تۇرغۇنجان تەييارلىدى
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى
كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، موسكىۋادا يۈز بەرگەن تېياتىرخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ھازىرغىچە 137 ئادەم ئۆلگەن.بۇ ۋەقەنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىپلەنگەن 11 كىشى قولغا ئىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ 4 نەپىرى 25-مارت يەرلىك رايونلۇق سوتقا چىققان. سوتچى ئاخباراتچىلارنى سوتنىڭ پەقەت ئاز بىر قسمىغا قاتناشتۇرغان، سەۋەبى: گۇماندالارنىڭ ئەھۋالى قارىغۇسز ۋە خەۋەر قىلغۇسز دەرىجىدە ئىغىر.
تىلگىرام ئارقىلىق تارقالغان ۋىدىئولاردا روسيە بېخەتەرلىك خادىملىرى تۇتۇلغان بىر گۇماندارنى ئۇرۇپ دەسسەپ، ياتقۇزۇپ، قۇلىقىنى كېسپ، ئۇنى يۇتۇشقا مەجبۇرلىغان. يەنە بىر گۇماندارنىڭ بىر كۆزىنى ئويۇۋەتكەن، يەنە بىر گۇماندارنىڭ جىنسى ئەزاسغا توك كالتىكى ياققان، سۇندۇرۇۋەتكەن.
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، روسلار ئوتتۇرا ئاسيادىن كەلگەن ئۆزبەك، تاجىك ، قىرغىز قاتارلىق نۇرغۇن كۆچمەنلەرنى ئىغىر كەمستىكەنلىكى ئۈچۈن ئسلام دۆلىتى ناملىق تەشكىلاتقا ئەزا بولۇپ، قساس ئىلىشنى خالايدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ.
بۇ ۋەقەنى ئسلام دۆلىتى خوراسان (IS-k )قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسمۇ، ئەمما پۇتىن بۇ ۋەقە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئالاقىسى بار دەپ ئىلان قىلغان.مۇتەخەسسلەرنىڭ دىيشچە، بۇ پۇتىننىڭ ئۆز خەلقىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشغا تېخىمۇ زور ساندا سەپەرۋەرلىك قىلغۇزۇش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئىلگىرى ئامېرىكا روسيەنى بۇنداق بىر ۋەقەدىن ئاگاھلاندۇرغان بولسمۇ، روسيە ئامېرىكىغا ئشەنمىگەن.
روسيە بېخەتەرلىك ۋە ئارمىيە تەرەپ تارىختىن بىرى مسلىسز ۋەھىشيلىكى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، روسلارنىڭ ئىلگىرى ئافغانستان ئۇرۇشى، چېچەن ئەرلىرىگە قىلغان ۋەھىيشلىكى ئنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئىغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى بىلەن ئەيىپلەنگەن.
بىر قسم تاراتقۇ ئانالىزچىلىرى روسيەنىڭ بۇ قېتىملىق گۇماندارلارنى قىيناشنى ئاشكارا ئىلان قىلىشى: « دۇنياغا بىر سىگنال ئەۋەتىشتۇر، ئەگەر روسيەگە قايتا ھۇجۇم قىلساڭ،مۇشۇنداق ۋەھشى قىينلىسەن، شۇڭا غىت قس !»
پۇتىن ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ، مىڭلىغان بىگۇناھ پۇقرالار ۋە ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى سوت تەرىپىدىن «ئۇرۇش جىنايەتچىسى»دەپ رەسمى قارار قىلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چېقىرىلغان.ئۆتكەن ئايدا پۇتىن ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى ناۋالنىنى ئۆلتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك زور كۆلەملىك نامايىشقا دۇچ كەلگەن ئىدى.
ئانالىزچىلار مۇنداق قارىماقتا: بۇ قېتىملىق موسكىۋاغا قىلىنغان ھۇجۇم پۇتىننىڭ ئۇ قەدەر سەزگۈر ۋە كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى ئسپاتلىغاندىن باشقا، ئۇنىڭ ئوبرازىنى تۆۋەنلىتىشكە يتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ.