تەپسلى خەۋەر: شى جىن پىڭ پۇتىننى كۈتۈۋالدى،ئامېرىكىغا قارشى يېڭى دۇنيا تەرتىۋى ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 17-ماي

شى پۇتىننى ھەيۋەتلىك ۋە قىزغىن كۈتۈۋالدى

ختاي خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت رەئىسى، ختاي كومپارتىيسى باش كاتىۋى (شۇجى ۋە سكرىتار سۆزى-ختايچە ۋە ئىنگىلىزچە كاتىپ مەنىسدە ) بېجىڭدا روسيە فىدراتسيەسى پىرەزدىنتى پۇتىننى كۈتۈۋالدى.

شى جىن پىڭ پۇتىننى ختاي خەلق سارىيى ئالدىدا «قېزىل گىلەم»بىلەن كۈتۈۋالغان بولۇپ، ختاي ئازاتلىق ئارمىيسى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت گىربىنى ئورۇنلىدى، 21 دانە ھۈرمەت ساليۇتى ئېتىلدى.ختاي تاراتقۇلىرى بۇنى تارىختىكى «ئەڭ يېقىن ۋە كاتتا مىھمان»نى كۈتۈۋىلىش دەپ ئاتىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسەت قىلغان بۇ ئۇچرىششتا، پۇتىن ۋە شى ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تەرتىۋىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بىرىپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپ ئورنىتىش ھەققىدە بشارەت بەردى.

ئامېرىكىغا قارشى بىرلىكسەپ

ختاي ۋە روسيە ئامېرىكىغا قارشى ئاساسلىق ئىككى دۆلەت بولۇپ، سۆۋىت ئېتتپاقى يېمىرىلگەندىن كىين، ختاي دىپلوماتلىرى روسيە بىلەن يېقىنلىشش سياستىنى كۈچەيتىپ، ئاستا-ئاستا ئېقتساد، تېخنىكا ۋە ھەربى ساھەدىكى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىغا ئايلاندى. ئامېرىكىنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسدىن كىينكى ئىراق ۋە ئافغانستان ئۇرۇشى ختاي بىلەن روسيە ۋە بىر قسم ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى جۈملىدىن ئىراننى ئامېرىكىغا قارشى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان خەلقئارالىق ۋەقەگە ئايلاندى.

ختاينىڭ ئېقتسادى، ھەربى ۋە دىپلوماتىك كېڭەيمىچىلىكى، شۇنداقلا ئ‍نسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقى غەرپنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كىلىشگە ئەگىشپ، ختاي ئامېرىكىغا قارشى بىرلىكسەپنىڭ مۇھىم زۆرۈرىيەت دەپ قارىدى.ختاي- روسيە ئىران -خاماس ھەمكارلىقى ئامېرىكىغا قارشى كۈچلۈك بىرلىكسەپنى شەكىللەندۈردى.

ئامېرىكا داۋاملىق ئامالسز قالماقتا:

2022-يىلى فېۋرال ئېيىدا روسيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلدى. غەرپ گەرچە ھەربى ۋە ئېقتسادى ياردەم بىلەن ئۇكرائىنانى قوللىسمۇ، روسيەگە قارشى ھىچقانداق بىۋاستە ھەربى ھەرىكەت قوللانمىدى.

خاماسنىڭ ئ‍سرائىلىيەگە ھەربى ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن خەلقئارا سەھنىدىكى ئىككى قۇتۇپلىشش ئىغىرلاشتى. ئامېرىكا تەرەپدالىرى بىر سەپتە، روسيە-ختاي تەرەپدالىرى بىر سەپتە ئورۇن ئالدى.گەرچە ياۋروپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن ئېتتپاقداش بولغان ناتونىڭ ئەزاسى بولسمۇ،ئەمما ختاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتتە ئامېرىكا تەرەپتە تۇرمىدى.

ختاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا:

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كۆپ قېتم گۇۋاھلىق بىرىش يېغىنى ئىچىپ، ختاينىڭ تەيۋەنگە قارشى تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمى ئىلىپ بىرىش ئىھتىماللىقىنىڭ بارغانسرى كۈچىيۋاتقانلىقىنى، ختاينىڭ روسيە، ئىران بىلەن ھەمكارلىشپ ماس قەدەم ئىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ دىققىتى ۋە كۈچى چېچىلىپ، خەلقئارالىق كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش ئېىقتىدارىنىڭ يتەرسز بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە تەيۋەنگە كۆپلەپ زۆرۈر بولغان قورال ۋە ھەربى ياردەملەرنى جىددى تەمىنلەش ھەققىدە ئ‍الاقىدار قانۇن لايىھەلىرى ئىلان قىلىندى.

ختاي ۋە روسيە ھەمكارلىقى ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق:

ختاي-ئ‍ۇيغۇرلارغا نسبەتەن ھەم تاجاۋۇزچى ھەم قاتىل.ختاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى كۈچلۈك ئېتتپاقداش روسيە بىلەن بارغانسرى چوڭقۇر ھەمكارلىششى-ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە قار كۆلەڭگە تاشلىماقتا.روسيە بولسا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ھەتتا بىر قسم لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ختايدىن قالسلا كۈچلۈك ئاساسى بولغان دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلەرنى ئاقلاشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئەردوغان: ئىسرائىلىيە بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ، خاماس بىزنى قوغداۋاتىدۇ

جۈ ماي 17 , 2024
تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان 15-ماي كۈنى سۆزلىگەن نۇتۇقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. «بۇ ئازغۇن، بۇ تېرور دۆلىتى ئىسرائىلىيە ئەگەر توختىتىلمىسا، كۆزىنى ھامان «ۋەدە قىلىنغان تۇپراقلار»نامىدا ئانادولۇغا تېكىدۇ. ئىسرائىلىيە گازادا پەقەت پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلمىدى، بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، بىزگە! خاماس گازادا تۇرۇپ ئانادولۇ ( تۈركىيە)نىڭ چىگراسنى مۇداپىئەسنى قىلىۋاتىدۇ.بۇنى كۆرەلمەيدىغان دەرىجىدە قارغۇمۇ سلەر؟»
ئەردوغان

You May Like