رومان ۋە روماننىڭ تۈرلىرى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر رومانچىلىق ئىجادىيىتى مىسلىسىز راۋاجلىنىپ، رومان ئىجادىيەتچىلىرى قوشۇنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. 91 يازغۇچىنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق رومانى نەشر قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر رومانچىلىق ئىجادىيىتى مىسلىسىز راۋاجلىنىپ، رومان ئىجادىيەتچىلىرى قوشۇنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. 91 يازغۇچىنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق رومانى نەشر قىلىندى. بۇلار ئىچىدە ‹‹تارىخىي رومان›› ۋە ‹‹تارىخىي قىسسە›› دەپ ئاتالغانلىرى 41 پارچە؛‹‹بىيوگرافىك رومان›› ۋە ‹‹تارىخىي بىيوگرافىك رومان›› دەپ ئاتالغانلىرى يەتتە پارچە؛ ‹‹بالىلار رومانى›› ئۈچ پارچە؛ ‹‹قىسسە›› ئىككى پارچە؛ ‹‹پەلسەپەۋى رومان›› بىر پارچە، ‹‹يۇمۇرىستىك رومان›› بىر پارچە بولۇپ، قالغان 139 پارچىسى ‹‹رومان›› دەپلا ئاتالغان. رومان ئەسلىي فرانسۇزچە ئاتالغۇ بولۇپ، رۇسلار ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن. ئۇ پىروزا ژانىرىغا تەۋە، ھەجمى بىر قەدەر چوڭ، سۇژىت قۇرۇلمىسى نىسبەتەن مۇرەككەپ. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى كۆپ قاتلاملىق، ئۆزئارا گىرەلەشكەن ھالدا راۋاجلىنىپ، مەلۇم بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى، ماھىيەتلىك قانۇنىيەتلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. روماندا ‹‹باشلىنىش، راۋاجلىنىش، يېشىم›› دىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ، ‹‹سۇژىت قۇرۇلمىسى، پېرسوناژ، مۇھىت›› دىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق ئامىل بولىدۇ. ھەجىم جەھەتتىن كۆپىنچە بىر قىسىم، ئىككى قىسىم، ئۈچ قىسىم ھەتتا تۆت قىسىم، بەش قىسىم، ئالتە قىسىملىق بولۇشى مۇمكىن. ئىلگىرى كىلاسسىك ئەدىبلىرىمىز ھازىرقى ‹‹رومان›› غا ئوخشاپ كېتىدىغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەرنى ‹‹قىسسە›› دەپ ئاتىغان. بۈگۈنكى دەۋر يازغۇچىلىرىدىن خېۋىر تۆمۈرنىڭ ‹‹موللا زەيدىن››، ‹‹ئابدۇقادىر داموللام››، مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ‹‹يىللار شۇنداق ئۆتكەن››، ئەيسا يۈسۈپنىڭ ‹‹ئاقسۇدا 1945 – يىل››، ئەخمەت ۋاھىدىنىڭ ‹‹بورانلىق كېچە››، ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ ‹‹بە دۆلەت›› ناملىق ئەسەرلىرى ‹‹قىسسە›› ياكى ‹‹تارىخىي قىسسە›› دېگەن ناملاردا ئېلان قىلىندى. رومانلارنى تەسۋىرلىگەن دەۋرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ‹‹تارىخىي رومانلار››، ‹‹بۈگۈنكى دەۋر رومانلىرى›› دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. تىل، ئىپادىلەش ۋاسىتىسى، ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ‹‹تەرجىمىھال›› تىپىدىكى رومان ‹‹پەلسەپەۋى رومان››، ‹‹شېئىرىي رومان››، ‹‹فانتازىيەلىك رومان››، ‹‹يۇمۇرىستىك رومان›› دېيىلىدۇ. ‹‹تارىخىي رومان›› تارىخىي دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن مەشھۇر شەخس، مەشھۇر ۋەقەلەر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىپ، شۇ دەۋرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق تارىخىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ۋەقەلىك تەپسىلاتىدا مۇئەييەن بەدىئىي توقۇلمىلار بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ. ‹‹بىيوگرافىك رومان››دا ئۆزى – ئۆزىگە تەرجىمىھال يېزىش، كېيىنكىلەر بۇرۇنقىلارغا تەرجىمىھال يېزىش، بىر ئادەمگە بىر تەرجىمىھال يېزىش، كۆپ كىشىگە بىرلەشمە تەرجىمىھال يېزىشتەك شەكىللەر كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. ‹‹فانتازىيەلىك رومان››دا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا بار، لېكىن رېئاللىققا ئايلانمىغان ئارزۇ – ئارمانلىرى تەسۋىرلىنىپ، ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش جەريانى ئىپادىلەپ بېرىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ ‹‹ئەپسانە›› گە ئوخشاپراق كېتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ‹‹فانتازىيە››دە ‹‹كەلگۈسىنىڭ سىماسى›› بار. ‹‹پەلسەپەۋى رومان››دا پېرسوناژ يارىتىش، پىرسوناژلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئىپادىلەشكە كۈچىمەيدۇ. مۇھىمى ئاساسلىق كۆز قاراشنى ئىپادىلاشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

يېپەك يولى قەدىمىي شەھىرىدىكى مىڭ يىللىق چايخانا __ قەشقەردىكى يۈز يىللىق چايخانا

سە ماي 1 , 2018
قەشقەر شەھىرى ئۆستەڭ بويى كوچىسى، ھېيتكاھ جامەسى بويىدىكى ئاۋات كوچىغا جايلاشقان يۈز يىللىق كونا چايخانا ختتاينىڭ جەنۇبىدىكى چاي دەرەخلىرى يوپۇرمىقى قەدىمىي يېپەك يولى ئارقىلىق ياۋروپا، جەنۇبىي ئاسىياغا تارقالغاندا، خۇشپۇراق چايلار قەدىمىي قەشقەردىمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. چايخانا ئېچىش بەك پۇل تاپقىلى بولىدىغان كەسپمۇ ئەمەس.

You May Like