پېلوسى:ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك 2 قانۇن لايىھىسى قاراپ چىقىلىدۇ

ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نانسىي پېلوسى جۈمە (18- سىنتەبىر) كۈنى مۇنداق دېدى: پارلامېنت ئەزالىرى كېلەر ھەپتە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىگە قاراپ چىقىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى، 2020-09-19
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020-09-19

 

ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نانسىي پېلوسى جۈمە (18- سىنتەبىر) كۈنى مۇنداق دېدى: پارلامېنت ئەزالىرى كېلەر ھەپتە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈرلۈك قانۇن لايىھىسىگە قاراپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر بولسا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش، يەنە بىر تۈرى بولسا ئاشكارا بازارغا كىرگەن ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتە تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىش.

 

بۇ كالېفورنىيىلىك دېمۇكراتچىلار پارتىيىسىدىن بولغان پېلوسى: «ئەگەر بىز سودا مەنپەئەتى سەۋەبىدىن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشنى رەت قىلساق، ئۇنداقتا بىز دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا سۆز قىلىشتىن ئىبارەت ئەخلاقىي ھوقۇقىمىزنى يوقىتىمىز.» دېدى.

 

مەنبە: https://www.voachinese.com/a/pelosi-congress-xinjiang-forced-labor-bills-20200918/5589039.html

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تاساددىپىي ئۆلۈم ۋەقەسى بىلەن ئۇزۇن يىل سۈكۈتتە تۇرغان بىر سىرلىق قوشۇن ئۆزىنى كۆرسەتتى

شە سېنتەبىر 19 , 2020
ۋاشىنگتون: ھېندىستاننىڭ ئانچە بىلىنمىگەن بىر سىرلىق تىبەت قوشۇنى 58 يىل «سۈكۈتتە» تۇرغاندىن كېيىن، بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقە سەۋەبىدىن كىشىلەر ئالدىدا پەيدا بولدى. ھېندىستاندىكى بىر تىبەت پائالىيەتچى ئاساسلىقى تىبەتلەردىن تەركىب تاپقان بۇ خىل قوشۇننىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سۈرگۈندىكى تىبەتلىكلەرنىڭ تىبەتكە قايتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like