ئابدۇۋەلى ئايۇپقا تىلشۇناسلىق خىزمىتى ۋە تىل قوغداش ھەرىكىتى سەۋەبلىك بۇ ساھەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق خەلقئارالىق مۇكاپات-2023-يىللىق لىنگاپاكس- بىرىلىپتۇ.
ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈندۈم.
ئابدۇۋەلى ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ختاي جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ساھەسىدە يەككە ۋە كوللىكتىپ ھالدا ئەڭ ئۈنۈملۈك كۆرىنەرلىك خىزمەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆزى ۋە ئائىلىسى ختاي تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سوسيال مېدىيادا ئەڭ كۆپ ھاقارەتلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر.
ختاي قىرغىنچىلىقىنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇنقى ۋەتەن ۋە كىينكى چەتئەلدىكى كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىتلارغا قارايدىغان بولساق، ئابدۇۋەلىنىڭ سياسى ۋە ئنسان ھەقلىرى خىزمەتلىرىدىن نەپ ئالغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاز ئەمەس.ئەمما ئېتىراپ قىلىدىغانلار چاغلىق.
ئۇنىڭ ئانا تىل ھەرىكىتى ۋە ئەسەرلىرىدىن نەپ ئالغان ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئاز ئەمەس،ئەمما مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلار ساناقلىق. ئۇنىڭ پاكىت توپلاش، تەرجىمە قىلىش، ھۈججەتلەشتۈرۈش خىزمىتىدىن نەپ ئالغان خەلقئارا تەتقىقاتچىلار، تاراتقۇلار ئاز ئەمەس.ئەمما ئېتىراپ قىلىۋاتقانلار ، مۇكاپات بىرىۋاتقانلار دەل شۇ چەتئەللىلكلەردۇر. چۈنكى ئۇلار شۇ نەپنى يەنە شۇ ئابدۋەلىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى ئۈچۈن ئشلىتىدۇ.
ئابدۇۋەلىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن زىيان تارتقۇچىلار كىم ؟
ختاي ھۆكۈمتى، ختاي كومپارتىيسى، ختاي زىھنىيەتلىك ،ئۇيغۇر تىللىق ئەقىلسزلەر؛
مەن تۆھپىكار ئۇيغۇرلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كىلىۋاتىمەن،ئۇلار ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئشلەشكە ئورۇنلاشتۇرىمەن، تەرجىمە قىلىمەن. ئوبزور يازىمەن.
ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش-مىنىڭ ئادىمىيلىمكىينى تولۇقلايدۇ.ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىش ۋە قوللاش-خەلقىمىزگە ئۈمىد-ئشەنچ بىرىدۇ.ياخشى سۆزنىڭ ئۆزى-بىر ياخشلىق،ئۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ ھىچقانداق يىرىم كەملەپ قالمايدۇ.
ئەمما رىئاللىقىمىزغا قارساق، مۇھاجىرەتتە ئشلار كۆپىنچە ھاللاردا (مۇتلەق ئەمەس) ئارىمىزدا ئشلار مۇنداق بولۇۋاتىدۇ:
- بىز ياراملىق ۋە تۆھپىكار كىشلىرىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمىز، بىزگە قىممىتى بار كىشلەرنى تونالمايمىز.
- كۆپىنچە ھاللاردا بىلسەكمۇ ئېتىراپ قىلمايمىز، شۇڭا باشقا مىللەتلەر ياكى ئورگانلار ئېتىراپ قىلىدۇ،
- كۆرستىپ بىرىدۇ. ئۆزىمىزدىن باشقىلارنىڭ خىزمىتى ياكى جاپاسنى كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سالىمىز،
- ھەر قانداق كۆزگە كۆرۈنگۈچىنى رىقابەتچى ئويلىۋىلىپ، كۆزىمىزگە سغدۇرمايمىز.
- بىزلا توغرا، ئۆزىمىزدىن باشقىلار توغرا يولدا ئەمەس؛
- شۇڭا ئۆزىمىزدىن باشقىلار بۇ يولدا ماڭماسلىقى كىرەك؛
- ئۆزىمىزدىن باشقىلارنىڭ ياخشى گىپى تىلغا ئىلىنماسلىقى كىرەك.
بۇ پەقەت ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۈستىدىكىلا مۇنازىرە ئەمەس، ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى،ئارسلان ئابدۇللا، غەيرەتجان ئوسمان، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ۋە تۈرمىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى-ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ھوقۇقلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيتى، ئۇيغۇر تەرەققىياتى ئۈچۈن تەتقىقات، ئوقۇتۇش، تەشۋىقات، ئەدەبى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقارغان. بىز ئۇلاردىن قانچىسنى بىلىمىز؟ قانچىسنى ياد ئتىمىز؟ قانچىسنىڭ تۈرمىگە قامالغان يىل خاتىرسنى ئەسلەپ پائالىيەت ئىلىپ بارىمىز؟ قانچىسى ئۈچۈن كۆلەملەشكەن سياسى ۋە سوسيال ھەرىكەت ئۇيۇشتۇردۇق؟
ئەگەر ئىلھام توختىنى ھەر يىلى خەلقئارا جەمئىيەتلەر، تەشكىلاتلار، تەتقىقاتچىلار «تۇتقۇن قىلىنغىنىغا6 يىل بولدى، 7 يىل بولدى، 8 يىل بولدى»دەپ ئەسكەرتىپ تۇرمسا، بىز ئۇلارنى ئەسلەمدۇق؟
ئاۋام خەلقنىڭ كىمنىڭ قانداق چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلىشى ناتايىن،
ئەمما بۇنى بىلىدىغان زىيالىيلار ۋە تەشكىلاتلار بار،شەخسلەر ھەققىدە پاسسپ ۋە زەھەردەك تەنقىدلەرنى ياغدۇرۇشتىن ئاۋال، ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، ئىزدىنىشى، ئويلىنىشى كىرەك ئىدى.
ئىلغار ۋە تۆھپىكارلارنى قوللىمساڭلارمۇ، مەيلى،ئەمما ئۇلارنىڭ سەمىمىيتى ۋە تۆھپىسى ئاشكارىلاپ قويغان ئېقتيىدارسزلىقڭلار ۋە يالغانچىلىقىڭلار تۈپەيلى قوزغالغان ھەسەتخورلۇقۇڭلارنى دەسمايە قىلىپ،.
زەھەرخەندىلىك قىلماڭلار.ھەممە نەرسە خاتىرلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ھىچبولمىسا ئەينەن خەۋەر بىلەن خەلقىمىزگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق قۇتلۇقلىدى.