«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى» كېڭەش پالاتاسىغا تونۇشتۇرۇلدى.

كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسۋەتلەر كومېتىتى رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم رىش (ئىداخو شتاتىدىن، جۇمھۇرىيەتچى) بۈگۈن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئۇ (فىلورىدا شتاتىدىن،جۇمھۇرىيەتچى)، جەف مېركلى (ئورىگون شتاتىدىن، دېموكراتچى) قاتارلىق ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسىغا قوشۇلۇپ، كېڭەش پالاتاسدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش قانۇن لايىھسى» نى تونۇشتۇردى.

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
28-يانۋار، ۋاشنىگتون

 

كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسۋەتلەر كومېتىتى رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىم رىش (ئىداخو شتاتىدىن، جۇمھۇرىيەتچى) بۈگۈن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئۇ (فىلورىدا شتاتىدىن،جۇمھۇرىيەتچى)، جەف مېركلى (ئورىگون شتاتىدىن، دېموكراتچى) قاتارلىق ئىككى كېڭەش پالاتا ئەزاسىغا قوشۇلۇپ، كېڭەش پالاتاسدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش قانۇن لايىھسى» نى تونۇشتۇردى.

 

تاشقى مۇناسۋەت كومېتىتى رەئىسى جىم رىش مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى سىستېمىلىق قاماققا ئېلىشى ۋە زۇلۇم قىلىشى – ئىرقىي قىرغىنچلىق شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ چوقۇم جازاغا ئۇچرىشى كېرەك.»

 

ماركو رۇبىئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيسى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلىرىغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەدىدىن ئاشقان ئىنسان ھەقلىرى جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىۋاتقاندا، بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشنىڭ ھېچقانداق باھانىسى يوق. بىز ئۇلارنى توختىتىش ئۈچۈن ھوقۇقىمىز دائىرسدىكى ھەممە ئىشلارنى قىلىشمىز كېرەك. مەزكۇر قانۇن ماددىسى بولسا شۇنى ئىجرا قىلىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم. ئىككى پارتىيە ئورتاق ئاۋاز قوشقان <ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش قانۇن لايىھىسى> – ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ پايدا ئېلىشىنى چەكلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۆكتىچى ناۋالنىينىڭ رۇسىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا بولغان نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىندى.

پە يانۋار 28 , 2021
ئۆكتىچى ئالىكسېي ناۋالنىي شەرتلىك قويۇپ بېرىش مۇددىتىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى دەپ قارىلىپ، قايتا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىرى 17- يانۋار قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى. ئەرزنى كۆرۈپ چىققان موسكۋا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ناۋالنىينىڭ قانۇنىي ئورنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق دەپ قاراپ، ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشقا ھۆكۈم چىقاردى.

You May Like