ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى دۇنيا مېدىئالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەمدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 25-نويابىر
24-نويابىر ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 40 نەچچە ئادەمنىڭ قازا قىلدى. بۇ خەۋەر قىسقا مۇددەت ئىچىدە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش بەتلىرىدە ئېلان قىلىندى.
ئەنگلىيە BBC تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ ۋەقە توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ غەزىپىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ، بۇ شەھەر 8-ئايدىن بۇيان ۋىرۇس سەۋەبىدىن تاقىلىپ ھازىرغىچە ئېچىلمىغان…مەلۇم تورداش مۇنداق دەيدۇ: »» بۇ ۋىرۇستىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنىڭ بەدىلى بەك ئېغىر بولدى، يۈز بېرىۋاتقان ھەربىر تراگېدىيە ۋىرۇس ئېلىپ كەلگەن خەتەردىنمۇ ئېشىپ كەتتى…»» » خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنىڭ 100 كۈندىن ئاشقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ رۇخسەتسىز ھەتتا ئۆيلىرىدىنمۇ چىقالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچىنىڭ 100 كۈندىن بۇيان قاتتىق قامال ئاستىدا ئىكەنلىكى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ رۇخسەتسىز بىنا سىرتىغا چىقالمايدىغانلىقىنى ھەتتا يېمەكلىك، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭمۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى يېزىلغان. خەۋەردە «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى»قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « كىشىلەرنىڭ رۇخسەتسىز سىرتقا چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشى ناھايىتى ناچار بولدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، خىتايغا ئوخشاش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، خادىملىرى كۆپ بولغان بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۈچ سائەتكىچىمۇ ئوتنى كونترول قىلالماسلىقى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟»
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، «فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى»، «رويتېرس ئاگېنتلىقى»، «گېرمانىيە ئاۋازى» غا ئوخشاش داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر، ئوبزورلارنى ئېلان قىلىشقان. بارلىق خەۋەر مەنبەلىرىدە بىردەك خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان.
25-يانۋار ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان قىسقا فىلىملاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەر توسۇقلارنى بۆسۈپ كوچىلارغا چىقىپ « قامالنى بىكار قىلىش كېرەك» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلىشقان.