پرېزىدېنت ترامپ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيتىنى باشلاشنى تەستقلىدى.

پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە سايلانغۇچى جوۋ بايدىنغا ھوقۇق ئۆتكۈزۈش قەدەم باسقۇچلىرىنى باشلاشنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئافراسياپ
23- نويابىر، ۋاشىنگتون

 

پرېزىدېنت ترامپ  ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە سايلانغۇچى جوۋ بايدىنغا ھوقۇق ئۆتكۈزۈش قەدەم باسقۇچلىرىنى باشلاشنى ئېلان قىلدى.

 

بۇنىڭ سەل ئالدىدا مىچىگان شتاتى بايدىننى ئۇتقۇچىلىق كېنىشكىسى تارقاتقان ئىدى.

 

پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى سايلام نەتىجىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان دەۋا-دەستۇرى سوت تەرىپىدىن نەتىجىسىز ئاياغلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

 

ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىدارىسى ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىدىكى ئاساسلىق ئورگان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى بۇ ئىدارە باشلىقى مۇرفى خانىم بايدىننىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈش باسقۇچىنى باشلىسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئارقىدىنلا پرېزىدېنت ترامپ  تۋتتېردا ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلارغا مۇناسۋەتلىك قائىدە – باسقۇچلارنى باشلاشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى، مۇرفىنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 

ھوقۇق ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىدىكى ئالدىنقى خىزمەت دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشتىن باشلىنىدىغان بولۇپ، ترامپ  ھۆكۈمىتى بايدىننىڭ بۇ ھوقۇقىنى چەكلىگەندىن كېيىن، مۇناسۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى بايدىنغا ئىشخانا سىرتىدا ئايرىم دوكلات قىلغانلىقىنى تاراتقۇلار كۆپلەپ خەۋەر قىلغانىدى. ھوقۇق ئۆتكۈزۈشتە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيەسى، ھەر قايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە فۇنكسىيىسى قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ، نورمالدا سايلام نەتىجىسى 3- نويابىر ئېلان قىلىنغاندىن تاكى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغۇچە 70 كۈن ئەتراپىدىكى ۋاقىتتا ۋەزىپە ۋە ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان. بايدىن تەرەپ ترامپنى بۇ باسقۇچقا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىمەكتە.

 

پرېزىدېنت ترامپ  ۋە ئۇنىڭ سايلام ئەترىتى دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، سايلامدا سىستېمىلىق ساختىلىق بار دەپ قارىغان ۋە بۇ ھەقتە سوتقا ئەرز قىلغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ تاراتقۇلىرى، جۈملىدىن مۇتلەق كۆپچىلىكى سولچىل ۋە بىر قىسىم ئوڭچىل تاراتقۇلىرى بايدىننى يەڭدى دەپ ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىقىنى ئامېرىكا دېموكراتىيىسىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىق، دۆلەت مەنپەئىتىدىن شەخسىي مەنپەئەتنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويغانلىق دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

 

سايلام ھەر قايسى شتاتلارنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ئورگانلىرى، شتاتلىق مەھكىمە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم شتاتلار بايدىننىڭ يەڭگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت ترامپ  ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى نارازى بولغان ئىدى.

 

ترامپنىڭ تۋتتېردا بۇ ھەقتە پىكىر بىلدۈرۈشى بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرى ھەققىدە مۇناسۋەتلىك مەسىلىلەر ئاخباراتنىڭ مۇھىم تېمىسى بولدى.

 

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بايدىننىڭ خىتايغا ترامپتەك قاتتىق قول بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە بىر قىسم پائالىيەتچىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايدىن ھۆكۈمىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرمەكتە ۋە بارلىق ئاماللار بىلەن بايدىننى خىتايغا دوستانە مۇئامىلە قىلىشتىن چەكلەيدىغان ھەرىكەتلەرنى تەشەببۇس قىلماقتا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

دۇنيا خرستئانلىرىنىڭ داھىيسى پوپ فرانسىس ئاخىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆز قىلدى.

سە نويابىر 24 , 2020
كاتولىك دىنى پوپى فرانسىس يېقىندا نەشر قىلىنغان بىر كىتابتا ئۇيغۇرلارنى «ئېزىلگۈچى خەلق » دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى روھىنگالىقلار ۋە يازىدىلارغا ئوخشاش ئازاب چېكىۋاتىدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ پۈتۈن دۇنيا مېدىيالىرىنىڭ كۈچلۈك خەۋەر قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۈچ يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

You May Like