتايغا بىر چوڭ سىگنال، ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت چوڭقۇرلاشماقتا ۋە كۈچەيمەكتە، شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ يۇقىرى قاتلام ئەربابلىرى بىلەن كۈچلۈك دىپلوماتىيە ئىقتىدارىنىڭ نامايان بولۇشى بولۇپ، بۇ ئامېرىكىدىكى يىللاردىن بىرى تىرىشچانلىق قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش كۈچىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.»

 

 

 

 

 مەزكۇر پائالىيەت ۋە سۆھبەت پەقەت كۆرۈشۈش ۋە جەم بولۇشلا ئەمەس بەلكى ھەقىقىي رەۋىشتە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، خىتاينىڭ ماھىيىتىنى تونۇشتا، ئۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشتا گەۋدىلىك بولدى.

 

 

 ۋاقىت ۋە ئورۇن سەۋەبلىك، بارلىق مېھمانلارنىڭ سۆزىنى، تىزىملىكىنى، سۈرەتلىرىنى تولۇق بېرەلمىدۇق،كۆپچىلىك توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

توغرا چۈشەنمىسەڭلارمۇ ئامالىمىز يوق.

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: «ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئامېرىكا ۋېرگىنىيەدە ئۇيغۇر مەسجىدى رامىزاندا ئېچىلدى. تۇنجى كۈنى 237مىڭ دوللار ئىئانە يېغىلدى

يە ئاپرېل 3 , 2022
ئامېرىكا ۋېرگىنىيەدە ئۇيغۇر مەسجىدى رامىزاندا ئېچىلدى. تۇنجى كۈنى 237مىڭ دوللار ئىئانە يېغىلدى

You May Like