ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-نويابىر
دونالد تىرامپ 5-نويابىر ئىككىنچى قېتىملىق پىرەزدىنتلىققا قايتا سايلانغاندىن كىين، ئۇ ئۆز كابىتىنىغا لازىملىق نامزاتلارنى كۆرستىشنى باشلىدى، بۇ نامزاتلار نورمال تەرتىپ بويىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كىرەك.
پىرەزدىنتىلىققا سايلانغۇچى دونالد تىرامپ سايلام پائالىيتىدە، ئېقتسادنى كۈچلەندۈرۈش، قانۇنسز كۆچمەنلەرنى تازىلاپ چېقىرىش، تاشقى سياسەتتە تىچلىق ۋە كۈچلۈك بولۇشنى يولغا قويۇشنى ۋەدە قىلغان.
بۇ نامزاتلار ئىچىدە ختايغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك نامزات بولسا- كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئۇ بولۇپ، ئۇ باشتىن -ئاخىرى ختاي كومپارتىيسنىڭ ئامېرىكىغا ، كىشلىك ھوقۇققا، دۇنيا تەرتىۋىگە كەلتۈرگەن زىيانكەشلىكلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كەلگەن بولۇپ، ختاي ئۇنىڭغا قارشى جازالاش تەدبىرى ئىلان قىلغان.
دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى مايىك ۋالتىز دۆلەت بېخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بولۇپ، ئۇ 2021-يىلى بېجىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئىلان قىلغان ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ گۇۋاھلىق بىرىش يېغىنى ئۆتكۈزگەن.
نۆۋەتتە تىرامپ كۆرسەتكەن نامزاتلار ئىچىدە، ئاللىقاچان 4 كونا ئەسكەر بار، بۇلار-مۇئاۋىن پىرەزدىنت ۋانس، دۆلەت مۇداپىئە منستىرى نامزاتى پىت ھەگسەس، دۆلەت بېخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مايىك ۋالتىز، دۆلەت ئستىخبارات كومېتىتى دىرىكتورى تۇلسى گاببارد قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئاۋىن پىرەزدىنت ۋانس ۋە دۆلەت بېخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى مايىك ۋالتىز ختايغا قارشى كەسكىن ۋە قاتتىق قول سياسەت تەرەپتارى.
ھازىرغىچە تىرامپنىڭ ختايغا قارشى سياسىتى ئۆتكەن قېتىمقىغا ئوخشاش پەقەت ئېقتساد ۋە تېخنىكا ساھەسىگىلا مەركەزلىشەمدۇ ياكى باشقا ساھەلەر جۈملىدىن ختاينى يېتىم قالدۇرۇش، تەيۋەن ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش قاتارلىق ساھەلەرگىلا كېڭىيەمدۇ بۇنىسى نامەلۇم.ئەمما مۇتەخەسسلەر ئامېرىكىنىڭ ختاي بىلەن ھەربى توقۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتى خەتەرلىك دەپ قاراپ، ھەر قانداق ھەربى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.