تەيۋەندە يېڭى پىرەزدىنت لەي چېڭدى قەسەم بىرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-ماي

ئۆتكەن يىلى پىرەزدىنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان دىموكراتىيە ئىلگىرىلەش پارتىيسى نامزاتى، سابىق مۇئاۋىن پىرەزدىنت لەي چېڭدى بۈگۈن تەيۋەندە قەسەم بىرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۋالدى.

ئۇنىڭ مۇئاۋىن پىرەزدىنتى -تەيۋەننىڭ ئامېرىكىغا ئەۋەتكەن ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بىلەن ئېتىراپ قىلىنغان.

لەي چېڭدى سۆزىدە، سابىق پىرەزدىنت سەي يىڭۋىننىڭ خىزمىتىگە ۋارسلىق قىلىپ، تەيۋەننى گۈللەنگەن، كۈچلۈك، تىچ ۋە دىموكراتىك دۆلەت قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە، ختاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە ھەربى تەھدىت سالماسلىققا چاقىردى.

ئۇ ئامېرىكا ۋە غەرپ بىلەن ھەمكارلىشپ، تەيۋەن مۇداپىئەسنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتى پىرەزدىنتى ئىبراھىم رەئىسى ئايروپىلان ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى

دۈ ماي 20 , 2024
ئىران رەھبەرلىرىنىڭ ئىران بىلەن ئازەربەيجان ئوتتۇرسدىكى چوڭ توسما ھەمكارلىقىنى ئىمزالاش ئۈچۈن قايتىش سەپىرىدە، شەرقى ئازەربەيجان ۋىلايتى ئاسمىنىدا ئايروپىلاب ۋەقەسى يۈز بەرگەن. پارتىلاشتا، ئىران پىرەزدىنت رەئىسى، تاشقى ئىشلار مىنسترى، شەرقى ئازەربەيجان ۋىلايىتى باشلىقى، يەنە بىر چوڭ مەسجىد ئىمامى ۋە باشقىلار بار تىك ئۇچار ئايروپىلان پارتىلاپ چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، 12 سائەتتىن كېين […]
ئىران رەھبەرلىرى ئايروپىلان ۋەقەسدە ئۆلدى

You May Like