پارتلاتقۇچ: ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتتىكى پارتىيسى ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن ۋاز كەچتى

مەنبەسى: ئەنگىلىيە مۇھاپىزەتچى گېزىتى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن تۇرسۇنجان

ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى لايبور پارتىيەسى داۋىد لاممىنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى ختايغا بارىدىغان سەپىرى ئالدىدا ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى رەسمىي «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشنى تەلەپ قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىدۇ، ئاندىن شەنبە كۈنى شاڭخەيگە بارىدۇ دەپ كۈتۈلمەكتە.

بۇ سەپەر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ختايغا بولغان مۇئامىلىسىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ، مىنىستىرلار ئالاقىنى ياخشىلاش ۋە يېقىنراق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشماقتا. ئەنگلىيە بىلەن ختاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەر يىلى 110 مىليارد فونت ستېرلىڭغا يېتىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ يولىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ئۇلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئىتتىپاقداشلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا ختاي بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، ئەنگلىيەنىڭ بولسا كەينىدە قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكتە.

بۇ قېتىملىق دىپلوماتىك يېقىنلىشىشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، لايبور پارتىيەسى ختاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتكە قىلغان مۇئامىلىسىگە قارىتا قاتتىق پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتى.

ختاي «شىنجاڭ» رايونىدا ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىغان بولۇپ، بۇ يەردە يىللاردىن بۇيان قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە جىنسىي خورلاش قىلمىشلىرى ھەققىدە ئەرزلەر بولۇپ كەلگەن.ختاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن «قايتا تەربىيەلەش» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا.

ياۋروپا پارلامېنتى بۇ ھەپتە ختاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلەيدىغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان جىددىي قارار ماقۇللىدى.

ھۆكۈمەتنى قولغا ئالمىغان ۋاقتىدا، لايبور پارتىيەسى ختاينىڭ قىلمىشىنى «ئىرقى قىرغىنچلىق» دەپ جاكارلايدىغان ۋە ھۆكۈمەتنى ب د ت ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق بۇنى رەسمىي تونۇشقا تىرىشىشقا چاقىرىدىغان پارلامېنت تەكلىپىنى قوللىغان.

ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيا ئ‍شلىرى مىنىستىرى ستېفېن كىننوك 2021-يىلى بۇ ئىشنى خەلقئارالىق سوتلارغا قالدۇرۇش يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ختاينىڭ تەكشۈرۈشكە ماقۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

كىننوك پارلامېنتقا مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشىسى، سالاھىيەتلىك خەلقئارالىق سوت بۇ دەلىللەرنى تەكشۈرۈشى كېرەك، ئەمما خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوتى ياكى خەلقئارالىق ئەدلىيە سوتىنىڭ بۇنداق قىلىش ئېھتىماللىقى يوق، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن ختاينىڭ ماقۇللۇقى كېرەك بولىدۇ.»

«تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسى توغرىسىدا خەلقئارالىق ئەدلىيە سوتىدىن مەسلىھەت پىكىر سورايدىغان ئومۇمىي يىغىن قارارىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك. بىز يەنە باشقا خەلقئارالىق شەرتنامە ۋە كېلىشىملەر ئارقىلىق قانۇنىي يوللارنى ئىزدىنىشىمىز كېرەك.»

لاممى 2023-يىلى فابىئان جەمئىيىتىنىڭ پائالىيىتىدە بۇنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ۋە لايبور ھۆكۈمىتىنىڭ «شېرىكلىرىمىز بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىپ» ختاينىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلاشنىڭ قانۇنىي يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمما ھۆكۈمەتتىكى بىر مەنبە مۇھاپىزەتچى گېزىتىگە «ئىرقى قىرغىنچىلىقنى بېكىتىش- سالاھىيەتلىك خەلقئارالىق سوتلارنىڭ قارار چىقىرىشىغا باغلىق» دېگەن.

تاشقى ئىشلار، دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ بىر باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە، جۈملىدىن ختاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئەندىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە خەلقئارالىق شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ختاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن تېرشىدۇ.»

لاممىنىڭ ختايغا ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى پەيشەنبە كۈنىختاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلدى.

زىيارەتتىن خەۋەردار ئەنگلىيەلىك بىر كارخانىچى لايبور پارتىيەسىنىڭ رىشى سۇناك ۋە بورىس جونسوننىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىستراتېگىيەنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سۈرەتتە ئەنگىلىيە تاشقى ئ‍شلار منستىرى لاممى ۋە ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرى ۋاڭيى بېجىڭدا بۈگۈن ئۇچراشتى.

سۈرەت مەنبەسى:مۇھاپىزەتچى گېزىتى

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا سېكۇلەر ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى ھەققىدە بايانات

يە ئۆكتەبىر 20 , 2024
2024-يىلى 19-ئۆكتەبىر، پارىژ مەنبەسى:ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئېجتىمائى تاراتقۇ ھېساۋاتى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى بۇ يىل ئۆكتەبىرنىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگە قەدەر، فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدە ئالتە كۈنلۈك خەلقئارا سېكۇلەر ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئوخشىمىغان ئىجدىمائىي ۋە ئىقتىسادى كۆرۈنۈش، ئوخشىمىغان خىزمەت ۋە ئوقۇش، ئوخشىمىغان تىلغا ئىگە 70 چە ئۇيغۇر ياش […]
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى

You May Like