ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم زەربىسى:گېرمان خېمىيە شېركىتى كورلىدىن ئايرىلىدۇ

تۇرسۇنجان، گۈزەلنۇر

9-فېۋرال، 2024-يىلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

گېرمانىيىنىڭ داڭلىق خېمىيە سانائىتى شېركىتى باسف 9-فېۋرال كۈنى بايانات ئىلان قىلىپ، ئۆزى كورلىغا مەبلەغ سالغان ئىككى شىركەت «BASF Markor Chemical Manufacturing (Xinjiang) Co., Ltd. and Markor Meiou Chemical (Xinjiang) Co., Ltd.» تىكى ئۆز پايچەكلىرىنى سېتىش باسقۇچلىرىنى تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

باسف دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خېمىيە سانائىتى شېركىتى بولۇپ،تولۇق ئ‍سمى ( Badische Anilin- und Sodafabrik) باش شتابى گېرمانىيىنىڭ لۇدۋىسخاگىن (Ludwigshafen) شەھىرى جايلاشقان، 91 دۆلەتتە تىجارەت ۋە مەشغۇلات قىلىدۇ.

گېرمانىيىنىڭ Der Spiegel and ZDF تاراتقۇلىرى ئىلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە دىيشلىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ كورلىدا مەبلەغ سالغان تارماق شېركىتى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە سياسىي باستۇرۇش تىپىدىكى مائارىپ ئىلىپ بېرىشتا رول ئوينىغان بولۇپ، مەزكۇر خەۋەر گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن دۇنيادا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، سياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسدىكىلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولغان.

مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى تۇرۇش-ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان بارلىق دۆلەتلەر بىردەك ئىمزالىغان قانۇنى شەرتنامىلەردىن بىرى بولۇپ، ئەگەر گېرمانىيە شېركىتى باسف مەزكۇر شىركەت بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمىسە، پەقەت تاراتقۇلارنىڭ تەنقىدىگىلا ئەمەس، بەلكى قانۇنى ئاقىۋەتلەرگىمۇ دۇچ كېلىدۇ.

مەزكۇر تاراتقۇلار تەتقىقاتچى ئادرىيان زىنىزنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەككە ئالاقىدار دوكلاتلىرىنى ئاساس قىلغان ۋە خەۋەرلىرىدە ئۇنىڭ باھالىرىنى ئ‍ئىشلەتكەن بولۇپ، ئادريان زىنزنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك خىزمەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە مەجبۇرى ئەمگەك سىياسەتلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ختايدىكى ئىقتسادىي پائالىيەتلىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە بولۇپ، ختاي بىلەن ئىقتسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى قايتا ئويلىشىۋاتقان شىركەتلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

نۇرغۇن شىركەتلەر ختاي بازىرى بىلەن خەلقئارا بېسىم ئوتتۇرىدا تاللاشقا دۇچ كەلگەن.

2021-يىلى شۋېتسيەنىڭ Hennes & Mauritz-H&M شېركىتى ئاتالمىش شىنجاڭ رايونىدىن مال كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئىلان قىلغاندىن كىيىن، مەزكۇر شىركەتنىڭ ماللىرى ختاينىڭ بارلىق بازارلىرىدىن توختىتىلغان.

ئادىداس ( Adidas) ۋە نايىك ( Nike)قاتارلىق شىركەتلەر خەلقئارا بېسىم ئاستىدا ختايدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە دىققەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەندىن كىين، ختاي خىرىدارلار مەزكۇر شركەتلەرنى بايقۇت قىلىش بىلەن تەھدىت سالغان.

ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ تۈرلۈك ئىغىر مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ ساھەدە خەلقئارادا ئىلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنماقتا.

جۈملىدىن مەجبۇر ئەمگەك قانۇنى بويىچە شىركەت ۋە قانۇن ئىجراچىلىرىغا تەشۋىقات ئىلىپ بىرىش،ئىستېمالچىلارنى تەربىيىلەش، مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلات ۋە ماركىلىرىنى پاش قىلىش، قانۇن تۈزگۈچىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش، مەجبۇرى ئەمگەك بويىچە تەتقىقات ئىلىپ بىرىش، مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغاش قاتارلىق خىزمەتلەر يەنىلا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى كۈتىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

جوۋ بايدىن دۆلەت بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماستىن تىك توك ئورگان ھېساباتى ئاچتى

دۈ فېۋرال 12 , 2024
ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-فېۋرال جوۋ بايدىن ئۆز ئوغلى ھانتىر بايدىننىڭ ختايدىكى سودا مۇناسۋىتى سەۋەبلىك، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن ئ‍ىدى، ئەمما ختاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچىنىڭ سىمۋولى بولغان ئىېجتىمائ‍ى ئالاقە ۋاستىسى بولغان تىك توكتا ھۆكۈمەت ھېساباتى ئاچتى. تىك توك-ئامېرىكىدا ئەڭ كۆپ ئ‍ئىشلەتكۈچىسى بار بولغان، تەسىر كۈچى ئەڭ زور […]
بايدىن، تىك توك

You May Like