تىرامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنى خۇۋاىي بىلەن ھەمكارلىشىشتىن ئاگاھلاندۇردى

برىتانىيەنىڭ خۇاۋېي توغرىلىق قارار ئېلىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبراين بورىس جونسوننى ئاگاھلاندۇردى.

ئەكرەم ئىلىك

 

2019-12-26

 

برىتانىيەنىڭ خۇاۋېي توغرىلىق قارار ئېلىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبراين بورىس جونسوننى ئاگاھلاندۇردى. پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇ مۇنداق دىدى :»برىتانىيەنىڭ ھەر قانداق بىر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئېلېكتىرونلۇق ئالاقە شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك 5G تور قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىشى، ج ك پ نىڭ برىتانىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇلار ھەممىنى ئوغرىلايدۇ، يادرو قورال مەخپىيەتلىكىدىن تارتىپ MI5 ۋەMI6 لەرنىڭ ئىستىخباراتلىرىغىچە ئوغرىلايدۇ. كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى برىتانىيەنىڭ خۇاۋېي مەسىلىسىنى مەلۇم شەكىلدىكى سودا قارارى دەپ قارىشىدۇر. 5G دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت قاراردۇر».

 

ۋاشىڭتون خۇاۋېينى پۈتۈنلەي چەكلەش توغرىلىق برىتانىيەنى تەكرار جېكىلەپ كەلگەنىدى، ئەمما روبېرت ئو»برايننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بۇنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. بۇ دەل بورىس جونسوننىڭ خۇاۋېينى 5G قۇرۇلۇشىدىن چەكلەش-چەكلىمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىدىغان بىر ۋاقتىغا توغرا كەلدى. ئۆتكەن يىلى برىتانىيە ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى خۇلاسە قىلىپ «ئەگەر خۇاۋېينى 5G تورىنىڭ يادروسىغا يولاتمىساقلا، ھەر قانداق خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ» دىگەنىدى. ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئاۋستىرالىيەمۇ خۇاۋېينى چىقىرىپ تاشلاش توغرىلىق برىتانىيەنى ئالدىراتتى. برىتانىيەنىڭ بۇنداق بېسىمغا دۇچ كېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئامېرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،مۇھىم ئاخباراتلارنى ھەمبەھىرلىشىدىغان «بەش كۆز» ھەمكارلىقىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىدۇر. ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرىلا ئەگەر خۇاۋېي 5G قۇرۇلۇشىغا قاتناشسا، ئۇ ھالدا ئىستىخبارات ھەمبەھىرلىنىشىگە چەكلىمە قويۇلۇشى مۈمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

 

شەخسى ئۇچۇرغا بولغان خەتەر توغرىسىدىكى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشىدا، روبېرت ئو»براين ئەگەر خىتاينىڭ قولى شەخسى ئۇچۇرلارغا يېتىپ قالسا، شەخسلەرنى »مىكرو نىشان» قىلغان ئاساستا »ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەندىشىسى» نى تۇتقا قىلىش ئارقىلىق ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدىغىنىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ گېن سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىش جەھەتتىكى تىرىشىشلىرى ئامېرىكىنىڭ 5G غا بولغان ئەندىشىسىنى ئاشۇرغان.

 

ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى بىئو تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشى ۋە دوختۇرخانا ياكى تەجرىبىخانىلاردىن بىمارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىشىغا بولغان دىققىتى زور دەرىجىدە ئاشقان.

 

«ئەگەر بىراۋ بارلىق ئۇچۇرلىرىڭنى ئىگەللىسە، ئاندىن گېن گۇرۇپپاڭنىمۇ بىلسە ۋە بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرسە، ئاندىن ھوقۇق يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن بىر دۆلەت بۇ ئۇچۇرلارنى قولىدا ئويناتسا، ئۇ ھالدا بۇ ئويلاپ يەتكۈسىز بىر كۈچكە ئايلىنىدۇ» دەيدۇ روبېرت ئو»براين «برىتانىيەنىڭ قانداقلارچە بۇ پروگراممىغا قاتناشماقچى بولۇپ قېلىشى ئەقىلنى ھەيران قالدۇرىدۇ».

 

بۇندىن ئىلگىرى روبېرت ئو»براين باشقا ھۆكۈمەتلەرنى تەنقىتلەپ مۇنداق دىگەن ئىدى:» ياۋرۇپا ۋە باشقا يەردىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ ئىقتىسادى زىيان تارتىشتىن قورقىدۇ، شۇڭا ئۆز پرىنسىپى ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇشنى خالىمايدۇ».

 

بېرىتانىيەگە بېسىم چۈشۈرۈش ئامالنىڭ بارىچە خۇاۋېينى 5G قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرىدىغان دۆلەت سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدىغان كامپانيەنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاقساراي مۇشۇ ھەپتە 5G تورى مەسىلىسىنى كوردىنات قىلىدىغان بىر رول تەيىنلەپ، روبېرت بلەيرنى بۇ ئورۇنغا قويدى.

 

گېرمانىيەنىڭ خۇاۋېيغا تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرىلىق روبېرت ئو»براين پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتىگە مۇنداق دىدى: «گېرمانىيەنىڭ ئېسىلزادىلەر قاتلىمى بەلكىم خىتاي ياكى خۇاۋېي بىلەن سودا قىلىشنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن، ئەمما گېرمانىيە پۇقرالىرى بۇنىڭغا قارشى چىقىشقا باشلىدى، بۇ خىل قارشىلىقنى ھەتتا مېركىلنىڭ ئۆز پارتىيەسى ئىچىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ… گېرمانىيە پۇقرالىرى دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتۈشىگە يول قويمايدۇ. بۇ خىل ھامىيلىق بولسا دەل خىتاي 5G تورىنىڭ گېرمانىيىگە كىرىشىدىن باشلىنىدۇ». ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ ياۋرۇپا پۇقرالىرى ۋە ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش ئەللەردىكى خەلقنىڭ خۇاۋېينى ئۆز دۆلىتىگە كىرگۈزۈشنىڭ ياغاچ ئات ھىلىسىگە يول قويغانلىققا باراۋەلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىغىنىنى ئېيتتى. شۇنداقلا ئۇ يەنە ج ك پ شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قاماپ قويغان بىر ئەھۋالدا، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى تەنقىت قىلدى.

 

 

 

مەنبە: ئەكرەم ئىلىك فەيىسبۇك بىتى

 

https://www.facebook.com/ekrem.hsb/posts/1423630731138824

 

خەۋەر مەنبەسى: پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى

 

https://amp.ft.com/content/686bfaf2-25d7-11ea-9a4f-963f0ec7e134?__twitter_impression=true&fbclid=IwAR0siLxXtq_BcOwA6aYCfe6ZCYYdg5YCrlp3r5oI-D-A-ZiomSmmNHyN2VQ

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئاددى ئىش ئورنىدىن قولغا كەلگەن ئاددى بولمىغان نەتىجىلەر

جۈ دېكابىر 27 , 2019
2018- يىلى 7- ئايغا قەدەر ھىسەنجان ئۇستام ئۆزىنىڭ سەيپۇڭچىلىق ھۈنۈرىگە تايىنىپ نەدە ئىش بولسا شۇ يەردە كۈنلۈك، ئايلىق ئىشلىگەن، بەزى ئورۇنلاردىن مائاشىنى ئالالمىغان.

You May Like