رۇفىنا مەردان: مېنىڭ خەلقىم زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ

فىرانسىيەدىكى داڭلىق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «دۇنيا» گېزىتى Le monde نىڭ باشقۇرۇشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇق ژۇرنىلى Le Monde des ados نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا «مېنىڭ خەلقىم زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا باش بەت ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان 16 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى رۇفىنانىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان خىتاي زۇلۇمى قىسقىچە چۈشەندۈرۈلدى

 رۇفىنا مەردان: مېنىڭ خەلقىم زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 13- مارت

ئارمان تەييارلىدى

فىرانسىيەدىكى داڭلىق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «دۇنيا» گېزىتى Le monde نىڭ باشقۇرۇشىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇق ژۇرنىلى Le Monde des ados نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا «مېنىڭ خەلقىم زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا باش بەت ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان 16 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى رۇفىنانىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان خىتاي زۇلۇمى قىسقىچە چۈشەندۈرۈلدى.

 

ماقالە رۇفىنانىڭ تىلى بويىچە تەسۋىرلىنىپ مۇنداق دەپ باشلىنىدۇ: « مەن ۋىل كخەن شەھىرىدە ئاتا-ئانام ۋە ئىككى ئىنىم بىلەن بىرگە ياشايمەن. مەن بولسام بىر ئۇيغۇر. شانلىق تارىخ، مول مەدەنىيەت ۋە گۈزەل تىلغا ئىگە بولغان، ئەمما ئۆز دۆلىتى بولمىغان بىر خەلقنىڭ ئەزاسىمەن….»

رۇفىنا ئۆزىنىڭ 5 يېشىدا ئانىسى بىلەن بىرگە فىرانسىيەگە كەلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلدۇم، 5 يېشىمدا ئاپام بىلەن بىرگە فىرانسىيەگە يېتىپ كەلدىم. دادام بولسا 3 يىلدىن كېيىن يېتىپ كېلىپ بىز بىلەن جەم بولدى. 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋەقەسى ئۇلارنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى، ئەلۋەتتە ئۇلار مېنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم بولغان شارائىتتا ياشىشىم ئۈچۈنمۇ بەدەل تۆلىگەن ئىدى. فىرانسىيەگە كەلگىنىمدىن بۇيان چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئاپاملار بىلەن قايتىدىن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىدىم. ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىم پەقەتلا ئۈندىدار ئارقىلىق ھەپتىدە بىرەر ئىككى قېتىملىق قىسقا كۆرۈشۈش بىلەنلا چەكلەنگەن ئىدى. ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ تاغام، ھامماملار بار، ئۇلار بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ باقمىدىم. داداممۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن قايتا كۆرۈشەلمىدى…»

 

ماقالىدە رۇفىنا قىسقا قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى، مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھەرخىل نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ۋەتىنىدە زۇلۇم چېكىۋاتقان، قاراڭغۇ زىندانلارغا قامىلىپ ئازاب چېكىۋاتقان مىللىتىنىڭ ئەركىن دۇنيادىكى ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ھەر بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى كامپىلارغا قامالدى، ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە تۇتۇلدى، خىتاي رېجىمى بىزنى شۇنداقلا مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بىز پەقەتلا مۇسۇلمان بولغىنىمىز ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق» قالپىقىنى كىيدۈرۈش ئارقىلىق بىزنى يوقىتىۋاتىدۇ…»

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا رۇفىنا ئۆز ئائىلىسى شۇنداقلا فىرانسىيەدىكى نۇرغۇنلىغان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ يەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تۈرلۈك پاراكەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي كونسۇلىدىن كەلگەن ھەر خىلدىكى تەھدىت تېلېفونلىرى، پوسۇلكىلىرىنى دائىم تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ئاخىردا مۇنداق دەيدۇ: « مەنچە ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ سۆزلەش ناھايىتى مۇھىم، مەن دەسلەپتە فىرانسىيەگە كەلگىنىمدە ئۇيغۇر دېسەم ھېچكىم ئۇقمايتتى، ھازىر بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئۇيغۇرلارنى تونۇشقا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە باشلىدى. شۇڭا بىز توختىماستىن تىرىشىپ، ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىشىمىز ناھايىتى مۇھىم.»

مەزكۇر ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا چىقىرىلغان قارارلار، فىرانسىيەدىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بىلەن بولغان چېتىشلىقى قاتارلىق تەپسىلاتلارمۇ قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن.

ئاگېنتلىقىمىز رۇفىنا مەردان بىلەن بىۋاسىتە تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ «دۇنيا» ژۇرنىلىدا بېسىلغان سۆھبىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « فىرانسىيەگە كەلگەندىن بېرى نۇرغۇن قېتىم مەكتەپ ئالماشتىم، ھەر قېتىم مەكتەپ ئالماشقىنىمدا يېڭى مۇھىتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىمغا ئۇيغۇر كىملىكىنى تونۇشتۇرۇشتا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم. ھەر قېتىم ئۇيغۇر دېسەم نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ بىلمەستىن ھەيرانلىق بىلەن باشلىرىنى لىڭشىتاتتى، بۇ ھال مېنى خېلىغىچە بىئارام قىلدى. كېيىنچە ئىككى ئىنىممۇ چوڭ بولۇپ مەكتەپلەرگە كىرىشكە باشلىغاندا ئوخشاش مەسىلىلەرگە يولۇقتى. مەنچە چەتئەلدە ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوخشاش مەسىلىلەرنى بېشىدىن كەچۈردى دەپ ئويلايمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فىرانسىيەدىكى گېزىت-ژۇرنال، تېلىۋېزىيەلەردە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ خەۋەرلەر، فىلىملار ئىشلەندى، شۇ تەرىقىدە بىزنىڭ كىملىكىمىزنى تونۇتۇشىمىز بارا بارا ئاسانلىشىشقا باشلاندى. مەن شۇنداق كۈنلەرنى بېشىمدىن كەچۈرگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ قېتىمقى سۆھبەت پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدىم. «دۇنيا» ژۇرنىلىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ناھايىتى كۆپ، مەن بۇ پۇرسەتتە مىللىتىمنى پۈتۈن فىرانسىيەگە قايتىدىن تونۇشتۇرالغىنىمدىن بەكمۇ خۇرسەن.»

رۇفىنانىڭ دادىسى مەردان بارى ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى: « مۇھاجىرەتتىكى شارائىتتا پەرزەنتلىرىمىز بارا بارا ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىز، تىلىمىزدىن يىراقلىشىپ شۇ يەرلىك مەدەنىيەتكە سىڭىشىشى تېزلەشمەكتە. بۇلارنىڭ سەۋەبلىرى مەلۇم جەھەتتە ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى تونۇشتۇرۇشتا دۇچ كەلگەن پسىخىكىلىق مەسىلىلەر بولۇشى مۇمكىن. مەنچە ئائىلىدە بالىلىرىمىزغا ئۇيغۇر كىملىكى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتلەردىكى تەربىيەلىرىمىزنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ سىرتلاردا، مەكتەپلەردىمۇ دادىل ھالدا ئۇيغۇر كىملىكىدىن پەخىرلىنىدىغان، ۋە ئۇنى سۆيىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈنمۇ كۈچىشىمىز ۋە شۇ جەھەتلەردىن تەربىيەلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.»  

 

مەردان بارى ئەپەندىم مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئاتا-ئانىلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: « پەرزەنتلىرىمىز چەتئەللەردە چوڭ بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ، چەتئەل تىلى سەۋىيەسىدە ھېچبىر كەمچىلىكى يوق تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. بۇ كەلگۈسى ۋەتەن زېمىن دەۋايىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە غەلىبىسىگە ئىنتايىن چوڭ نۇسرەت ئىلىپ كەلگۈسى. بىز تىل سەۋىيە جەھەتتىن قىينىلىپ ھەقىقىي ئاۋازىمىزنى چىقىرالماي قالىدىكەنمىز. ئەمما ئۇلار ئەكسىچە بىزنىڭ ئارمانلىرىمىزغا دەرمان بولالايدىكەن. شۇڭا بارلىق قېرىنداشلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ۋەتەن مىللەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېتىلىۋاتقان باللىرىمىزنى بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرالايدىغان ھەم مىللەتنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيەلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن! ھەم ئاتا ئانىلار بۇ ئۇزاق مۇساپىلىك خىزمەتنى بىرلىكتە ئىلىپ بېرىشكە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋەتەن ئۈچۈن تىرىشچانلىق بىزدىن! ئەڭ ئاخىرقى نۇسرەت ئۇلۇغ ئاللادىن!»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەسلەيمەن

يە مارت 13 , 2022
قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەسلەيمەن ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر بۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ئۇت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قەتل قىلىنغانلىقىغا 89 يىل بولغان قاباھەتلىك كۈندۇر.

You May Like