تەرجىمە:مايك پەنس: جەنۇبى خىتاي دېڭىزى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەۋە ئەمەس

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزدېنتى مايك پەنس جۈمە كۈنى مۇنداق دېدى ، جەنۇبى خىتاي دېڭىزى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەۋە ئەمەس، ئامېرىكا داۋاملىق تۈردە خەلقئارا قانۇن يول قويغان دائىرىدە كېمە ۋە ئايروپىلانلارنى ھەيدەيدۇ.

رۇيتېرس ئاگېنتلىقى

تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

   

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزدېنتى مايك پەنس جۈمە كۈنى مۇنداق دېدى ، جەنۇبى خىتاي دېڭىزى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەۋە ئەمەس، ئامېرىكا داۋاملىق تۈردە خەلقئارا قانۇن يول قويغان دائىرىدە كېمە ۋە ئايروپىلانلارنى ھەيدەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى بۇ سۇ يوللىرى بىزگە تەۋە دەپ جار سېلىۋاتقان خىتايغا مەيدان ئوقۇش ھىساپلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تالاش تارتىشتىكى جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدا » سەپەر ئەركىنلىكى » نامىدا بىر يۈرۈش مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. خىتاي بۇ مانىۋېرلار ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا تەھدىت سالدى دېدى. پەنس، «جەنۇبى خىتاي دېڭىزى قانداقتۇر بىر دۆلەتكە تەۋە ئەمەس. شۇنىسى ئېنىقكى : ئامېرىكا داۋاملىق ھالدا خەلقئارا قانۇن يول قويغان دائىرە ۋە دۆلەت مەنپەئەتى زۆرۈر تاپقان ھەرقانداق يەردە كېمە ۋە ئايروپىلانلارنى ھەيدەيدۇ .» دېدى. خىتاي، برۇنېي، مالايسىيا، فلىپپىن، ۋېيتنام ۋە تەيۋەن قاتارلىقلار ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جار سېلىۋاتقان بۇ دېڭىزدا ھەر يىلى 3 تېرليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى پاراخوت سودىسى كېسىپ ئۆتىدۇ.

پەنس سەيشەنبە كۈنى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە ، ھىندى – تىنچ ئوكيان رايونىدا «ئىمپېرىيە ۋە تاجاۋۇزچىلىققا » ئورۇن يوق دېگەن سۆزىنى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاينى كۆرسەتتى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. رايون باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا سۆز قىلغان پەنس، خىتاينىڭ جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىكى ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ» شۇنى ئۇچۇقلايكى: خىتاينىڭ جەنۇبى خىتاي دېڭىزىنى قوراللاندۇرۇشى ۋە زېمىن كېڭەيمىچىلىك قېلىشى قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك. بۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىگىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.» خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچبىر دۆلەت تاھازىرغىچە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا كېمە ۋە پاراخوتلارنىڭ ئەركىن سەپەر قىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسەتكىنى يوق دېدى. خۇا چۈنيىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، » پەنس ئەپەندىمگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇڭلاركى، ئامېرىكا تېخىچە <<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى >> نى ماقۇللىمىدى.» «ئەگەر ئامېرىكا قانچە تىز <<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى >> نى ماقۇللىسا ۋە رىئايە قىلسا، مەن بۇنى جەنۇبى خىتاي دېڭىزىنىڭ تىنچ ۋە مۇقىملىقىغا بەكراق پايدىلىق دەپ قارايمەن.» 1982- يىلىدىكى ئەھدىنامىدە، دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە ۋە مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونلارغا قانداق ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. خىتاي ئاللىقاچان بۇ ئەھدىنامىنى ماقۇللىغان ۋە ئىمزا قويغان. بۇندىن ئېلگىرى، پەنس ئۆكتەبىردە قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيەدە بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ «قەبىھ » يوللار ئارقىلىق ئامېرىكا پرېزدېنتى دونالد تراپنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تەنتەك ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ۋىزىسى بارلار ئامېركىغا كېلىڭلار، ياردەمگە بىز بار

جۈ نويابىر 16 , 2018
بۇنيامىننىڭ ئاكىسى يۈسۈفمۇ مۇشۇنۇڭدەك ئوغرى ئىدى... - ھەزرەتى يۈيسۈف ئەلەيھىسلامنىڭ قان قېرىنداشلىرى

You May Like