تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن 2022-يىللىق شېۋىتسيە تۇچولسكى مۇكاپاتىغا ئېرشتى

ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى تەرىپىدىن ئۆز مىللى كىملىكى ۋە ئەدەبى ئەمگەكلىرى سەۋەبلىك قاماققا ئىلىنغان تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇر پەرھات تۇرسۇن 30-سىنتەبىر كۈنى شېۋتسيەنىڭ تۇچولسكى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشكەن.

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن 2022-يىللىق شېۋىتسيە تۇچولسكى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرشتى.

 

ئۇيغۇر مۇخبىر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 30-سىنتەبىر

 

ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى تەرىپىدىن ئۆز مىللى كىملىكى ۋە ئەدەبى ئەمگەكلىرى سەۋەبلىك قاماققا ئىلىنغان تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچى، ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى پەرھات تۇرسۇن 30-سىنتەبىر كۈنى شېۋتسيەنىڭ تۇچولسكى  مۇكاپاتىغا ئېرشكەن.

 

مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ پەرھات تۇرسۇنغا بىرىلىش سەۋەبىگە مۇنداق يېزىلغان:

«مەدەنى چەكلىمىلەر ۋە ئېتنىكسياسى باشتۇرۇشلارغا قارىماستىن، ئ‍نسان ھاياتى تەجرىبىسنى ئاز سانلىق نۇقتسدىن ناھايتى تەبئى ۋە چوڭقۇر،  تەسرلىك ھالدا ئېپادىلەپ بەرگەنلىكى، ئەدەبىيات ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاۋاز بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرھات تۇرسۇنغا 2022-يىللىق تۇچولسكى مۇكاپاتى بېرىلدى

 

مەزكۇر تۇچولسكىي مۇكاپاتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى سۈرگۈنگە مەجبۇرلانغان يازغۇچى ياكى نەشرىياتچىلارغا بېرىلىدىكەن. ئالاقىدار كىشلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۈرىشچە، بۇ مۇكاپات پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئارقا كوچىلار» ناملىق رومانىغا بىرىلگەن بولۇپ، بۇ مۇكاپات پەرھات تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ختتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۈچۈن مۇھىم مۇكاپات ھسابلىنىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

جۈ سېنتەبىر 30 , 2022
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى ئەللامە، ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ جىنازىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاتارغا بارغان ئۇستاز مەھمۇدجان داموللامنىڭ قاتار زىيارىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

You May Like