ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-دېكابىر
سەئۇدى ئەرەبستان خەلقئارا مەبلەغچىلىك ۋە سودا ساھەسنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن، كىنو، مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەربىيە ساھەسىگە غايەت زور ساندا مەبلەغ سلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ماراكەش، ئارگېنتىنا، ئۇرۇگۋاي، پاراگۋاي بىرلىكتە 2030-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستانى 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
سەئۇدى ئەرەبستانى كىشلىك ھوقۇق ساھەسدىكى تەنقىدلەرگە قارشى غەلبە قىلىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا مۇناسۋەت جەھەتتىكى كۈچىنى نامايان قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق 2034-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. بۇ، 2022-يىلى قاتاردىن كېيىن، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.