تەرجىمە: ئ‍ستانبۇل قاتىللىق دىلوسنىڭ باھانەسى: قىين ئاكام مىنى مەجبۇرى قۇرئان كۇرسغا ئەۋەتىتى،ئانام قامالدى، شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈردۈم

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ختاي پۇقراسى ھەسەن نۇرنىڭ قاتىللىق گۇماندارلىرى تۇتۇلغاندا ، قېيىن ئاكىسنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىمران ساقچىلارغا مۇنداق دىگەن : «ھەسەن نۇر (تاغام) مېنى تۈركىيەدىكى قۇرئان كۇرسىغا ئەۋەتىشكە مەجبۇرلىغان ئىدى ، شۇ سەۋەبتىن ئانام- ختايدا جازاغا تارتىلدى ۋە تۈرمىگە تاشلاندى»

2024-يىلى 21-ئىيۇن زەيتىنبۇرنۇ سۇمېر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ، چەتئەلدىن كەلگەن ختاي پۇقراسى ھەسەن نۇر ئۆز ئايالىنىڭ جىيەنى بولغان «ئىمران» نىڭ ئۆيىگە بارغان. ئۇ ئۆيگە كىرگەندە، ئ‍ۈچ كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن.

گۇماندارلار ھەسەن نۇردىن پۇلنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. ۋەقەگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ، ساقچىلار گۇماندارلارنىڭ بىخەتەرلىك كامېراسىنى قولغا چۈشۈرگەن. ئىز قوغلاش نەتىجىسىدە ، گۇماندارلارنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى.

گۇماندارنىڭ قىزىقارلىق ئىددىئاسى:
گۇماندارلارنىڭ بىرى- ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھەسەن نۇرنىڭ جىيەنى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ساقچىلار جىنايەت گۇماندارى ئىمراننى قولغا ئالدى. ئىمران بۇ ۋەقەنى ئىقرار قىلغاندا ، ئۇنىڭ بىلەن قېينىئاكىسى ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن ئاداۋەت بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىمران .ي مۇنداق بىلدۈرگەن: ئۇنىڭ قېيىن ئاكىسى ھەسەن نۇر ئۇنى قۇرئان كۇرسىغا بىرىشقا مەجبۇرلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ختايدىكى ئانىسىنىڭ بۇ سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. ئىمران ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغان.

ساقچىلار بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ بېكىتىلگەن بىلالجان ئا (17 ياش) ، ئابدۇسالام ك (17 ياش) ، مۇرات ك (25 ياش) ، ئۆمەر U (19 ياش) ۋە ئارافات ئا (24 ياش) نى قولغا ئالدى. ساقچىلار قەغەز زاۋۇتىغا قارىتا ئىلىپ بارغان ھەرىكەتتە گۇماندارلارنى تۇتقان بولۇپ، گۇماندارلاردىن 8 مىڭ 300 دوللار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئىلگىرى نۇرغۇن جىنايى ئىشلار خاتىرىسى بار دەپ بېكىتىلگەن گۇماندارلار قاتىللىق جىنايەتلىرى مەخسۇس ئىدارىسىدە سوراق قىلىنغان. قولغا ئېلىنغان گۇماندارلار ئىمراننىڭ قېيىن ئاكسنىڭ پۇلىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ، ئۇلار بۇ پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە ، گۇماندارلاردىن تېپىلغان پۇل ئۇلارنىڭ ھەسەن نۇردىن ئالغان پۇلنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

گۇماندارلارنىڭ رەسمىيەتلىرى جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى، قاتىللىق جىنايەتلىرى مەخسۇس ئىدارىسى باشچىلىقىدا تاماملانغاندىن كىين، 6 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان

مەنبەسى:https://t24.com.tr/haber/cinli-enistesini-olduren-zanlidan-ilginc-savunma-beni-zorla-kur-un-kursuna-gonderdi-bu-yuzden-annem-cin-de-hapis-yatiyordu,1171158?fbclid=IwZXh0bgNhZW0CMTAAAR3SToL4BtmTpmQvVndzAIpbUFjW0U8UbzowfYB1oYcwWjeIDg_IS3sWumk_aem_kIsU2snLgz9R9Om82w8o3g

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تۈركىيە ياۋروپا لوڭقىسسدا 16 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى

جۈ ئىيۇن 28 , 2024
قسقا: ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 2024-يىللىق 16 كۈچلۈككە كىرگەن دۆلەت كوماندىلىرى تۈركىيە 26-ئ‍يۇن كۈنى چېخىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ، ف گۇرۇپپىسدا ئىككىنچى بولۇپ، 16 كۈچلۈك ئىچىگە كىردى.2-ئ‍يۇل كۈنى ئاۋستىرىيە كوماندىسى بىلەن 8 كۈچلۈكنى تالىشش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.
قسقا: ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 2024-يىللىق 16 كۈچلۈككە كىرگەن دۆلەت كوماندىلىرى

You May Like