غۇلغۇلا: سابىق پىرەزدىنىت تىرامپ: ئامېرىكا فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىردى.

ۋول سچرىت ژۇرنىلى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سابىق پىرەزدىنىت دونالد تىرامپ ئۆزىنىڭ «ھەقىقەت سوتسيال مېدىياسى»دىكى ھساۋاتىدا بايانات ئىلان قىلىپ، ئامېرىكا فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ فېلورىدا شتاتى مارىلاگودىكى تۇرالغۇ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان.

غۇلغۇلا: سابىق پىرەزدىنىت تىرامپ: ئامېرىكا فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىردى.

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،8-ئاۋغۇست

 

ۋول سچرىت ژۇرنىلى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سابىق پىرەزدىنىت دونالد تىرامپ ئۆزىنىڭ «ھەقىقەت سوتسيال مېدىياسى»دىكى ھساۋاتىدا بايانات ئىلان قىلىپ، ئامېرىكا فېدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ فېلورىدا شتاتى مارىلاگودىكى تۇرالغۇ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان.

ئۇ مۇنداق دىگەن:بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىدىكى قاراڭغۇ كۈنلەردۇر،مىنىڭ فېلورىدانىڭ پالما ساھىلىدىكى گۈزەل ئۆيۈم مارىلاگو ھازىر باستۇرما ئىچىدە بولۇپ، فىدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسنىڭ نۇرغۇن ساندىكى خادىملىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى ۋە ئىگەللىۋىلىنىدى»

بۇ ۋەقە ئامېرىكا سياسى تارىخىدىكى ئەڭ زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

نيويورك ۋاقىت گېزىتى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ۋەقەتىرامپنىڭ ئاق سارايدىن قوغدىلىدىغان ھۈججەتلەرنى قانۇنسز ھالدا ئۆيىگە يۆتكىلىۋىلىش بىلەن مۇناسۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

نۆۋەتتە،دۆلەت مەجلىسدە 6-يانۋار دۆلەت مەجلىسگە بېسپ كىرىش ۋەقەسى تەكشۈرىلىۋاتقان بولۇپ،تىرامپنىڭ بۇ ۋەقەدە ئوينىغان رولىبۇ قېتىملىق ئۆيگە بېسپ كىرىش ۋەقەسى بىلەن ئالاقىدار بولۇشبولماسلىقى كىينكى كۈنلەردە ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن.

تىرامپ 2020-يىللىق پىرەزدىنىت سايلىمىدا ئۇتتۇرۋەتكەندىن كىين، سايلامدا ئالداش بار دەپ سايلام نەتىجىسنى ئېتىراپ قىلمىغان، نەتىجىدە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى دۆلەت مەجلىسگە بېسپ كىرگەن ۋە ئۆلۈميېتىم،يارىلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان،ھازىرغىچە 884 ئادەم قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، زوراۋانلىق جىنايتى بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى ئەيىپلەنگەن.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ئەردوغان: روسيەنىڭ پۇل تۆلەش سستىمىسنى قوبۇل قىلىمىز.غەرپ ئەندىشگە چۈشتى.

سە ئاۋغۇست 9 , 2022
ئەردوغان: روسيەنىڭ پۇل تۆلەش سستىمىسنى قوبۇل قىلىمىز.غەرپ ئەندىشگە چۈشتى.

You May Like