نۇرى تۈركەلنىڭ «قېچىش يولى يوق »ناملىق كىتابى رەسمىي نەشردىن چىقتى، ساھەلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا

نۇرى تۈركەلنىڭ «قېچىش يولى يوق »ناملىق كىتابى رەسمىي نەشردىن چىقتى، ساھەلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا

 نۇرى تۈركەلنىڭ «قېچىش يولى يوق »ناملىق كىتابى رەسمىي نەشردىن چىقتى، ساھەلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا

ئەكرەم ئىمىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 10-ماي

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىدارە رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەلنىڭ ھاياتى كەچمىشلىرى، سىياسىي ھاياتى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەلىك كەچمىشلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن تەرجىمىھال خاراكتېرلىك ئەسىرى 10-ماي كۈنى رەسمىي نەشردىن چىقتى.

مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا تەمىنلەنگەن ئېلېكترونلۇق تونۇشتۇرۇلما قىسمىدا دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئەسەر نۇرى تۈركەل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇستەملىكىچىلىك، قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان تەربىيەلەش لاگېرلىرىدىن باشلايدۇ.ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى، ئوقۇش ۋە ئامېرىكىغا كېلىش ھاياتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرما سىياسەتلىرىنى كۆلەڭگە قىلىدۇ. 

ئاپتور ئۆزىنىڭ شەخسى ھايات ھېكايىلىرى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مۇستەملىكە ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ  كېلىپ چېقىش تارىخىنى تونۇشتۇرىدۇ.

نۇرى تۈركەل ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى:

«مەن كىتابنى يېزىش جەريانىدا، دۇنيا تارىخىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقلار ھەققىدىمۇ مەخسۇس ئىزدەندىم. يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى ھولوكاستنىڭ كېلىپ چېقىشى ۋە ئىپادىلىرى، يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلار ئۈستىدىمۇ ئۆگەندىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ خاراكتېرى ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، خىتاي ئۆزىگە خاس بولغان قىرغىنچىلىق ئۇسۇلىنى ئىجات قىلغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يۇقىرى تېخنىكىغا تايانغان، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ۋاسىتە قىلغان، پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى بولغان ئەرزان ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن كېلىدىغان مەنپەئەتكە باغلىغان، بۇ خىتاينىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى يورۇتۇش ۋە دۇنيانى ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتلەندۈرۈشتە جىددىي نۇقتىلاردىن بىرى.

ئاپتور يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا  تېررورىزم قالپىقىنى كەيدۈرۈشتە قوللانغان تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە ئويۇنلىرىنىڭ ئارقا پەردىسىنى ئىچىپ تاشلايدۇ.بۇ ساھەدە ئۇ 2002-2003-يىللىرى -گۇۋەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىماسىنى تازىلاش ھەرىكىتىدىن تاكى مايىك پومپونىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس سۆزىدىن بىلىنكىننىڭ ئۇيغۇرلار تېررورچى ئەمەس دېگەن سۆزىگىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت دىنامىكىسنى تونۇشتۇرىدۇ.

ئاپتور نۇرى تۈركەل كىتابتا نەچچىلىگەن لاگېر شاھىتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشىدۇ.

خىتايغا پرىنسىپ ئاساسىدا قاتتىق سىياسەت قوللىنىشنىڭ توغرا، ئۈنۈملۈك ئىش ئىكەنلىكى، قاتتىق سىياسەت قوللىنىشنىڭ دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەرتىپ ۋە مەنپەئەتكە  ھېچقانداق زىيىنى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ  پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش غەرب ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ ۋىجدانى ۋە  تارىخى مەسئۇلىيىتى ۋە ئۆز غۇرۇرىنى قوغدايدىغان پۇرسىتى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ھەتتا ئۆز ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە شارائىت يارىتالايدۇ. ئۇيغۇر مەسىلىسى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئىشى ئەمەس.»

كىتاب نەشر قىلغۇچى ( HarperCollins Publishers) ئىنگلىز تىلىدىكى بەش چوڭ نەشرىياتنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسەرنىڭ تارىخى چىنلىقى، تىلى، ۋەقەلىكنىڭ مۇھىملىقى ۋە بازارلىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى نەشرىيات ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر كىتاب -پەقەت بىر ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدىنلا ئەمەس، شۇنداقلا كۆزەتكۈچى نۇقتىسىدىنمۇ يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى 30 يىللىق ھاياتىنى كۆپ قاتلام بويىچە ئىلمى شەكىلدە بايان قىلىپ، غەربتىكى ئوقۇرمەنلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇر شەكلى، ھاياتى،خىتايلاردىن پەرقلىنىدىغان تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئامىللىرىنى يورۇتۇپ بېرىشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەزكۇر كىتابقا سابىق پرېزىدېنت تىرامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مۇئاۋىنى مات پوتتىنگىر قاتارلىق نەچچە ئونلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن باشقا يەنە نەچچە ئونلىغان مۇتەخەسسىس، پىروفىسورلارغىچە پىكىر بايان قىلىپ، كىتابنى ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلغان.

كىتاب 10-ماي كۈنى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدە بىرلا چاغدا تارقىتىلغان بولۇپ، بىرىنچى كۈنىلا ساھەلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتلىرى ئايروپورتتا كېسىۋېتىلگەن

چا ماي 11 , 2022
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورتلىرى ئايروپورتتا كېسىۋېتىلگەن

You May Like