ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-يانۋار
ختاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قامال قىلغان ئەھۋالدا تارقالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تېبەت رىكازې شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مۇنداق خەۋەر بەرگەن: دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، سائەت 19 غىچە، دىڭرى ناھىيەسىدىكى يەر تەۋرەشتە 126 ئادەم قازا قىلغان، 188 ئادەم يارىلانغان، 28 نەپەر ئېغىر كېسەل شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ قۇتقۇزۇلغان؛ 3609 ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.
تېبەت تەشكىلاتلىرى ختاي ھۆكۈمىتنى ئۇچۇر تارقىتشتا راسچىل بولۇشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قۇتقۇزۇشقا قاتنىششقا يول قويۇشىغا چاقىرماقتا.