سۈرىيە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلىرى ھەلەپ شەھىرىنى ئ‍شغال قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-نويابىر

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، سۈرىيەدە باشار ئاساد ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۆكتىچى قوراللىقلار سۈرىيەنىڭ چوڭ شەھىرى ھەلەبنى ئ‍شغال قىلغان. بۇ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ 8 يىلدىن بىرى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئۆكتىچلەر ئارىسدا، سۈرىيە دىموكراتىك كۈچلىرى، شام ئازاتلىق تەشكىلاتى، تۈركستان ئ‍سلام پارتىيسى ..قاتارلىقلار بار ئىكەن.تاراتقۇلار سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى قوللىغان دەپ خەۋەر قىلماقتا.

سۈرىيەنىڭ مۇھىم شەھىرىنىڭ تۇيۇقسز ئۆكتىچىلەر قولىغا چۈشۈپ قىلىشى جىددى دىققەت قوزغىدى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى يىللاردىن بىرى روسيە ۋە ئىراننىڭ ياردىمى، ھىزبۇللا (يەنى ئاللاھ پارتىيسى)نىڭ بىۋاستە ھەربى قاتنىششى بىلەن ھازىرغىچە پۇت دەسسەپ تۇرغان. ئسرائىلىيە ۋە ھىزبۇللا (يەنى ئاللاھ پارتىيسى)،ئ‍ۇرۇشىدا، ھىزبۇللا پۈتۈنلەي ئاجىزلاپ، ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئۆلتۈرۈلدى ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. ھىزبۇللا (يەنى ئاللاھ پارتىيسى)نىڭ ئاجىزلىششى سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرگە ياخشى پۇرسەت ياراتتى.تەنقىدچىلەر ئەردوغان بىلەن ئ‍سرائىلىيەنىڭ بۇ مەسلىدە بىرلىككە كىلىشگە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

كەلگۈسى نائېنىق:

نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيتى ئۆزگىرىپ تۇرماقتا.روسيە، ئىران ختاي بىرلىكى بىلەن ئامېرىكا ۋە ئ‍سرائىلىيە بىرلىكى ئوتتۇرسدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىمۇ جىددى ئۆزگىرىپ تۇرماقتا.ئەمما ھاماس ۋە ھىزبۇللارنىڭ ئاجىزلىششى بىلەن ئىرانمۇ جىددى ئاجىزلاشتى، سۈرىيەنىڭ ئۆكتىچىلەر قولىغا ئۆتۈشى-ئوتتۇرا شەرقتە غايەت زور كۈچ ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئەگەر بۇ ئۆكتىچلەر راستىنلا سۈرىيەنى قولغا چۈشۈرسە، كىينكى قەدەمدە نىمە يۈز بىرىدۇ؟ ئۆكىتىچلەر قانداق سياسەت يۈرگۈزىدۇ؟ قايسى دۆلەتنىڭ ئ‍اغزىغا قارايدۇ ياكى ئاغزىغا قارىتىدۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

دونالدا تىرامپ كېسەك دۆلەتلەر بىرلەشمىسگە 100% تاموژنا بېجى بىلەن تەھدىت سالدى

يە دېكابىر 1 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 1-دىكابىر نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامىرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ ، خىتاي ۋە روسيە رەھبەرلىگىدىكى برازىلىيە ، روسىيە ، ھىندىستان ، جەنۇبىي ئافرىقا ، مىسىر، ئېفوپپىيە ، ئىران ، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى قاتارلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە بايانات ئىلان قىلىپ، ئەگەر ئۇلار دوللارنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى پۇل ئىلان […]
تىرامپ-دوللار

You May Like