تۈركىيە ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئانىنى تۇتقۇن قىلغان، تۆت كىچىك بالا ئانىسز قالغان

ئىھسان شۈكران خەۋىرى9-سېنتەبىر

ئىستانبۇلنىڭ سافا كۆي رايونىدا ئولتۇرۇۋاتقان 31 ياشلىق ئۇيغۇر ئايال ئەفىفە 2024. يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى پەيشەنبە سەھەر سائەت 4 لەر ئەتىراپىدا، تۈركىيە ئالاھىدە قىسىم ساقچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ ئىشىكلىرى چېقىلىپ تۇتۇپ كېتىلگەن.
ئەفىفە ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ 4 بالىسى بۇلۇپ، بۇ بالىلار ئانىسىنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيدە قورقۇنچ ئىچىدە يالغۇز قالغان.
ئامالسىز قالغان بىچارە ئانا ساقچىلارغا يالۋۇرۇپ، بالىلىرىغا تونۇشلارنىڭ قاراپ تۇرۇشى ئۈچۈن تىلفۇن قىلىپ تەسلىكتە تونۇشلىرىغا خەۋەر بەرگەن .

بۇ ئايالنىڭ يولدىشى تۈگەپ كەتكەن بۇلۇپ، بۇ ئايالنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ يولىنى ماڭدىغان ھېچقانداق ئادىمى يوق ئىكەن. 4 بالىمۇ باشقا يېقىنلىرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ، ئۇ ئۆيدىمۇ 3 بالا بار ئىكەن.
جەمئى 7 بالىغا ئامالسىز قاراۋاتقان ئۇ ئايالنىڭمۇ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۇتۇپ كىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپىيۋاتقان بولۇپ، بەزىلىرى مەلۇم مەزگىلدىن كىين قويۇپ بىرىلگەن بولسمۇ،ئەمما ئىز-دىرىكى بولمايۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپەيمەكتە.ئىنتىرنىتتا بۇ ھەقتە نۇرغۇن چاقىرىقلار بولغان بولسمۇ ئەمما ھىچقانداق تەشكىلات تېخى ئۇنۇملۇك تەدبىر قوللىنىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشتىن توسالىغىنى يوق.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

يېرىم پادىشاھ – ۋېلىباي يولداشوۋ

سە سېنتەبىر 10 , 2024
ئىلاۋە: ئەدەبىيات ۋە تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇغۇنىمىزدا ۋېلىباي دېگەن بىر كىشىنىڭ ئىسمى پات – پات ئۇچراپ قالىدۇ. شۇنداق، ۋېلىباي داڭلىق تارىخىي شەخس ئەمەس، ياكى تارىخىمىزدىكى قانداقتۇر بىر تايىنى يوق ئۇرۇشلاردا قان تۆككەن قەھرىمانمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت مىللىتىمىز تارىخىنىڭ ئەڭ قاباھەتلىك دەۋىرلىرى بولغان 19 – ئەسىردە گۈزەل يۇرتلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان ئىلى دىيارىدا […]

You May Like