سالاھ 33 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ لىۋېرپول رېكورتىنى ياراتتى

مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ لىۋېرپول رېكورتىنى ياراتتى[/caption] 4-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا 2:5 نەتىجە بىلەن رىمنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ

 

سالاھ 33 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ لىۋېرپول رېكورتىنى ياراتتى
سالاھ 33 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ لىۋېرپول رېكورتىنى ياراتتى
4-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ئۆتكۈزۈلگەن 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا 2:5 نەتىجە بىلەن رىمنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ مۇسابىقىدە لىۋېرپول ھۇجۇمچىسى سالاھ ئىككى توپ كىرگۈزدى، بۇ ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى 33 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈشى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن لىۋېرپول تارىخىدىكى يەككە مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ كۆپ مەيداندا توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. سالاھ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە لىۋېرپول ئۈچۈن 47 قېتىم مەيدانغا چۈشكەن بولۇپ، 43 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە 13 ياردەمچى پاس بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يېقىنقى بەش مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، شۇ ئارقىلىق جېررادنىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

پە ئاپرېل 26 , 2018
4-ئاينىڭ 24-كۈنى پۇتبول سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى clubworldranking ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق تىزىملىكتە بايرېن مىيۇنخېن داۋاملىق بىرىنچىلىككە تىزىلغان، بارسېلونا ئىككىنچىلىككە چىققان، خانلىق مادرىد ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. لىۋېرپول بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. جۇڭگو كۇلۇبلىرى جەھەتتە گۇاڭجۇ خېڭدا ئاسىيادە بەشىنچى ئورۇندا، شاڭخەي شاڭگاڭ 12-ئورۇندا تۇرغان.

You May Like